باش بەت > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سوئال:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،

سۈرە ئەنفال 72- ۋە 73- ئايەتلىرىدە ئىمان ئېيتقان ۋە ھىجرەت قىلغان كىشىلەر بىلەن ئىمان ئېيتقان لېكىن ھىجرەت قىلمىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئىگىدارچىلىق بولمايدىغانلىغىنى، ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە ئەمەل قىلمىغاندا فىتنە چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن ئىكەن. مېنىڭ سۇئالىم شۇ، بۇ ئايەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە چۈشەمدۇ؟

ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار ھىجرەت قىلمىغانلارغا ئىگە چىقىش ھېساپلىنامدۇ؟

ئەگەر ئىش شۇنداق بولسا نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ نېمە قىلىشىمىز، نېمە قىلماسلىقىمىز كېرەك؟

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

ئۇ ئايەتلەردە ئىگىدارچىلىق ئەمەس، «ۋەلايەت» زىكىر قىلىنىدۇ. ۋەلايەت- يېقىنلىق، دوستلۇق، نۇسرەت، ۋارىسلىق، ئارقىمۇئارقا، ئىگىدارچىلىق، يانمۇيان قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدۇ.

مەزكۇر ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلَّذِينَ ءَاوَواْ وَّنَصَرُوٓاْ أُوْلَٰٓئِكَ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَمۡ يُهَاجِرُواْ مَا لَكُم مِّن وَلَٰيَتِهِم مِّن شَيۡءٍ حَتَّىٰ يُهَاجِرُواْۚ وَإِنِ ٱسۡتَنصَرُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ فَعَلَيۡكُمُ ٱلنَّصۡرُ إِلَّا عَلَىٰ قَوۡمِۢ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٞۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ  ٧٢ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٍۚ إِلَّا تَفۡعَلُوهُ تَكُن فِتۡنَةٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَفَسَادٞ كَبِيرٞ  ٧٣﴾

«شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىلەر ۋە بۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ يار-يۆلەك بولغان كىشىلەر بىر-بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. ئىمان ئېيتىپ ھىجرەت قىلمىغانلارغا كەلسەك، سىلەر ئۇلار بىلەن ھېچ نەرسىدە بىر-بىرىڭلارغا ۋەلىي بولالمايسىلەر. ئەگەر ئۇلار سىلەردىن دىندا ياردەم تەلەپ قىلسا، ياردەم قىلىشىڭلار كېرەك. لېكىن بۇ ياردەم سىلەر بىلەن كېلىشىمى بولغان بىر قەۋمگە قارشى بولماسلىقى لازىم. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏ كافىرلار بىر-بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. ئەگەر بۇ ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلمىساڭلار، زېمىندا چوڭ فىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق بولىدۇ.»- 8- سۈرە ئەنفال ، 72- ۋە 73- ئايەتلەر.

بۇ ئايەتلەردە چەكلەنگىنى ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمەن، دوستلۇق ئىزھار قىلىمەن، يېقىنلىق كۆرسىتىمەن… دەپ ئۇلارغا ئەزىيەت كېلىشكە، مۇسىبىتىنىڭ زىيادە بولۇشىغا ۋە بېشىغا بالا كېلىشىگە سەۋەپچى بولۇشتۇر. چۈنكى ھىجرەت يۇرتىدا بولغانلار، ھىجرەت قىلمىغانلارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلدىم دەپ يامانلىق قىلىپ سالىدۇ.

نامايىش قىلىشقا كەلسەك، بۇنىڭ يۇقىرىدىكى چەكلىمە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. چۈنكى نامايىش- كۈنىمىزدە زۇلۇمغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر، خالاس.

نامايىشنىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىكى چەكلىمىنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھوقۇق-مەنپەئەتى قوغدالماقچى بولغان مەزلۇملارغا بىرەر زىيىنى بولماسلىقىغا ۋە مەزلۇملارغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك.

نامايىشچىلارنىڭ بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن نامايىش قىلىنىدىغان جاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىن رۇخسەت ئېلىنىشى ۋە شۇ جاينىڭ ئىنسانلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپ سېلىشتىن ۋە مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

نامايىشنى 4- سۈرە نىسانىڭ 148- ئايىتىنىڭ نۇرى ئاستىدا چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَّا يُحِبُّ ٱللَّهُ ٱلۡجَهۡرَ بِٱلسُّوٓءِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ إِلَّا مَن ظُلِمَۚ وَكَانَ ٱللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا  ١٤٨﴾

«ئاللاھ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىدىن باشقىسىنىڭ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» 4- سۈرە نىسا ، 148 – ئايەت

‎‏ يەنى زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى بۇ قائىدىنىڭ تېشىدا. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى پەرياد قىلالايدۇ. زالىمنىڭ زىيىنىغا، توۋلاپ دۇئايىبەت قىلالايدۇ ياكى ئۇنىڭدىن زۇلۇم كۆرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ يامانلىقلىرىنى سۆزلىيەلەيدۇ. ھەتتا يامان سۆزلىرىگە، ئوخشاش يامان سۆزلەر بىلەن قارشىلىقمۇ كۆرسىتەلەيدۇ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ