مۇسۇلمانلار
تىجارەت ۋە جازانە- ئېلىم-سېتىم كۆرۈنۈشى ئاستىدا جازانىخورلۇق 1

تىجارەت ۋە جازانە- ئېلىم-سېتىم كۆرۈنۈشى ئاستىدا جازانىخورلۇق

ت- ئېلىم-سېتىم كۆرۈنۈشى ئاستىدا جازانىخورلۇق

ھېچكىم ھەر ئېھتىياجىنى قامدايدىغان مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ: يېمەك- ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ جاي ۋەھاكازالارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تولىسىنى باشقىلىرى ئىشلەپچىقارغان مال ۋە خىزمەتلەر بىلەن قامدايدۇ. بۇلارنى ئېلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى بەدىلىنى تۆلەشتۇر. بولمىسا ھېچكىم مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. ئاچلىق ۋە قىيىنچىلىق باشلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ إِلَّا أَنْ تَكُونَ تِجَارَةً عَنْ تَرَاضٍ مِنْكُمْ وَلَا تَقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا»

«ئى مۇئمىنلار! بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. لېكىن ئۇ ماللارنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ. ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»- (4-سۈرە نىسا، 29- ئايەت).

رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «ھېچكىمنىڭ مېلى ھېچكىمگە ھالال بولمايدۇ، لېكىن بىر مال ئىگىسىنىڭ كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن باشقا بىر كىشىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسا ئۇ مال بۇ كىشىگە ھالال بولىدۇ»[1].

ھەنەفىيە ۋە مالىكىيە مەزھەپلىرىنىڭ قارىشىچە «ئېلىم-سېتىم مالنى مالغا تېگىشمەكتۇر»[2]. قەرزمۇ شۇنداقتۇر. چۈنكى 10 لىرا قەرز ئالغان كىشى ئۇنى ئىشلىتىدۇ، ئاندىن باشقا 10 لىرا بىلەن قەرزىنى تۆلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئېنىقلىمىدا قەرز بىلەن ئېلىم-سېتىم بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئۆسۈم قەرزدىن قولغا كەلگەن كىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلىم-سېتىم بىلەن جازانىخورلۇقمۇ بىرى-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولىدۇ. بۇ مەزھەپلەر جازانىخورلۇقنى ئېلىم-سېتىمنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى مەسىلىنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىشلىرى تەبىئىيدۇر. بۇ ھەقتە كېيىن توختىلىمىز.

شافىئىيلارنىڭ قارىشىچە «ئېلىم-سېتىم مەڭگۈ ئىگە بولۇش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن مالنى مالغا تېگىشمەكتۇر»[3]. بۇ ئېنىقلىما بىلەن جازانىخورلۇق ئېلىم-سېتىمنىڭ قاتارىدىن چىقىدۇ، چۈنكى قەرزدىن داۋاملىق پايدىلىنىلمايدۇ.

ھەنبەلىيلەرنىڭ قارىشىچە «ئېلىم-سېتىم بىر مالنى ياكى مۇباھ بىر مەنپەئەتنى بىر مالغا ياكى بىر مەنپەئەتكە ئۆسۈم ياكى قەرز بولماسلىق شەرتى بىلەن تېگىشمەكتۇر»[4]. بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ قەرزنى ئېلىم-سېتىم دائىرىسىنىڭ تېشىغا ئېلىشى توغرا، لېكىن بۇلار جازانىخورلۇقنى ئېلىم-سېتىمنىڭ بىر بۆلۈمى، دەپ قارايدۇ، بۇ بىر زىتلىقتۇر.

پەرقلىق ماللارنى تېگشىمەك ئېلىم-سېتىم بولىدۇ. پۇلغا نان، نورمال بۇغدايغا ئۇرۇقلۇق بۇغداي، خام ئالتۇنغا ئىشلەنگەن ئالتۇن تېگىشمەك مۇشۇنداقتۇر. ئۆزىنىڭ ئېھتىياجنى قامداش ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە مال تەلىپى سېلىش ئۈچۈن ئىككى مالنىڭ پەرقلىق بولۇشى شەرتتۇر. بۇ سەۋبتىن ئېلىم-سېتىمنىڭ ئېنىقلىمىسىنى مۇنداق قىلىش كېرەك: «ئېلىم-سېتىم پەرقلىق ئىككى مالنى تېگىشمەكتۇر».    

[1] – ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد 5/72.

[2] – مەجەللە، 105- ماددا؛ ئىبنۇلئەرەبى، ئەھكامۇلقۇرئان 1/241، بەقەرە  سۈرىسى 275- ئايەتنىڭ تەپسىرى، مىسر، 1387/1967.

[3] – ئىبن ھەجەر، يۇقىرىدىكى مەنبە 4/215.

[4] – ئەھمەد ئىبن ئابدۇللاھ ئەلقارى، مەجەللەتۇل ئەھكامىششەرئىييە، (تەھقىق: ئابدۇلۋەھھاب ئىبراھىم ئەبۇ سۇلەيمان ۋە مۇھەممەد ئىبراھىم ئەھمەد ئەلى)، جىددە، 1401/1981، 107- بەت، 161- ماددا.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر