مۇسۇلمانلار

سۈننەتنىڭ قازاسى كېلەمدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ئاللاھ تەئالا تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە بولغان ئارلىقتا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان. سىزنىڭ شۇ ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇشىڭىز پەرزدۇر. ئاللاھنىڭ دىنىدا بامدات نامىزى دېيىلسە، مانا بۇ ئىككى رەكئەت ناماز مەقسەت قىلىنىدۇ.

ھەدىس كىتابلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بامدات نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە يەڭگىلغىنا ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بامدات نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان ئەنە شۇ ئىككى رەكئەت نەپلە نامازنى، ئاللاھتىن قورقمايدىغانلار بامدات نامىزىغا قوشۇپ ئۇنى تۆت رەكئەت قىلىپ بېكىتىشكەن.

شۇنىڭ بىلەن كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «بامدات نامىزى تۆت رەكئەت؛ ئىككى رەكئەت سۈننەت، ئىككى رەكئەت پەرز؛ پەرزنى ئوقۇمىساق قىيامەت كۈنى ئاللاھ تەئالا غەزەپ قىلىدۇ، سۈننەتنى ئوقۇمىساق قىيامەت كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كايىيدۇ» دېگەن ئېتىقاد پەيدا بولغان. مانا بۇ، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتكەنلىكتۇر، ئاللاھتىن قورقمىغانلىقتۇر.

ئۇنداق يالغانچىلارنىڭ تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشلىرى كېرەك:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالانىڭ شېرىكىما؟ ئۇ، قىيامەت كۈنى ئىنسانلاردىن ھېساب ئېلىش ئىشلىرىدا ئاللاھ تەئالاغا ياردەملىشەمدا؟ ياكى ئۆز ئالدىغا بىر ھېساب مەيدانى قۇرۇپ، سۈننەت نامازلارنى ئوقۇمىغانلارنىڭ تەرىگە بىردىن تۈكۈرۈپ چىقامدۇ؟ ياكى ھەممىسىگە بىر ـ بىرلەپ ھومىيىپ چىقامدۇ؟

كەسكىن قىلىپ ئېيتىمەنكى: بۇ بىر شېرىك ئېتىقاددۇر! چۈنكى سۈننەت دەپ ئاتىلىپ كەلگەن نامازلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن ئېتقاندا نەپلە نامازدۇر. نەپلە نامازنى ئوقۇسا ساۋاب بولىدۇ، ئوقۇمىسا گۇناھ بولمايدۇ. مەسىلە بۇ قەدەر ئوچۇق!

ئۇ نامازلارنىڭ ئىسمىنى سۈننەت قويغان، شۇندقلا ئۇ نامازلارنى ئاللاھ بۇيرۇغان نامازلارنىڭ ئالدى ـ كەينىگە قوشۇپ، ئۇلارنىڭ رەكئەت سانىنى كۆپەيتكەنلەر، تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، «سۈننەتنى ئوقۇمىسا قىيامەت كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كايىيدۇ» دېگەن يالغان سۆزنى ھەتتا شېرىك ئېتىقادنى ئويدۇرۇپ چقىپ، مۇسۇلمانلارنى قۇرئان ـ ھەدىستىكى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېساب بېرىدۇ.

قېرىندىشىم! بىزنىڭ، ئۇ يالغانچىلارنىڭ يولىدا مېڭىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق. بىزنىڭ مۇسۇلمان بولۇش يەنى ئاللاھ تەئالاغا بويسۇنۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋەزىپىمىز بار، خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر ئىشتا بىر ئىشلەتكەن ئەقلىمىزنى دىنى ئىشتا مىڭ ئىشلىتىشىمىز كېرەك.

سىزگە بىر ئۇستازىمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى دەپ بېرەي: «توخۇنىڭ پوق يېگىنىنى كۆرسەڭلار مەيلى، لېكىن مۇنداق يەيدىكەن دەپ يەپ سالماڭلار». بۇ، ئۆز ۋاقتىدا مەن ئۈچۈن بىر نەسىھەت ئىدى، ھازىر بىر ۋەسىيەتكە ئايلاندى!

بۇلاردىن كېيىن سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى:

پەيغەمبەر ئەلەيسسالام ئوقۇغاندەك بامدات نامىزىغا مەسچىتكە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆيىڭىزدە ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ، ئاندىن بامدات نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە چىقسىڭىز ۋە جامائەت بىلەن بامدات نامىزىنى ئوقۇسىڭىز ئەڭ ئەۋزەل ئىش قىلغان بولىسىز.

ئۆيىڭىزدە ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەت نەپلە نامازنى ئوقۇش، ئوقۇماسلىق سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزغا قويۇلغان بىر ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇمىسىڭىز ھېچ گۇناھكار بولمايسىز. نەپلە نامازنىڭ قازاسى دەپ بىر گەپمۇ يوقتۇر!

ئەگەر مەسچىتكە بۇرۇنراق چىقىپ، ئۇ ئىككى رەكئەت نەپلىنى مەسچىتتە ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇنى چەكلەيدىغان بىرەر دەلىل يوق.

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم

ئۇنداقتا پەيغەمبەر ئەلەيسالامنىڭ پەرىزنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇقىغان نامىزىنىڭ ھەممىسى نەپلە ناماز بۇلارنى ئۇقىغاندا سۇننەت دەپ نىيەت قىلامدۇق نەپلە دەپمۇ؟ ئنىغاراق چۇشەندۇرۇپ كويغان بوسىلا ئاللا ھەممىمىزگە توغرىسىنى بىلگىلى نىسىپ ئەيلىسۇن.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! پەرز ئىبادەتلەردىن باشقىسى ھەممىسى نەپلە ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. نامازنىڭ نىيتىنى ئاغزىدا سۆزلەش بىدئەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئەگەر پەرز نامازلارنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى نەپلە نامازلاردىن قانداقلا بىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز كۆڭلىڭىزگە «مەن ھازىر ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مانچە رەكئەت ناماز ئوقۇيمەن» دېگەن مەقسەتنى پۈكۈپ تۇرۇپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ باشلىسىڭىز بولىدۇ.

ئاللاھ تەئالا بۇيرۇغان بەش ۋاقىت نامازدىن قانداقلا بىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز كۆڭلىڭىزگە «مەن ھازىر ئاللاھ تەئالا مېنى مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇشقا بۇيرۇغان نامازنى ئوقۇيمەن» دېگەن مەقسەتنى پۈكۈپ تۇرۇپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ باشلىسىڭىز بولىدۇ.

ئاللاھ ئىبادەتلىرىڭىزنى قوبۇل قىلسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر