مۇسۇلمانلار

چوڭ شېرىكلەرنى بىلىۋېلىڭ

چوڭ شېرىكلەرنى بىلىۋېلىڭ
تەييارلىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
1 – ئاللاھ تەئالادىن غەيرىيگە دۇئا قىلىش.
يەنى رىزىق، شىپالىق، ھىدايەت، شاپائەت، ئىلىم… قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەنبىيالاردىن ياكى ئەۋلىيالاردىن ۋە ياكى قانداقلا بىر «ئۇلۇغ زات» دىن تىلەش ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلغۇچى مۇشرىكتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
ئا – «ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلمىغىن. ئەگەر ئۇلارغا دۇئا قىلساڭ، چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن»- (يۇنۇس 10/106).
بۇ ئايەتتىكى «زالىملاردىن» ئىپادىسى «مۇشرىكلاردىن» دېگەن بولىدۇ. چۈنكى لوقمان (31 – سۈرە) سۈرىسىنىڭ 13 – ئايىتى (نىڭ مەتنى) دە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ «ناھايىتى چوڭ زۇلۇم» ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى «لاتەدئۇ» غا ئۆز مەنىسى بولغان «دۇئا قىلمىغىن» دېگەن مەنانى بېرىش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە يەردە «لا تەئبۇد، لاتەئبۇدۇ (ئىبادەت قىلمىغىن، ئىبادەت قىلماڭلار)» دەيدۇ. بىرقانچە يەردە بولسا، «لاتەدئۇ، لاتەدئۇۇ (دۇئا قىلمىغىن، دۇئا قىلماڭلار)» دەيدۇ. بۇلارنىڭ پەرقى بار. بۇ كەلىمىلەرنىڭ مەنىسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش تولىمۇ خەتەرلىكتۇر.
ب – «ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ پادىشاھىدۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگىمۇ ئىگە بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنى چاقىرىساڭلار، چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاب قايتۇرالمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇ زاتلار، سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ»- (فاتىر 35/13، 14).
ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتلەردىكى «تەدئۇنە» كەلىمىسىگە ئۆز مەنىسى بولغان «دۇئا قىلىسىلەر» دەپ مەنا بېرىلسە، ئەقىللىق مەخلۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نىسپىي ئالماش «ئەللەزىينە» گە ئەسلى مەنىسى بولغان «زاتلار» دەپ مەنا بېرىلسە، «ۋە يەۋمەلقىيامەتى يەكفۇرۇنە» دىكى «يەكفۇرۇنە» نىڭ فائىلى بولغان ۋاۋ بىلەن نۇن، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىر قىسىم ئىنسانلار تەرىپىدىن مەبۇد قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغانلارنىڭ تاشتىن، ياغاچتىن… ياسالغان بۇتلار ئەمەس، بەلكىدە ئەقىللىق مەخلۇقلار ئىكەنلىكى دىققەتكە ئېلىنسا ئايەتنىڭ تەرجىمىسى يۇقىرىدىكىدەك بولىدۇ.
ج – «ئاللاھنى قويۇپ، قىيامەتكىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر.
ئىنسانلار ھەشىر قىلىنغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇلارتەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ»- (ئەھقاف 46/ 5، 6).
بۇ ئايەتنى تەرجىمە قىلىشتىمۇ نۇقتىلىق كەلمىلەرگە ئۆز مەنىسى بېرىلسە ئايەتنىڭ مەنىسى يۇقىرىدىكىدەك بولىدۇ. ئۇ نۇقتىلىق كەلىمىلەرگە بەزى تەپسىر ۋە تەرجىمىلەردە باشقا كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرى بېرىلىدۇ. مەسىلەن:
1 – «يەدئۇ» غا «يەئبۇدۇ» مەنىسى بېرىدۇ.
2 – «مەن» گە «ما» مەنىسى بېرىلىدۇ.
3 – «ھۇم» غا «ھىيە» ياكى «ھۇننە» مەنىسى بېرىلىدۇ.
4 – «غافىلۇن» غا «غافىلەتۇن» ياكى «غافىلاتۇن» مەنىسى بېرىلىدۇ.
5 – «كانۇۇ» غا «كانەت» ياكى » «كۇننە» مەنىسى بېرىلىدۇر.
6 – «كافىرىينە» گە «كافىرەتەن» ياكى «كافىراتىن» مەنىسى بېرىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن مازار-ماشايىختىن قەبرە-گۈمبەزدىن، ئەنبىيا-ئەۋلىيادىن مەدەت تەلەپ قىلىدىغان كىشىلەر مۇشرىكلىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ. ھالبۇكى يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، ئاللاھدىن غەيرىيگە دۇئا قىلىشنىڭ، ئاللاھغا شېىرك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا خەتمە ئوقۇدۇق دەپ بىرقانچە كىشى بىر يەرگە يىغىلىپ كىچىك بىر خالتا تاشنى سانايدىغان ئىش بار. بۇ تاش ساناش ئىشىدا بەزى ئايەتلەردىن بىرەر جۈملە ياكى بىرەر كەلىمە ئېلىنىپ، بىرقانچە قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ. شۇنىڭدەك بەزى ھەدىسلەردىن بەزى سۆزلەر تاللىنىپ بىرقانچە قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ. ئايەتتە ياكى ھەدىستە يوق بەزى سۆزلەرمۇ بىرقانچە قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن:
«يا ھەزرەتى سەيىد شەيخ مۇھيىددىن مۈشكۈل كۇشايى بىلخەيرى ئەلمەدەت» دېگەن سۆز 111 قېتىم ئوقۇلىدۇ. بۇ سۆز ئەسلىدە پارىسچە بولۇپ مەنىسى: «ئى جانابى خوجا پىر مۇھيىددىن! مۈشكۈلنى ئاسان قىل، بىزگە ياخشىلى ئاتا قىل، بىزگە ياردەم قىل» دېگەن بولىدۇ.
«يا ھەزرەتى غەۋس! ئەغىسنا» دېگەن سۆز 111 قېتىم ئوقۇلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى: «ئى ياردەم قىلغۇچى جاناب! بىزگە ياردەم قىل!» دېگەن بولىدۇ. مانا بۇ ئىككى سۆزنى، مەنىسىنى بىلىپ ۋە شۇنداق ئېتىقاد قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان كىشى بىر قېتىملىق خەتمىدە 222 قېتىم مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ.
2 – ئاللاھدىن غەيرىينى غەيبنى بىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش.
يەنى ئەنبىيالار، ئەۋلىيالار غەيبنى بىلىدۇ، دەپ قاراش شېرىكتۇر. «ئالىمنىڭ يېنىدا تىلىڭنى يىغ، ئەۋلىيانىڭ يېنىدا دىلىڭنى يىغ» دېگەن سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ئېتىقاد قىلىپ تۇرۇپ سۆزلىگەن كىشى مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى تۆۋەندە قۇرئان كەرىمدىكى ئورنى كۆرسىتىلگەن ئايەتلەر غەيبنى پەقەت ئاللاھنىڭلا بىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
ئەنئام 6/50، 59، 73؛ ئەئراف 7/188؛ تەۋبە 9/94، 105؛ يۇنۇس 10/20؛ ھۇد11/31؛ رەئد13/9؛ مۇئمىنۇن 23/92؛ نەمل 27/65؛ سەجدە 32/6؛ سەبەئ 34/3؛ زۇمەر 39/46؛ ھەشر 59/22؛ جۇمۇئە 62/8؛ تەغابۇن 64/18؛ جىن 72/26.
3 – ئاللاھدىن غەيرىينى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈش.
 يەنى ئەنبىيالار، ئەۋلىيالار ۋە «ئۇلۇغلار»… قاتارلىقلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈش شېرىكتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«شۇنداق ئىنسانلارمۇ باركى، بەزى مەخلۇقلارنى ئاللاھغا ئوخشاش دەپ قارايدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ – مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ- بۇ خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلار پۈتۈن قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھغا مەنسۇب ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ بەك قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا بىلگىنىدەك ھازىرمۇ بىلگەن بولسا كاشكى»- (بەقەرە 2/165).
4 – ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ غەيرىيگە ئىتائەت قىلىش.
يەنى ئۆلىما ۋە ماشايىخلارغا ئىتائەت قىلىش يۈزىسىدىن ئاللاھ چەكلىگەن ئىشنى قىلىش ياكى ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشنى قىلماسلىق ۋە بۇنى توغرا دەپ قاراش شېرىكتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزىلىرىنىڭ دىنى ئالىملىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى»- (تەۋبە 9/31).
بۇ ئايەت ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال، ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھارام قىلىپ بەرگەن ئۆلىمالىرىغا ئىتائەت قىلىشلىرىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا قۇرئان ئەھلىنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاپ قالسا مۇشرىك بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»- (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد؛ مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131).
5 – ئاللاھ جانلىقلارنىڭ ئىچىگە چۈشىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش.
 يەنى ئاللاھ تەئالا ئۆز مەخلۇقاتلىرى بولغان جانلىقلارنىڭ ئىچىگە چۈشىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش شېرىكتۇر. «شەرىئەت ئىزدىسەڭ ئۆلتۈر يىلاننى، تەرىقەت ئىزدىسەڭ ئاغرىتما جاننى»، «گەر قولۇڭدىن كەلسە ھەرگىز مۇرچىنى ئاغرىتمىغىن» دېگەن سۆزلەر مانا مۇشۇ ئېتىقادنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى شەرىئەت بەزى زىيانداش ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ. تەرىقەت بولسا، ھەر جانلىقنىڭ ئىچىدە ئاللاھ بار، ئۇنى ئۆلتۈرسە ئاللاھنى ئۆلتۈرگەنلىك (نەئۇزۇ بىللاھ) بولىدۇ،  دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن شەرىئەت بىلەن تەرىقەتنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئىككى يول ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
6 –  كائىناتتا ئاللاھدىن باشقىمۇ تەسەررۇپ ئىگىسى بار دەپ ئېتىقاد قىلىش.
 يەنى ئەۋلىيالار كائىناتتا تەسەررۇپ قىلىدۇ، ئىش باشقۇرىدۇ، ئىش پىلانلايدۇ، ئىجرا قىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش شېرىكتۇر. مەسىلەن:
«رىزىققا پالانى ئەۋلىيا ھۆددىگەر، كېسەلنىڭ شىپاسىغا پۇستانى غۇجام ھۆددىگەر، بالىغا پوكۇنى مازار غوجام ھۆددىگەر،…» دېگەن سۆزلەرگە ئىشىنىش شېرىكتۇر. ئىشەنگۈچى مۇشرىكتۇر.
   «ھەر شەھەرنىڭ بىر قۇتبىسى بار، قۇتۇپسىز شەھەر ئۆرە تۇرمايدۇ، چىلتەنلىرىم ئۇرسۇن، پاشىيىمنىڭ تۇزى تۇتسۇن، پىرىمگە تاپشۇردۇم، غۇجام ئۇرسۇن» دېگۈچىلەر ئەگەر بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ۋە ئېتىقاد قىلىپ تۇرۇپ دېگەن بولسا، شەك-شۈبھىسىز مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ.
«قۇتبۇلئەقتاب شەيخۇلئالەم غەۋسۇلئەزەم، مەن غېرىبى ناتاۋاننى قولدارمۇسىز» دېگەن ھۆكمەتمۇ بۇ خىل شېرىكلەرنىڭ بىر نامايەندىسىدۇر. چۈنكى بۇ سۆزنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مۇنداق: «ئى پۈتكۈل شەھەرلەرنى ئۆرە تۇرغۇزۇۋاتقان قۇتۇپلارنىڭ قۇتبى (ئەڭ بۈيۈك قۇتۇپ)! ئى ئالەمنىڭ پىرى! ئى ئەڭ بۈيۈك ياردەمچى! مەندەك ئاجىز بىر غېرىپقا ياردەم قىلىڭ».
ئۇلار ھۆكمەتنىڭ بۇ قىسمىدا ئابدۇقادىر جىلانى (1078 – 1166م؛ 471 – 561 ھ) دىن ياردەم تىلەيدۇ، شۇنداقلا «ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىين (ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)»- ئايىتىنى كۈندە بىرقانچە قېتىم ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھ تەئالاغا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغان بولىدۇ. نەتىجىدە مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ.
7- ئاللاھدىن غەيرىينى پايدا-زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش.
يەنى ئەۋلىيا-ماشايىخلار پايدا-زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇلاردىن قورقۇش ياكى ئۇلارغا ئۈمىد باغلاش شېرىكتۇر. ئاللاھ تەئالا بۇ خىل ئېتىقادنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىكى مۇشرىكلارنىڭ ئېتقادى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى قوغداشقا يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ مۇشرىكلار سېنى ئاللاھدىن باشقا مەبۇدلىرى بىلەن قورقۇتىدۇ»- (زۇمەر 39/36).
ئولۇغلىرىمىزنىڭ روھلىرى خۇش بولسۇن دەپ ئىسرىق سېلىش، ياغ پۇرىتىش ۋە قان قىلىش، يېڭى تۇغۇلغان بالىنى «مازار غوجام» غا ئاپىرىپ ئات قويۇش… قاتارلىق ئىشلار مانا بۇ خىل شېرىكلەرنىڭ قاتارىدىندۇر.
  8 – ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلماسلىق.
يەنى ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى قوبۇل قىلماسلىق ياكى ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرى ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ دەپ قاراش، ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىگە خىلاپ كېلىدىغان ھۆكۈملەرنى، توغرىلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىش ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر.
 9 – مۇشرىكلارنى مۇشرىك دەپ ئېتىقاد قىلماسلىق.
 يەنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شېرىكلەردىن بىرىنى قىلغان كىشىنى مۇشرىك ئەمەس، ياكى مۇسۇلمان دەپ ئېتىقاد قىلىش ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. چۈنكى يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تەئالا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ مۇشرىك ئىكەنلىكىنىمۇ ئاللاھ تەئالا ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ ئىشلارنى شېرىك، قىلغان كىشىنى مۇشرىك دەپ قارىماسلىق ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قارشى ھۆكۈم چىقارغانلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆز نەپسىنى ئىلاھ قىلغانلىق بولىدۇ يەنى ئۆزىنى ئاللاھقا شېىرك قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
   ئا – «ئېتىپ باقساڭچۇ، نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە سەن ھامىي بولالامسەن؟»- (فۇرقان 25/43). جاسىيە سۈرىسىنىڭ 23 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاشتۇر.

   ب – «دىندا ھېچ زورلاش يوق. چۇنكى توغرا بىلەن خاتا ئېنىق ئايرىلدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھغا ئىشەنگەنلەر، ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلىغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر»- (بەقەرە 2/ 256).
بۇ ئايەتتە ئاللاھغا ئىشىنىشتىن بۇرۇن، تاغۇتقا (ئاللاھدىن باشقا بارچە مەبۇد يەنى ئاللاھغا قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىبادەتلەرنىڭ بىر قىسمى قىلىنغان نەرسە ۋە كىشىلەرگە) ئىنكار قىلىشنىڭ شەرتلىكى بايان قىلىنىدۇ.
تاغۇتنى ئىنكار قىلىش، ئاللاھدىن غەيرىيگە دۇئا قىلىشنىڭ ۋە ئىبادەت ھېسابلىنىغان ھەر قانداق ئىشنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قىلىشنىڭ قەتئىي دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ئېتىقاد قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدىكى مەيدانى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار سىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئۈلگىدۇر: ئۇلار ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: بىز سىلەردىن ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن ئادا-جۇدامىز، سىلەرنى ئىنكار قىلىمىز، سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغۇچە، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىكنىڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىمىز»- (مۇمتەھىنە 60/4).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن ۋە ئاللاھدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ قېنى ۋە مېلى ھارامدۇر. ئۇنىڭ ھېسابى ئاللاھغا تاپشۇرۇلىدۇ»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇشرىكلارنى مۇشرىك دەپ ئېتىقاد قىلمىغان، ئۇلارنىڭ شېرىك ئېتىقادىنى يامان كۆرمىگەن كىشىلەر مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«مۇئمىنلار مۇئمىنلارنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى قالمايدۇ»- (ئال ئىمران 3/28).
ئاللاھغا ھەمدۇسانالا بولسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر