مۇسۇلمانلار
تىجارەت ۋە جازانە-ئالتە مال ھەققىدە 1

تىجارەت ۋە جازانە-ئالتە مال ھەققىدە

چ- ئالتە مال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر

ئالتە مال ئەڭ كۆپ قەرز بېرىلىدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، تۇز ۋە خورمىدۇر. پەيغەمبىرىمىز بۇلارنى تېگىشىشكە بىر قانۇن قويغان ۋە بۇ قانۇنغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشنى جازانىخورلۇق، دەپ ھېسابلىغان. فىقھ ئالىملىرى بۇ ھەدىسلەرنى ئېلىم-سېتىم دائىرىسىدە تەھلىل قىلىپ جازانىخورلۇقنى ئېلىم-سېتىمنىڭ ئىچىدە بىر ماۋزۇ ھالىتىگە كەلتۈرگەن ۋە بۇ ئەھۋالى بىلەن «ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاش»[1] دېگەنلەرگە ئوخشاپ قالغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ قۇرئانغا ئاساسلانماسلىقى ۋە قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىكىگە دىققەت قىلماسلىقىدۇر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەدىسلەرنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئالغان ۋە ئۆزلىرى مەيدانغا كەلتۈرگەن بوشلۇقنى ئۆز ئىجتىھاتلىرى بىلەن تولدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن جازانىخورلۇق چۈشەنگىلى، چۈشەندۈرگىلى ۋە ئىچىدىن چىققىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە بولغان.

بىز تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى بۆلۈملەرگە ئايرىپ ئوتتۇرىغا قويىمىز:

1- ئالتە مالنى ئۆز جىنسى بىلەن تېگىشىش

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى (ر.ز)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:

«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ، وَالْفِضَّةُ بِالْفِضَّةِ، وَالْبُرُّ بِالْبُرِّ، وَالشَّعِيرُ بِالشَّعِيرِ، وَالتَّمْرُ بِالتَّمْرِ، وَالْمِلْحُ بِالْمِلْحِ، مِثْلًا بِمِثْلٍ، يَدًا بِيَدٍ، فَمَنْ زَادَ، أَوِ اسْتَزَادَ، فَقَدْ أَرْبَى، الْآخِذُ وَالْمُعْطِي فِيهِ سَوَاءٌ»

«ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش، ئارپىغا ئارپا، بۇغدايغا بۇغداي، تۇزغا تۇز ۋە خورمىغا خورما قاتارلىق ماللارنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇ ئىشتا ئالغۇچىمۇ بەرگۈچىمۇ ئوخشاشتۇر»[2].

لاَ تَبِيعُوا الذَّهَبَ بِالذَّهَبِ إِلَّا مِثْلًا بِمِثْلٍ، وَلاَ تُشِفُّوا بَعْضَهَا عَلَى بَعْضٍ، وَلاَ تَبِيعُوا الوَرِقَ بِالوَرِقِ إِلَّا مِثْلًا بِمِثْلٍ، وَلاَ تُشِفُّوا بَعْضَهَا عَلَى بَعْضٍ، وَلاَ تَبِيعُوا مِنْهَا غَائِبًا بِنَاجِزٍ

«ئالتۇننى ئالتۇنغا ساتماڭلار، ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا ساتساڭلار بولىدۇ، بەزىسىنى بەزىسىدىن پەرقلىق قىلماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە ساتماڭلار، ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا ساتساڭلار بولىدۇ، بەزىسىنى بەزىسىدىن پەرقلىق قىلماڭلار. بۇلاردىن نېسىنى نەقكە ساتماڭلار»[3].

لَا تَبِيعُوا الذَّهَبَ بِالذَّهَبِ، وَلَا الْوَرِقَ بِالْوَرِقِ، إِلَّا وَزْنًا بِوَزْنٍ، مِثْلًا بِمِثْلٍ، سَوَاءً بِسَوَاءٍ

«ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ساتماڭلار، لېكىن ئۇلار ئوخشاش ئېغىرلىقتا، ئوخشىشى ئوخشىشىغا، تەڭمۇتەڭ بولسا ساتساڭلار بولىدۇ»[4].

 ئۇبادە ئىبن سامىت (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:

الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ تِبْرُهَا وَعَيْنُهَا، وَالْفِضَّةُ بِالْفِضَّةِ تِبْرُهَا وَعَيْنُهَا، وَالْبُرُّ بِالْبُرِّ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، وَالشَّعِيرُ بِالشَّعِيرِ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، وَالتَّمْرُ بِالتَّمْرِ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، وَالْمِلْحُ بِالْمِلْحِ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، فَمَنْ زَادَ أَوِ ازْدَادَ فَقَدْ أَرْبَى، وَلَا بَأْسَ بِبَيْعِ الذَّهَبِ، بِالْفِضَّةِ وَالْفِضَّةُ أَكْثَرُهُمَا يَدًا بِيَدٍ، وَأَمَّا نَسِيئَةً فَلَا، وَلَا بَأْسَ بِبَيْعِ الْبُرِّ بِالشَّعِيرِ، وَالشَّعِيرُ أَكْثَرُهُمَا يَدًا بِيَدٍ، وَأَمَّا نَسِيئَةً فَلَا

«ئالتۇنغا ئالتۇن، نۆكچىسى بولسۇن دىنارى بولسۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش، نۆكچىسى بولسۇن دىرھەمى بولسۇن (نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ سېتىلىدۇ). بۇغدايغا بۇغداي كەمچەنگەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). ئارپىغا ئارپا كەمچەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). خورمىغا خورما، كەمچەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). تۇزغا تۇز، كەمچەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). كىم ئارتترسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. كۈمۈشكە ئالتۇننى نەقمۇنەق سېتىشتا كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ. ئارپىغا بۇغداينى سېتىشتا ئارپىنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ»[5].

مۇھەممەد ئىبن سىيرىندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇسلىم ئىبن يەسار بىلەن ئابدۇللاھ ئىبن ئەتىك مۇنداق دەيدۇ: ئۇبادە ئىبن سامىت مۇئاۋىيە بىلەن بىر قۇنالغۇدا تۇرغان چېغىدا مۇنداق دېگەن:  

«نهَانَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَنْ بَيْعِ الذَّهَبِ بِالذَّهَبِ وَالْوَرِقِ بِالْوَرِقِ وَالْبُرِّ بِالْبُرِّ وَالشَّعِيرِ بِالشَّعِيرِ وَالتَّمْرِ بِالتَّمْرِ قَالَ أَحَدُهُمَا وَالْمِلْحِ بِالْمِلْحِ وَلَمْ يَقُلْهُ الْآخَرُ إِلَّا مِثْلًا بِمِثْلٍ يَدًا بِيَدٍ وَأَمَرَنَا أَنْ نَبِيعَ الذَّهَبَ بِالْوَرِقِ وَالْوَرِقَ بِالذَّهَبِ وَالْبُرَّ بِالشَّعِيرِ وَالشَّعِيرَ بِالْبُرِّ يَدًا بِيَدٍ كَيْفَ شِئْنَا قَالَ أَحَدُهُمَا فَمَنْ زَادَ أَوْ ازْدَادَ فَقَدْ أَرْبَى»

«رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىزنى ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈش كۈمۈشكە، خورمىنى خورمىغا، بۇغداينى بۇغدايغا ۋە ئارپىنى ئارپىغا سېتىشتىن مەنئى قىلدى».

ئۇلارنىڭ بىرى (مۇسلىم ياكى ئابدۇللاھ) «تۇزغا تۇز» ئىپادىسىنى قوشۇپ قويدى.

«لېكىن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇلار تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولسا سېتىشتىن مەنئى قىلمىدى».

«رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىزنى كۈمۈشكە ئالتۇننى، ئارپىغا بۇغداينى ۋە بۇغدايغا ئارپىنى نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىمىزچە سېتىشقا بۇيرۇدى».

ئۇلارنىڭ بىرى مۇنۇ ئىپادىنى قوشۇپ قويدى: «كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ»[6].

ئەبۇ ھۇرەيرە (ر.ز)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:

«الْحِنْطَةُ بِالْحِنْطَةِ، وَالشَّعِيرُ بِالشَّعِيرِ، وَالتَّمْرُ بِالتَّمْرِ، وَالْمِلْحُ بِالْمِلْحِ، كَيْلًا بِكَيْلٍ، وَوَزْنًا بِوَزْنٍ، فَمَنْ زَادَ أَوِ ازْدَادَ، فَقَدْ أَرْبَى، إِلَّا مَا اخْتَلَفَ أَلْوَانُهُ»

 «بۇغدايغا بۇغداي، ئارپىغا ئارپا، خورمىغا خورما ۋە تۇزغا تۇز كەمچىنى كەمچەنگە، ۋەزنى ۋەزنىگە سېتىلىدۇ. كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. رەڭگىرىلىرى[7] پەرقلىق بولغانلار مۇستەسنا»[8].

«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ وَزْنًا بِوَزْنٍ مِثْلًا بِمِثْلٍ وَالْفِضَّةُ بِالْفِضَّةِ وَزْنًا بِوَزْنٍ مِثْلًا بِمِثْلٍ فَمَنْ زَادَ أَوْ اسْتَزَادَ فَهُوَ رِبًا»

«ئالتۇنغا ئالتۇن ۋەزنى ۋەزنىگە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا، كۈمۈشكە كۈمۈش ۋەزنى ۋەزنىگە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا سېتىلىدۇ. كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ»[9].

«الدِّينَارُ بِالدِّينَارِ لَا فَضْلَ بَيْنَهُمَا وَالدِّرْهَمُ بِالدِّرْهَمِ لَا فَضْلَ بَيْنَهُمَا»

دىنارغا دىنار[10] ساتقاندا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولمايدۇ. دىرھەمگە دىرھەم[11] ساتقاندا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولمايدۇ»[12].

مالىك ئىبنى ئەۋس مۇندا دەيدۇ: «مەن 100 دىنار ساتماقچى بولۇپ، تەلھە ئىبن ئۇبەيدۇللاھ بىلەن كېلىشتۇق. تەلھە ئالتۇنۇمنى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ ـ چۆرۈشكە باشلىدى ۋە «بوغالتىرىم ئورمانلىقتىن كەلگۈچە…» دېدى. ئۆمەر (ر.ز) ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ سۆزگە ئارىلاشتى ۋە مۇنداق دېدى: «ۋەللاھى، تەلھەدىن ئېلىشىڭنى ئالغانغا قەدەر ئايرىلما. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:

«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ رِبًا إِلَّا هَاءَ وَهَاءَ»

«ئالتۇنغا ئالتۇن سېتىش ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدۇر. پەقەت ئالغىن، بەرگىن شەكلىدە بولسا ئۇنداق بولمايدۇ»[13].

فەدالە ئىبن ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ:

«خەيبەردە مارجان ۋە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر بۇلاپكا رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا كەلتۈرۈلدى. بۇ بۇلاپكا سېتىشقا چىقىرىلغان غەنىمەتلەردىن ئىدى. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇ بۇلاپكىدىكى ئالتۇننى چىقىرىشقا بۇيرۇدى ۋە مۇنداق دېدى:

«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ وَزْنًا بِوَزْنٍ»

«ئالتۇنغا ئالتۇن ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ بولۇشى كېرەك»[14].

«خەيبەر كۈنى 12 دىنارغا مارجان ۋە ئالتۇن ئارىلاش بىر بۇلاپكىنى سېتىۋالدىم. ئالتۇن بىلەن مارجاننى ئايرىپ، ئۇنىڭدا 12 دىناردىن ئارتۇق ئالتۇن بارلىقىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا مەلۇم قىلغان ئىدىم،

«لَا تُبَاعُ حَتَّى تُفَصَّلَ»

«ئۇ بۇلاپكا ئايرىلماستىن سېتىلمايدۇ» دېدى[15].

خەيبەر كۈنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىلەن بىرلىكتە ئىدۇق. يەھۇدىيلار بىلەن بازاردا سوداـ سېتىق قىلاتتۇق. بىر ۋۇقىيە (37.3 گىرام ) ئالتۇننى ئىككى ـ ئۈچ دىنارغا ئېلىپ ـ ساتاتتۇق. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېدى:

«لَا تَبِيعُوا الذَّهَبَ بِالذَّهَبِ إِلَّا وَزْنًا بِوَزْنٍ»

 «ئالتۇنغا ئالتۇن ساتماڭلار، پەقەت ھەر ئىككىسى ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولسا ساتساڭلار بولىدۇ»[16].

خەيبەر كۈنى مارجان ۋە ئالتۇن ئارىلاش بىر بۇلاپكىغا ئېرىشتىم ۋە ئۇنى ساتماقچى بولدۇم. بۇ ئەھۋال رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا مەلۇم قىلىنغان ئىدى،

«افْصِلْ بَعْضَهَا مِنْ بَعْضٍ ثُمَّ بِعْهَا»

«ئۇنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئايرىغىن، ئاندىن كېيىن ئۇنى ساتقىن»[17].

ھەنەش مۇنداق دەيدۇ:

بىز بىر ئۇرۇشتا فەدالە ئىبن ئۇبەيد بىلەن بىللە ئىدۇق. دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ نېسىۋىمىزگە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە جەۋھەردىن ياسالغان بىر بۇلاپكا چۈشتى. مەن ئۇنى سېتىۋالماقچى بولۇپ فەدالە ئىبن ئۇبەيددىن سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلاپكىنىڭ ئالتۇنىنى ئايرىپ، ئۇنى تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە، سېنىڭ ئالتۇنۇڭنى تارازىنىڭ يەنە بىر پەللىسىگە قوي. ئاندىن ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ھەرگىز ئالما. شۈبھىسىزكى، مەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:

«مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ، فَلَا يَأْخُذَنَّ إِلَّا مِثْلًا بِمِثْلٍ»

«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ئالمىسۇن»[18].

 ئەبۇل مىنھال مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بىر شېرىكىم مەلۇم بىر مەزگىلگىچىلىك ياكى ھەج ۋاقتىغىچىلىك نېسى كۈمۈش ساتقاندىن كېيىن، كېلىپ ماڭا خەۋەر قىلدى. مەن بۇ ئىشىڭ توغرا بولماپتۇ، دېگەن ئىدىم. ئۇ: مەن ئۇنى بازاردا ساتتىم، ھېچكىم ماڭا قارشى چىقمىدى، دېدى. كېيىن مەن بەرائ ئىبن ئازىبنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە بىز مۇشۇنداق سودا ـ سېتىق قىلىشاتتۇق. ئۇ:

«مَا كَانَ يَدًا بِيَدٍ فَلَا بَأْسَ بِهِ وَمَا كَانَ نَسِيئَةً فَهُوَ رِبًا»

«نەقمۇنەق بولسا بولىدۇ، نېسى بولغىنى ئۆسۈم بولىدۇ» ـ دېگەن ئىدى.

سەن زەيد ئىبن ئەرقەمنىڭ يېنىغا بار. ئۇ، مەندىن چوڭ سودىگەر،  دېدى. مەن زەيد ئىبن ئەرقەمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم. ئۇ، بەرائىبنى ئازىبقا ئوخشاش جاۋاب بەردى»[19].

ئوسمان (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:

«لَا تَبِيعُوا الدِّينَارَ بِالدِّينَارَيْنِ وَلَا الدِّرْهَمَ بِالدِّرْهَمَيْنِ»

«بىر دىنارنى ئىككى دىنارغا، بىر دىرھەمنى ئىككى دىرھەمگە ساتماڭلار»[20].

ئەبۇ بەكرە (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:

«لَا تَبِيعُوا الذَّهَبَ بِالذَّهَبِ إِلَّا سَوَاءً بِسَوَاءٍ وَالْفِضَّةَ بِالْفِضَّةِ إِلَّا سَوَاءً بِسَوَاءٍ وَبِيعُوا الذَّهَبَ بِالْفِضَّةِ وَالْفِضَّةَ بِالذَّهَبِ كَيْفَ شِئْتُمْ»

«ئالتۇننى ئالتۇنغا ساتماڭلار، لېكىن ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولسا ساتساڭلار بولىدۇ. كۈمۈشنى كۈمۈشكە ساتماڭلار، لېكىن ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولسا ساتساڭلار بولىدۇ. ئالتۇننى كۈمۈشكە، كۈمۈشنى ئالتۇنغا خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ[21].

داۋامى بار…

[1] – بەقەرە، 2/ 275.

[2] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 82 (1584).

[3] – بۇخارى، «بۇيۇئ»، 78؛ مۇسلىم «مۇساقات»، 75 (1584)؛ نەسائى، «بۇيۇئ»، 47.

[4] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 77 (1585).

[5] – ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئ»، 12 (3349)؛ نەسائى، «بۇيۇئ»، 4563.

[6] – نەسەئىي، «بۇيۇئ»، 43.

[7] – رەڭگىلىرى تۈرلىرى، جىنسلىرى، دېگەن بولىدۇ. بۇنى كېيىنكى ھەدىسلەر كۆرسىتىدۇ.

[8] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 83 (1588)، نەسائى، «بۇيۇئ»، 42؛ ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد، 2: 232. تېكىست ئەھمەد ئىبن ھەنبەلنىڭ مۇسنەدىدىن ئېلىندى.

[9] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 84 (1588)؛ نەسائى، «بۇيۇئ»، 45.

[10] – دىنار ئالتۇندىن قۇيۇلغان پۇل.

[11] – دىرھەم كۈمۈشتىن قۇيۇلغان پۇل.

[12] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 84 (1588)؛ نەسائى، «بۇيۇئ»، 45.

[13] – بۇخارى، «بۇيۇئ»، 76.

[14] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 89 (11591).

[15] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 90 (1591).

[16] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 91 (1591)

[17] – نەسائى، «بۇيۇئ»، 48.

[18] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 92 (1591).

[19] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 86 (1591)؛ نەسائى، «بۇيۇئ»، 49.

[20] – مۇسلىم، «مۇساقات»، 78 (1585).

[21] – بۇخارى، «بۇيۇئ»، 77.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر