باش بەت > ئەھكام > ئۆسۈم > تىجارەت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

2- جازانىخورلۇقنىڭ قەدەممۇقەدەم چەكلىنىشنى

بۇ بۆلۈم پەقەت چەكلىمىنىڭ تارىخى جەريانىنى تونۇش ئۈچۈنلا قەلەمگە ئېلىندى. بولمىسا جازانىخورلۇقنىڭ قەدەممۇقەدەم چەكلىنىشىنىڭ بۈگۈن بىر ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى ئايەتنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن جازانىخورلۇق قەتئىي ھالدا چەكلەنگەن، بۇ چەكلىمە ھەر زاماندا ۋە ھەر ماكاندا قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگىدۇر، شۇڭا ھېچبىر مۇسۇلمان ھېچبىر باھانە بىلەن بۇ چەكلىمىنى ئاياغ ئاستى قىلالمايدۇ، قىلسا گۇناھكار بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبن ئابباس (ر.ز) جازانىخورلۇقنى قەتئىي ھالدا چەكلەيدىغان ئايەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ[1]. بۇنىڭدىن قارىغاندا، جازانىخورلۇقنىڭ چەكلىنىشى بىلەن ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى تاماملانغان.

مۇھەممەد ئابدۇللاھ دىرازنىڭ[2] ئېنىقلىشىچە جازانىخورلۇق تۆت باسقۇچتا چەكلەنگەن. بىرىنچىسىدە پەقەت جازانىخورلۇقنىڭ يامانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىككىنچىسىدە چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي جازانىخورلۇق قىلغان يەھۇدىيلار چۈشكەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال بايان قىلىنغان. ئۈچىنچى ئايەتتە جازانىخورلۇق قىسمەن، تۆتىنچىسىدە تامامەن چەكلەنگەن[3].

بۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىنچىسى مەككىدە، قالغان ئۈچى مەدىنىدە نازىل بولغان. جازانىخورلۇقنىڭ قەدەممۇقەدەم چەكلىنىشى بىلەن مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنىڭ قەدەممۇقەدەم چەكلىنىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تولۇق بىر ئوخشاشلىق بار. مەككىدە نازىل بولغان ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَمَا آتَيْتُم مِّن رِّبًا لِّيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِندَ اللَّهِ وَمَا آتَيْتُم مِّن زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ»

«ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆسمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر قاتمۇقات كۆپەيتكۈچىلەردۇر»-(‏30-سۈرە رۇم، 39- ئايەت).

بۇ يەردە جازانىخورلۇقنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى ئەمەس، جازانىخورلۇق بىلەن كۆپىيىشنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر كۆپىيىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتىدۇر. مەست قىلغۇچى نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇنجى نازىل بولغان ئايەتمۇ بۇنىڭغا ئوخشاشتۇر:

«وَمِنْ ثَمَرَاتِ النَّخِيلِ وَالْأَعْنَابِ تَتَّخِذُونَ مِنْهُ سَكَرًا وَرِزْقًا حَسَنًا»

«سىلەر خورمىلاردىن ۋە ئۈزۈملەردىن مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ۋە ياخشى رىزىق ياسايسىلەر…»-(‏16-سۈرە نەھل، 67- ئايەت).

ئايەت مەست قىلغۇچى ئىچىملىكنىڭ ياخشى رىزىق بولمىغانلىقىغا دىققەت تارتىدۇ، پەقەت مەست قىلغۇچى ئىچىملىكنىڭ يىراق تۇرۇشقا تېگىشلىك بىر نىجاسەت بولغانلىقىدىن سۆز قىلمايدۇ.

جازانىخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى ئايەتتە ئۆزلىرىگە ھارام قىلىنغان تۇرۇقلۇق جازانىخورلۇق قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ جازالاندۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىنىڭ لازىلىملىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. ئايەت مۇنداق:

«وَأَخْذِهِمُ الرِّبَا وَقَدْ نُهُوا عَنْهُ وَأَكْلِهِمْ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا»

«ئۆزلىرى چەكلەنگەن تۇرۇپ ئۆسۈمنى ئالغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىز ئۇلارغا ئۇ پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. بىز ئۇلاردىن كافىر بولغۇچىلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق»-(4-سۈرە نىسا، 161- ئايەت).

مەست قىلغۇچى ئىچىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى قېتىمدا نازىل بولغان ئايەتمۇ ئەينى ماھىيەتتىدۇر:

«يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ قُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَا أَكْبَرُ مِنْ نَفْعِهِمَا وَيَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ قُلِ الْعَفْوَ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ»

« ئۇلار سەندىن مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن بىر قىسىم پايدىلار بار. لېكىن ئىككىسىنىڭ گۇناھى پايدىسىدىن چوڭدۇر». ئۇلار سەندىن نېمىنى چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەفۋەنى چىقىم قىلىڭلار»[60]. ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر»-(2-سۈرە بەقەرە، 219- ئايەت).

مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئۈچىنچى قېتىمدا نازىل بولغان ئايەت بىلەن قىسمەن چەكلەنگەن:

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنْتُمْ سُكَارَى حَتَّى تَعْلَمُوا»

«ئى مۇئمىنلار! سىلەر مەست چېغىڭلاردا نېمە دەۋاتقانلىقىڭلارنى بىلگىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار…»-( 4-سۈرە نىسا، 43- ئايەت).

بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ زور بىر قىسمى مەست قىلغۇچى ئىچىملىكنى ئىچىشنى تاشلىغان، بىر قىسمى بولسا ناماز ۋاقىتلىرىنىڭ تېشىدا خۇسۇسەن خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى[4].

جازانىخورلۇق مەسىلىسىدە دەسلەپكى چەكلىمە ئۈچىنچى قەدەمدە بولغان. بۇ باسقۇچتا ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆسۈم، يەنى كۆپەيگەنسېرى كۆپىيىدىغان، بارا-بارا ئانا پۇلدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغان زەنجىرسىمان ئۆسۈم چەكلەنگەن. بۇ ھەقتىكى ئايەت مۇنداق:

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»

«ئى مۇئمىنلار! قاتمۇقات ئۆسۈمنى يېمەڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-(‏3-سۈرە ئال ئىمران، 130- ئايەت). مەست قىلغۇچى ئىچىملىك تۆتىنچى قەدەمدە تامامەن چەكلەندى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»

«ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-(5-سۈرە مائىدە، 90- ئايەت).

 جازانىخورلۇقنىڭ قەتئىي ھالدا چەكلىنىشىمۇ تۆتىنچى قەدەمدە بولغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ. فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ. وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ. وَاتَّقُوا يَوْمًا تُرْجَعُونَ فِيهِ إِلَى اللَّهِ ثُمَّ تُوَفَّى كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ»

«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئانا ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋاتقىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر. ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ»- (2- سۈرە بەقەرە، 278-281 ئايەتلەر).

ئايەتتە «ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئانا ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر» دېيىلىپ پەقەت ئانا پۇلنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىغا قارىغاندا نىسبىتى قانچىلىك بولسا بولسۇن ئۆسۈمنىڭ چەكلەنگەنلىكى كەسكىن بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

[1] – بۇخارى، بۇيۇئ 25.

[2] – 1951- يىلى پارىژدا سۆزلىگەن بىر لېكسىيەسىدىن.

[3] – قاراڭ: ئابدۇللاھ دىراز، ئەررىبا فى نەزەرىل قانۇنىلئىسلامى، كۇۋەيت، 15-18- بەتلەر.

[4] – ئەبۇ بەكر ئەھمەد ئىبن ئەلى ئەلجەسساس (305-370 ھ)، ئەھكامۇلقۇرئان، نىسا 43- ئايەتنىڭ تەپسىرى، ئىستانبۇل 1335، 2- جىلد، 202- بەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ