مۇسۇلمانلار
بالايىئاپەتلەر ۋە چىقىش يولى 1

بالايىئاپەتلەر ۋە چىقىش يولى

بالايىئاپەتلەر

شۇ بىر ئەمەلىيەتكى، ئىنساننىڭ بېشىغا ھەر تۈرلۈك بالايىئاپەت كېلىپ تۇرىدۇ. بۇ بالايىئاپەتلەر خەۋپ – خەتەر، ئاچارچىلىق، ئۆلۈم – يېتىم ۋە ئىقتىسادىي زىيانغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا، مال – مۈلكىگە ۋە ياشاش مۇھىتىغا يېتىدىغان ئاپەتلەر شەكلىدە مەيدانغا كېلىدۇ. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ سەۋەبلىرى، ئۇلارغا قارشى ئالدىنئالا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر ۋە چىقىش يولى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز.

1. سەۋەبلىرى

ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئىبادەت ئۈچۈن ياراتقان. ئىنساننىڭ باياشاتچىلىقتا ۋە قىيىنچىلىقتا سەۋر قىلىشىنى ئىبادەتنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىغان. بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنىڭ سەۋرچانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئۇنى بەزىدە نېمەت بىلەن بەزىدە بالايىئاپەت بىلەن سىنايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئاچارچىلىق، ئىقتىسادىي زىيان، ئۆلۈم – يېتىم ۋە  قەھەتچىلىك… دېگەندەك ھەر شەكىللەردە  كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

1) ئاللاھنىڭ ئىمتىھانى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۗ وَنَبۡلُوكُم بِٱلشَّرِّ وَٱلۡخَيۡرِ فِتۡنَةٗۖ وَإِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ  ٣٥﴾

«ھەر نەفس ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. بىز سىلەرنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق بىلەن سىنايمىز. سىلەر ئاخىرىدا بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر»- 21-سۈرە ئەنبىيا، 35- ئايەت.

﴿وَلَنَبۡلُوَنَّكُم بِشَيۡءٖ مِّنَ ٱلۡخَوۡفِ وَٱلۡجُوعِ وَنَقۡصٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَنفُسِ وَٱلثَّمَرَٰتِۗ وَبَشِّرِ ٱلصَّٰبِرِينَ  ١٥٥﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»- 2-سۈرە بەقەرە، 155- ئايەت.

2) ئاللاھنىڭ جازاسى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَآ أَصَٰبَكُم مِّن مُّصِيبَةٖ فَبِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَيَعۡفُواْ عَن كَثِيرٖ  ٣٠﴾

«سىلەرگە قانداق مۇسىبەت يەتسە ئۆز قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يېتىدۇ. ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ»- 42-سۈرە شۇرا، 30- ئايەت.

﴿وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا قَرۡيَةٗ كَانَتۡ ءَامِنَةٗ مُّطۡمَئِنَّةٗ يَأۡتِيهَا رِزۡقُهَا رَغَدٗا مِّن كُلِّ مَكَانٖ فَكَفَرَتۡ بِأَنۡعُمِ ٱللَّهِ فَأَذَٰقَهَا ٱللَّهُ لِبَاسَ ٱلۡجُوعِ وَٱلۡخَوۡفِ بِمَا كَانُواْ يَصۡنَعُونَ ١١٢﴾

«ئاللاھ بىر يۇرتنى مىسال قىلدى. ئۇ تىنچ، خاتىرجەم، رىزقى ھەر تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇرىدىغان يۇرت ئىدى. لېكىن ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئاچلىقنى ۋە قورقۇنچنى تېتىتتى. ئاچلىق ۋە قورقۇنچ كىيىم-كېچەكتەك ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئورىۋالدى»- 16-سۈرە نەھل، 112- ئايەت.

﴿لَقَدۡ كَانَ لِسَبَإٖ فِي مَسۡكَنِهِمۡ ءَايَةٞۖ جَنَّتَانِ عَن يَمِينٖ وَشِمَالٖۖ كُلُواْ مِن رِّزۡقِ رَبِّكُمۡ وَٱشۡكُرُواْ لَهُۥۚ بَلۡدَةٞ طَيِّبَةٞ وَرَبٌّ غَفُورٞ  ١٥ فَأَعۡرَضُواْ فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ سَيۡلَ ٱلۡعَرِمِ وَبَدَّلۡنَٰهُم بِجَنَّتَيۡهِمۡ جَنَّتَيۡنِ ذَوَاتَيۡ أُكُلٍ خَمۡطٖ وَأَثۡلٖ وَشَيۡءٖ مِّن سِدۡرٖ قَلِيلٖ  ١٦ ذَٰلِكَ جَزَيۡنَٰهُم بِمَا كَفَرُواْۖ وَهَلۡ نُجَٰزِيٓ إِلَّا ٱلۡكَفُورَ  ١٧﴾

«سەبەئـ قەۋمى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇ جايىدا ئايەت بار ئىدى: ئوڭ ۋە سولدىن قورشاپ تۇرىدىغان ئىككى باغ. ئۇلارغا: «رەببىڭلار ئاتا قىلغان رىزىقتىن يەڭلار، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار. بۇ گۈزەل شەھەردۇر، رەببىڭلار مەغپىرەت قىلغۇچى رەبتۇر!» دېيىلدى.‏ لېكىن ئۇلار يۈز ئۆرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئەرىم كەلكۈنىنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىككى بېغىنى، ئىچىدە ئاچچىق مېۋىلىك دەرەخلەر، يۇلغۇنلار ۋە بىرئاز گىلاس دەرەخلىرى بولغان ئىككى باغقا ئايلاندۇرۇۋەتتۇق.‏ بىز ئۇلارنى ئەنە شۇنداق جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار تۇزكورلۇق قىلغان ئىدى. بىز تۇزكورلاردىن باشقىسىنى جازالايمىزمۇ؟»- 34-سۈرە سەبەئـ، 15~17- ئايەتلەر.

﴿وَلَقَدۡ أَهۡلَكۡنَا ٱلۡقُرُونَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَمَّا ظَلَمُواْ وَجَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَمَا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُواْۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡمُجۡرِمِينَ  ١٣﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلسە زۇلۇم قىلغان ۋە ئىمان كەلتۈرمىگەن. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز»- 10-سۈرە يۇنۇس، 13- ئايەت.

3) ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ظَهَرَ ٱلۡفَسَادُ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ بِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِي ٱلنَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعۡضَ ٱلَّذِي عَمِلُواْ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ  ٤١﴾

«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇلۇش مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى»- 30-سۈرە رۇم، 41- ئايەت.

﴿وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَدۡنَىٰ دُونَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَكۡبَرِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ  ٢١﴾

«بىز ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ئازابتىن بۇرۇن ئەڭ يېقىن ئازابنى تېتىتىمىز، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ شۇنداق قىلىمىز»- 32-سۈرە سەجدە، 21- ئايەت.

﴿أَفَأَمِنَ ٱلَّذِينَ مَكَرُواْ ٱلسَّيِّ‍َٔاتِ أَن يَخۡسِفَ ٱللَّهُ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضَ أَوۡ يَأۡتِيَهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ  ٤٥ أَوۡ يَأۡخُذَهُمۡ فِي تَقَلُّبِهِمۡ فَمَا هُم بِمُعۡجِزِينَ  ٤٦ أَوۡ يَأۡخُذَهُمۡ عَلَىٰ تَخَوُّفٖ فَإِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٌ  ٤٧﴾

«يامان ئىشلارنى پىلانلىغانلار تۆۋەندىكىلەردىن ئەمىن بولدىمۇ: ئاللاھنىڭ يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشتىن  ياكى سەپەردىكى چاغلىرىدا ئازابقا يولۇقۇشتىن-كى ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ-‏  ياكى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئاز-ئازدىن كېمەيتىپ ئاخىرى يىلتىزىنى قۇرۇتۇش جازاسى بېرىشىدىن. لېكىن رەببىڭلار شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»- 16-سۈرە نەھل، 45~47- ئايەتلەر.

2. مەيدانغا كەلتۈرگۈچى ئاللاھتۇر

بالايىئاپەتلەر قانداق سەۋەب بىلەن مەيدانغا كەلسە كەلسۇن ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، يارىتىشى ۋە ئۆزى خالىغان كىشىگە يەتكۈزۈشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَيۡنَمَا تَكُونُواْ يُدۡرِككُّمُ ٱلۡمَوۡتُ وَلَوۡ كُنتُمۡ فِي بُرُوجٖ مُّشَيَّدَةٖۗ وَإِن تُصِبۡهُمۡ حَسَنَةٞ يَقُولُواْ هَٰذِهِۦ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةٞ يَقُولُواْ هَٰذِهِۦ مِنۡ عِندِكَۚ قُلۡ كُلّٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ فَمَالِ هَٰٓؤُلَآءِ ٱلۡقَوۡمِ لَا يَكَادُونَ يَفۡقَهُونَ حَدِيثٗا  ٧٨﴾

«قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. سىلەر مۇستەھكەم سېلىنغان يۈكسەك قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە: ‹بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن‹ دەيدۇ، ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر يامانلىق يەتسە: ‹بۇ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن‹ دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن. ئۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ھېچبىر سۆزنى چۈشىنىشكە يېقىنلاشمايۋاتىدۇ!»- 4-سۈرە نىسا، 78- ئايەت.

﴿مَآ أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِيٓ أَنفُسِكُمۡ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مِّن قَبۡلِ أَن نَّبۡرَأَهَآۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ  ٢٢﴾

«زېمىندا ۋە سىلەردە يۈز بەرگەن ھەر ھادىسە، بىز ئۇنى يارىتىشتىن بۇرۇن كىتابقا يېزىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر»- 57-سۈرە ھەدىد، 22- ئايەت.

﴿مَآ أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ يَهۡدِ قَلۡبَهُۥۚ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ  ١١﴾

«يۈز بەرگەن ھەرقانداق ھادىسە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۈز بېرىدۇ. كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- 64-سۈرە تەغابۇن، 11- ئايەت.

3. بالايىئاپەتنى ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋەتكۈچى يوق

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يَمۡسَسۡكَ بِخَيۡرٖ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ ١٧﴾

«ئەگەر ئاللاھ سېنى بىرەر زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- 6-سۈرە ئەنئام، 17- ئايەت.

﴿وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يُرِدۡكَ بِخَيۡرٖ فَلَا رَآدَّ لِفَضۡلِهِۦۚ يُصِيبُ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ  ١٠٧﴾

«ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان يەتكۈزسە، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ پەزلىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئاللاھ ياخشىلىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»- 10-سۈرە يۇنۇس، 107- ئايەت.

4. بالايىئاپەتتىن چىقىش يولى

1) ئاللاھقا يېلىنىپ يالۋۇرۇش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمۡ وَأَنتَ فِيهِمۡۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ مُعَذِّبَهُمۡ وَهُمۡ يَسۡتَغۡفِرُونَ ٣٣﴾

«ھالبۇكى، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ. ئۇلار ئىستىغفار ئېيتىپ تۇرغان چاغدىمۇ ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ»- 8-سۈرە ئەنفال، 33- ئايەت.

﴿قُلۡ مَا يَعۡبَؤُاْ بِكُمۡ رَبِّي لَوۡلَا دُعَآؤُكُمۡۖ فَقَدۡ كَذَّبۡتُمۡ فَسَوۡفَ يَكُونُ لِزَامَۢا ٧٧﴾

«ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە نېمە دەپ كۆڭۈل بۆلسۇن؟ سىلەر يالغان دېدىڭلار. بۇنىڭ جازاسىنى ئەلۋەتتە كۆرىسىلەر»- 25-سۈرە فۇرقان، 77- ئايەت.

2) ئىسلاھ قىلىش

يەنى ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە باشقىلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تۈزىتىش، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ يامانلىق قىلىۋاتقان بولسا تەۋبە قىلىش، ياخشىلىق قىلىۋاتقان بولسا داۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ ياخشىسىنى قىلىش، شۇنداقلا باشقىلارنى بۇ شەكىلدە ئىسلاھ قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهۡلِكَ ٱلۡقُرَىٰ بِظُلۡمٖ وَأَهۡلُهَا مُصۡلِحُونَ  ١١٧﴾

«رەببىڭ ئاھالىسى ئىسلاھ قىلغۇچى بولغان يۇرتلارنى ھەرگىزمۇ زۇلۇم بىلەن ھالاك قىلمايدۇ»- 11-سۈرە ھۇد، 117- ئايەت.

3) سەۋەب قىلىش

(1) ئالدىنى ئېلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىر چۈمۈلىنىڭ چۆرىسىدىكى چۈمۈلىلەرنى ئۇۋىلىرىغا كېرىۋېلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿حَتَّىٰٓ إِذَآ أَتَوۡاْ عَلَىٰ وَادِ ٱلنَّمۡلِ قَالَتۡ نَمۡلَةٞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّمۡلُ ٱدۡخُلُواْ مَسَٰكِنَكُمۡ لَا يَحۡطِمَنَّكُمۡ سُلَيۡمَٰنُ وَجُنُودُهُۥ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ  ١٨﴾

«ئۇلار ئىنتىزاملىق ھالدا مېڭىپ، چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا كەلگەندە، بىر چىشى چۈمۈلە مۇنداق دېدى: ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلەيمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى تۇيماستىن سىلەرنى ئېزىۋەتمىسۇن»- 27-سۈرە نەمل، 18- ئايەت.

بۇ ئايەت بىرەر خەتەر ھېس قىلغان جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ، ئۇ خەتەرگە يولۇقماسلىق ئۈچۈن ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرنى ئېلىشىنىڭ لازىملىقىنى  كۆرسىتىدۇ. ئۇ تەدبىر، ھەممەيلەننىڭ خەتەردىن يىراق تۇرۇشى ۋە ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە كىرىۋېلىشىدىن ئىبارەتتۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئۈچ ھەدىس:

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرەر جايدا ۋابا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىساڭلار، ئۇ جايغا كىرمەڭلار   ئۇ يەردە بولساڭلار چىقماڭلار»- (بۇخارى، «تىب»، 29؛ مۇسلىم، «سەلام»، 94، 95، 97).

ئىبنى ئابباس ۋە ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ»- (قاراڭ: ئىبنى ماجە، «ئەھكام»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 5: 55 – 56؛ ئىمام مالىك، «ئەقدىيە»، 31).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۇزام (ماخاۋ) كېسىلىدىن، يولۋاستىن قاچقاندەك قاچقىن»- (بۇخارى، «تىب»، 19؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 15: 449).

(2) داۋالىنىش

ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر سۆزىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ

﴿وَإِذَا مَرِضۡتُ فَهُوَ يَشۡفِينِ  ٨٠﴾

«ئاغرىپ قالسام شىپالىق بېرىدۇ»- 26-سۈرە شۇئەرا، 80- ئايەت

ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَوۡحَىٰ رَبُّكَ إِلَى ٱلنَّحۡلِ أَنِ ٱتَّخِذِي مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتٗا وَمِنَ ٱلشَّجَرِ وَمِمَّا يَعۡرِشُونَ  ٦٨ ثُمَّ كُلِي مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ فَٱسۡلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلٗاۚ يَخۡرُجُ مِنۢ بُطُونِهَا شَرَابٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهُۥ فِيهِ شِفَآءٞ لِّلنَّاسِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ٦٩﴾

«رەببىڭ ھەسەل ھەرىسگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: ‹تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆيلەر ياسىغىن. ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يېگىن، ئاندىن رەببىڭ ساڭا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا ماڭغىن›. ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن رەڭلىرى ھەر خىل ئىچىملىك چىقىدۇ. ئۇ ئىچىملىكتە ئىنسانلار ئۈچۈن شىپا بار. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»- 16-سۈرە نەھل، 68- ۋە 69- ئايەتلەر.

بىرىنچى ئايەت شىپالىقنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكى ئىككى ئايەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى شىپالىق لازىملىق سەۋەبنى قىلغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ سەۋەب، ھەسەلگە ئوخشاش ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جەۋھەرلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلاتنى (دورىنى) ئىستېمال قىلىشتۇر. ئۇ مەھسۇلات مۇتەخەسسىس كىشىلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئەمەلىي تەجرىبلىرى نەتىجىسىدە تەييارلانغان بولۇشى لازىم. چۈنكى ھەسەلنى ھەسەل ھەرىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىلھام بېغىشلايدىغان ئەھۋالدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر