مۇسۇلمانلار
شېرىك-مۇشرىكلار ۋە بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار 1

شېرىك-مۇشرىكلار ۋە بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار

5- مۇشرىكلار توغرىسىدىكى ئايەتلەر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟

كۆپىنچىمىزنىڭ زېھنىدە شېرىك ۋە مۇشرىكلەر ھەققىدە: «شېرىك بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئىش، مۇشرىك بولسا بۇتلارغا چوقۇنىدىغان كىشى» دېگەن چۈشەنچە بار. ئەپسۇسكى بۇ چۈشەنچە شېرىككە ئوخشاش ئەڭ خەتەرلىك ۋە يۇشۇرۇن كىسەللىكنىڭ، مۇسۇلمان دۇنياسىدا قەتئىي يوق دېگەن خاتا چۈشەنچىگە يول ئاچقاندۇر.

مۇشرىك كىمدۇر؟ دېگەن سۇئالغا: «نۇھ ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاملارنىڭ زامانىدا ۋە قۇرئان نازىل بولۇۋاتقان زامانلاردا مەككە ۋە ئەتراپىدا ياشىغان بۇتپەرەست ئىنسانلار» دەپ جاۋاب بېرىلسە، قورئاننىڭ نۇرغۇنلىغان ئايىتى ھۆكۈمسىز قالغان، شېرىك ۋە مۇشرىكلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈزلەرچە ئايەت ئورۇنسىز نازىل بولغان بولىدۇ! تۆۋبە قىلمىسا ھەرگىز مەغپىرەت قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە دىننىڭ ئەڭ چوڭ چەكلىمىسى بولغان شېرىكنىڭ ھازىرقى ئىنسانلىرىمىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىسا، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈزلەرچە ئايەتنىڭ ھازىرمۇ قۇرئاندا بولۇشىنىڭ  نېمە مەنىسى باردۇ!؟

شېرىك توغرىسىدىكى بۇ خاتا چۈشەنچە سەۋەبىدىن بىلىپ بىلمەي قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن شېرىككە چۈشۈپ قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەتلەر ئەسلىتىلسە: «بىزگە بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇما! بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشرىكلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىز بىلەن ئالاقىسى يوق!» دەيدۇ. ھالبۇكى تارىختا ھەقىقى ئۆتكەن ۋە قۇرئاننىڭ ئوخشىمىغان يەتتە سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئادەم – ئىبلىس قىسسىسى ئۈچۈن «ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ، ئىبلىسمۇ ھازىر ئارىمىزدا يوق، شۇڭلاشقا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق» دېگىلى بولامدۇ؟ ياكى بولمىسا ئاللاھ ئۇ ئايەتلەرنى پەقەت ئىبلىسقىلا ئوقۇشى كېرەكمۇ؟ شۇنىڭدەك جانابى ئاللاھ، بۇ قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ نۇرغۇن يەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بىلەن قىلغان كۈرىشى ھەققىدە توختىلىدۇ.

ھازىر بىر مۇسۇلمان بۇنىڭغا قاراپ «بىز يەھۇدى بولمىغاندىكىن ئۇ ئايەتلەر بىزگە خىتاب قىلىنمىغان، بىز بىلەن ئالاقىسى يوق» دېسە بولامدۇ؟ ئۇنداقتا، قۇرئان نېمىشقا بۇنداق ئايەتلەرنى تىلغا ئالىدۇ؟ چۈنكى قۇرئان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى مۇشرىكلەرنى تىلغا ئالغاندا ئۇ كۈندىكى مەككە مۇشرىكلىرىغا: «كۆرگىنىڭلاردەك، ھازىر سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار بىلەن بۇرۇن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق!» دەيدۇ ۋە شېرىكنىڭ پەقەت بۇرۇنقى زامانلاردىلا كۆرۈلگەن بىر گۇناھ ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان بولىدۇ.

مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتتۇق دەپ قويۇپ، ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان يەھۇدىلەرنى چۈشەندۈرگەن ئايەتلەر مۇسۇلمانلارغا: «سىلەر قەتئىي ئۇلارنى دورىماڭلار ياكى قەتئىي ئۇلارغا ئوخشاش بولماڭلار» دەيدۇ. شۇڭلاشقا مەككە مۇشرىكلىرىغا خىتاب قىلغان ئايەتلەر، 21-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ئوخشاش خاتالىقنى قىلغان كىشىلەرگىمۇ خىتاب قىلىۋاتقان بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ خاتالىقنى قىلغان كىشىنى ئاگاھلاندۇرغان ئايەت، ھازىرمۇ ئوخشاش خاتالىقنى قىلغان كىشىنى – بۇ كىشى مۇسۇلمان بولسىمۇ- ئاگاھلاندۇرماقتا. ئۇنداقتا، بۇ ئەھۋالدا بولغان كىشىلەرنىڭ «ئۇ چاغدىكى مۇشرىكلەر ئۈچۈن نازىل بولغان ئايەتلەرنى ماڭا ئوقۇپ بەرمە!» دېيىش ھوقۇقى يوق. چۈنكى ئاللاھ بۇ ئايەتلەرنى قىيامەتكىچە تەتبىقلىنىدىغان قورئانغا قويغاندۇر.

ئۇنداقتا مۇسۇلمان ئىكەنمىز، شېرىكنى قەتئىي ئۆزىمىزدىن يىراق كۆرمەسلىكىمىز، ئۇنى ھەر ۋاقىت ئىچىگە چۈشۈپ قىلىشىمىز ئېھتىمالى بولغان خەتەر دەپ بىلىشىمىز ۋە شېرىك/ مۇشرىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى كۆپرەك ئوقۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر