باش بەت > ئەھكام > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئېتىكاپ

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

1 – مەنىسى

لۇغەتتە بىر يەردە ساقلىماق، تۇرماق، ئۆزىنى ئۇ يەردە تۇتماق ۋە بىر نەرسىنىڭ يېنىدىن ئايرىلماسلىق دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئېتىكاپ (ئىتىكاف) كەلىمىسى، فىقىھ ئىستىلاھىدا (تېرمىنولوگىيىسىدە) بىر مۇسۇلماننىڭ بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇلىدىغان بىر مەسچىتتە ئىبادەت نىيىتى بىلەن، مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا بىر مۇددەت تۇرۇشىنى ئىپادىلەيدۇ[①].

2 – دەلىلى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ… ﴾

«مەسچىتلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا »[②].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى رامىزان روزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتنىڭ ئىچىدە زىكىر قىلىنىدۇ.

ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى 10 كېچىسىدە مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

باشقا بىر ئايەتتە بۇ ئىبادەتنىڭ ئىلگىرىكى ئۇممەتلەردىمۇ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذۡ جَعَلۡنَا ٱلۡبَيۡتَ مَثَابَةٗ لِّلنَّاسِ وَأَمۡنٗا وَٱتَّخِذُواْ مِن مَّقَامِ إِبۡرَٰهِ‍ۧمَ مُصَلّٗىۖ وَعَهِدۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِ‍ۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡعَٰكِفِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ ١٢٥﴾

«ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى ئىنسانلارنىڭ ساۋاب قازىنىدىغان ۋە ئامانلىقتا بولىدىغان يېرى قىلغان ئىدۇق. سىلەر ئىبراھىمنىڭ تۇرغان يەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى دۇئا يېرى قىلىڭلار. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: ‹ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاكىز تۇتۇڭلار› دەپ تاپىلىغان ئىدۇق»[③].

دېمەككى، بۇ ئىبادەت (ئېتىكاپ) ناماز ۋە روزىغا ئوخشاش پۈتۈن ئۇممەتلەردە بار.

مۇناسىۋەتلىك بەزى رىۋايەتلەر:

1 – ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئەلەيھىسسالام) رامىزاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قەدەر مۇشۇنداق داۋاملاشتى. رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئاياللىرى ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى[④].

2 – ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئەلەيھىسسالام) ئېتىكاپتا ئولتۇرماقچى بولسا ناماز بامداتنى ئوقۇپ ئاندىن ئېتىكاپخانىسىغا كىرەتتى[⑤].

3 – ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقان كىشىنىڭ كېسەل يوقلىماسلىقى، جىنازىغا قاتناشماسلىقى، ئايالىغا يېقىنلاشماسلىقى، زۆرۈر ئېھتىياجدىن باشقا بىر ئىش ئۈچۈن سىرتقا چىقماسلىقى لازىم. روزىسىز ئېتىكاپ بولمايدۇ، ئېتىكاپ پەقەت چوڭ جامەلەردىلا بولىدۇ[⑥].

3 – ئايال كىشىنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش يېرى

بۇ ھەقتە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ پەرقلىق ئىككى كۆزقارىشى نەقىل قىلىنىدۇ:

1) جۇمھۇرنىڭ كۆزقارىشى

ئاياللارمۇ ئەلەرگە ئوخشاش ئېتىكاپتا ئولتۇرماقچى بولسا مەسچىت – جامەلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇن يەر تەييارلاپ شۇ يەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ. ئۆز ئۆيىدە بىرەر جاينى ئېتىكاپخانا قىلىۋېلىپ ئۇ يەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشى توغرا بولمايدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمانىڭ (جۇمھۇرنىڭ) كۆزقارىشىدۇر[⑦].

جۇمھۇرنىڭ (كۆپچىلىك ئۆلىمانىڭ)نىڭ دەلىلى:

 (1) ئاللاھ تائالا 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 187 – ئايىتىدىكى  ﴿وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ﴾ دېگەن سۆزىدۇر. مەنىسى: «مەسچىتلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقان چېغىڭلاردا»

ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: بۇ  يەردىكى «مەسچىىتلەر» ناماز ئۈچۈن سېلىنغان مەخسۇس جايلارنى ئىپادىلەيدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ناماز ئۆتەيدىغان يېرى «مەسچىت» ئەمەس، چۈنكى ئۇ مەخسۇس ناماز ئۈچۈن سېلىنمىغان.

 (2) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىشقا رۇخسەت سورىغاندا، رۇخسەت بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىسى بۇنىڭغا دەلىلدۇر[⑧].

ئەگەر مەسچىتتىن باشقا يەردە ئېتىكاپ قىلىش ياخشى بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رۇخسەت قىلىمىغان بولاتتى.

(3) ئېتىكاپ ئەرلەر ئۈچۈن مەسچىتتە قىلىش شەرت بولغان بىر ئىبادەتتۇر. بۇ شەرت ئاياللار ئۈچۈن كۈچكە ئىگىدۇر. خۇددى تاۋاپقا ئوخشاش ئەر – ئايال مۇسۇلمانلار ھېچ پەرقسىز تاۋاپنى كەبىنىڭ چۆرىسىدە قىلغاندەك، ئېتىكاپنىمۇ مەسچىتتە قىلىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشى لازىم.

2) ھەنەفىي مەزھىپى ئۆلىمالىرىنىڭ كۆزقارىشى

ئايال كىشىنىڭ ئېتىكاپخانىسى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى مەسچىتىدۇر (نامازگاھىدۇر). بۇ ھەنەفىي مەزھىپى ئۆلىمالىرىنىڭ كۆزقارىشىدۇر[⑨].

ھەنەفىي ئۆلىمالىرىنىڭ دەلى

(1)  ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئايال بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدىن مەنئى قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر»[⑩].

بۇ ھەدىس ئايال كىشىنىڭ نامىزى ئۈچۈن ئۆيىنىڭ ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئېتىكاپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(2) ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلغىنى، خۇددى نامىزىنى ئۆيىدە ئۆتىگىنىگە ئوخشاش ئەۋزەلدۇر.

(3) ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلىشى ئۇنى تېخىمۇ يۆگەيدۇ،  مۇستەھكەم ياپىدۇ ۋە ھىم ئورايدۇ[11].

نەتىجە

ئايال كىشىنىڭ ئىتىكاپتا ئولتۇرۇش يېرى توغرۇلۇق يۇقىرىدا ئۆتكەن ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراشنىڭ بىرىنچىسىنىڭ دەلىللىرى تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر ۋە ئېتىكاپنىڭ ئېنىقلىمىسىغا تېخىمۇ يېقىندۇر، شۇنداقلا ئېلىشقا تېخىمۇ لايىقتۇر.

[①] ۋەھبە زۇھەيلى، ئەلفىقھۇلئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ، 4 – باسما (دەمەشق: دارۇلفىكر، تارىخسىز)، 3: 1749 – 1750.

[②] 2 – سۈرە بەقەرە، 187  – ئايەت.

[③] 2 – سۈرە بەقەرە، 125- ئايەت.

[④] بۇخارى، «ئېتىكاپ»، 1-18، «ئەزان»، 12، 135، «ھەيز»، 10؛ مۇسلم، «ئېتىكاپ»، 1-16؛ ئەبۇ داۋۇد، «رامىزان»، 3، «سەۋم»، 77؛ ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، «مۇسنەد»، 11: 67، 129.

[⑤] بۇخارى، «ئېتىكاپ»، (2041)؛ مۇسلىم، «ئېتىكاپ»، (1173)؛ ئەبۇ داۋۇد، «سەۋم»، (2464)؛ تىرمىزى، «سەۋم»، (791).

[⑥] ئەبۇ داۋۇد، «سەۋم»، (2473).

[⑦] شەرھۇسسەغىر ۋە ھاشىيەتۇھۇ، 1: 255؛ مەجمۇئـ، 6: 484؛ مۇغنىلمۇھتاج، 1: 451؛ مۇھەللا، 5: 193.

[⑧] بۇخارى، مۇسلىم.

[⑨] مەبسۇت، 3: 119؛ ئىختىيار، 1: 137؛ ھىدايە مەئە فەتھىلقەدىر، 3: 394.

[⑩] ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى خۇزەيمە، بەيھەقى.

[11] بەدائىئۇسسەنائىئـ، 2: 113.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ