مۇسۇلمانلار
تىجارەت ۋە جازانە- جازانىخورلارنىڭ پوزىتسىيەسى 1

تىجارەت ۋە جازانە- جازانىخورلارنىڭ پوزىتسىيەسى

جازانىخورلۇق چەكلەنمىگەن دۆلەتلەردە ئېلىم-سېتىم ئەركىن قويۇۋېتىلگەن تۇرۇقلۇق، جازانىخورلۇق ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگاندىن رۇخسەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ. كېرەكلىك رۇخسەتنى ئالمىغان كىشى ۋە مۇئەسسەسەلەر ئۆسۈملۈك قەرز بېرەلمەيدۇ. بۇ ئەسلىدە جازانىخورلۇقنىڭ ئۇ دۆلەتلەردىمۇ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئاندىكى چەكلىمىنىڭ ئالەمشۇمۇللۇقى ئەمەلىيەتتە بۇنى تەلەپ قىلىدۇ.

پ- جازانىخورلارنىڭ پوزىتسىيەسى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ»

«ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاشتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ جازانىخورلۇقتىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. جازانىخورلۇقنى داۋاملاشتۇرغانلار بولسا، دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ»-(‏2-سۈرە بەقەرە، 275- ئايەت).

فەخرۇددىن رازىنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر يەكۈنى مۇنداق:

«ئۆسۈمنى ھالال كۆرىدىغانلارنىڭ قارىشىچە، جازانىخورلۇق ھەر جەھەتتىن ئېلىم-سېتىم بىلەن ئوخشاشتۇر، ئۇنداقتا قانداقمۇ ئۇلارنىڭ بىرى ھالال، يەنە بىرى ھارام بولسۇن؟ نەق باھاسى 10 لىرا بولغان بىر مالنى بىر ئاي قەرەللىك 11 لىراغا سېتىش ھالال بولىدىغان بولسا، 10 لىرانى بىر قەرەللىك 11 لىراغا سېتىشمۇ ھالال بولۇشى كېرەك. بۇ ئىككى مۇئامىلە ئارىسىدا ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر پەرق يوق»[1].

بۇ ئىككى مۇئامىلە ئارىسىدا ئوخشاشلىق بار، پەرقلەرمۇ بار. مەسىلەن: شاراب بىلەن شىرنە بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ: ھەر ئىككىسى ئۈزۈم سۈيىدىن ياسىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق سەۋەبىدىن «شىرنە خۇددى شارابقا ئوخشاش» دېگىلى بولمايدۇ. يۇقىرىدىكى ئىككى مۇئامىلىمۇ پەرقلىقتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ بىرىگە قەرز، يەنە بىرىگە سودا دېيىلىدۇ. قەرز بەرگۈچى بەرگىنىنىڭ ئوخشىشىنى ئالىدۇ، يەنى 10 لىرا بەرگەن بولسا 10 لىرانى ئالىدۇ. ئۆسۈم بۇ ئوخشاشلىقنى بۇزىدىغان ئارتۇقلۇقتۇر. نەق باھاسى 10 لىرا بولغان بىر مال بىر ئاي قەرەللىك 11 لىراغا سېتىلسا، ئۇ 11 لىرانىڭ ھەممىسى ئۇ مالنىڭ بەدىلى بولىدۇ. ئۇ مال بىلەن 10 لىرا ياكى 11 لىرا ئارىسىدا ئوخشاشلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئارتۇقلۇقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدۇ.

ئېلىم-سېتىم بىلەن جازانىخورلۇق ئارىسىدا يەنە نۇرغۇن پەرقلەر بار. مەسىلەن: ئېلىم-سېتىم تولا چاغدا نەق بولىدۇ، لېكىن قەرزنىڭ نېقى بولمايدۇ. ھېچكىم دەرھال تۆلەش شەرتى بىلەن قەرز ئالمايدۇ، قەرزنىڭ ئاز بولسىمۇ قەرەلى بولىدۇ. ساتقۇچى 8 لىراغا ئالغان مالنى دەرھال 10 لىراغا نەق سېتىپ 2 لىرا پايدا ئېلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ شەكىلدە بىر ئۆسۈم قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە كىتابىمىزنىڭ «قەرەل پەرقى ۋە ئۆسۈم» بۆلۈمىدە توختىلىمىز، ئىنشائاللاھ.

فەخرۇددىن رازىنىڭ ئىككىنچى يەكۈنى مۇنداق:

«جازانىخورلار دەيدۇكى: ئېلىم-سېتىم ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ھالال قىلىنغان. جازانىخورلۇقمۇ ئېھتىياجنى قامدايدۇ. بۈگۈن پۇلسىز ۋە ھاجەتمەن بولغان بىر كىشىنىڭ كەلگۈسىدە قولىغا كېلىدىغان مېلى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر جازانىخورلۇق چەكلەنسە پۇلدارلار بۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بەرمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قىيىنچىلىق ۋە ئېھتىياج ئىچىدە قالىدۇ. لېكىن جازانىخورلۇققا رۇخسەت قىلىنسا پۇلدارلار تېخىمۇ كۆپ ئېلىش ئارزۇسى بىلەن ئۇنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ. قەرزدار بولسا، قولىغا پۇل-مال كىرگەندە قەرزىنى ئۆسۈمى بىلەن تۆلەيدۇ. ئۇنىڭ قولىغا پۇل كىرگەندە قەرزىنى ئارتۇق تۆلىشى، ئۇنىڭ ئۇ ۋاقىتقىچە ئېھتىياج ئىچىدە قېلىشىدىن ياخشىدۇر. شۇڭلاشقا جازانىخورلۇق ھالال بولۇشى كېرەك. ئېلىم-سېتىم تۈرلىرىنىڭ ھالال بولۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈندۇر. شۇنداققۇ!»[2].

بىر نەرسە ئېھتىياجنى قامدىغانلىقى ئۈچۈنلا ھالال بولىدىغان بولسا، ئوغرىلىق، يالغانچىلىق ۋە زىنا… قاتارلىقلارنىڭمۇ ھالال بولۇشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ئىشلار ھەققىدىمۇ ئەقىل قايىلنى قىلالايدىغان سەۋەبلەر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.

ئېلىم-سېتىم بىلەن جازانىخورلۇقنى، نىكاھ بىلەن زىناغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قانداقلا بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدا جازانىخورلۇق ۋە زىناخورلۇق باش كۆتۈرسە، ئۇ قەۋم چوقۇم ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ»[3]. چۈنكى ئەر-خوتۇنلار ئۆتكۈزگەن جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن زىناخورلار ئۆتكۈزگەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئەينىدۇر. ئەمما نىكاھ قىلسا بىر ئائىلە قۇرۇلىدۇ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەقلەر بېرىلىدۇ ۋە مەسئۇلىيەتلەر يۈكلىنىدۇ. لېكىن زىنا قىسقا مۇددەتلىك بىر زوقتىن ئىبارەتتۇر. سۈلەيمانىيە ۋاقفىدا ئېچىلغان بىر يىغىندا سەبرى ئورمان[4] مۇنداق دېگەن:

«نىكاھلىق مۇناسىۋەت بىلەن نىكاھسىز مۇناسىۋەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە پىسخولوگىيەلىك نەتىجىلىرىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا كۆرىمىزكى، نىكاھ توختامىغا ئاساسلانغان ئىشنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن يەنە بىر ئىش (زىنا) ھەقىقەتەن پەرقلىقتۇر. ئەينى سۆزنى ئېلىم-سېتىم بىلەن جازانىخورلۇق ئۈچۈنمۇ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇلار بىر-بىرىگە ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ. جازانىخورلۇق قوبۇل قىلىنغان بىر سىستېمىنىڭ شەكلى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن جازانىخورلۇق قوبۇل قىلىنمىغان بىر سىستېمىنىڭ شەكلى ۋە نەتىجىلىرى بىر-بىرىدىن خېلى پەرقلىق بولىدۇ. بۇنى ئاخىرغىچە سۈرۈشتە قىلغان ۋاقتىمىزدا كۆرىمىزكى، جازانىخورلۇق سىستېمىسىنىڭ ئىسلامنىڭ روھىغا ماس كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، جازانىخورلۇقنىڭ چەكلىنىشى گويا ئىسلامىيەتتە مۇسبەت سۈپىتىدە ئېيتىلغان ھەر نەرسىنىڭ مەنپىي سۈپىتىدە ئىپادىلىنىشىدۇر. يەنى ئەگەر جازانىخورلۇقنى چەكلىمىسىڭىز قېرىنداشلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىڭىز مۇمكىن بولمايدۇ. ئەگەر جازانىخورلۇقنى چەكلىمىسىڭىز «ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش» پائالىيىتىنى دادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ يېتىشىشى مۇمكىن بولمايدۇ. بۇلار بولسا ئىسلامىيەتنىڭ ئاساسلىرىدىندۇر. جازانىخورلۇق بىلەن ئېلىم-سېتىم بىرى-بىرىگە ئوخشاش كۆرۈنسىمۇ بۇنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدىغان نەتىجىلىرىگە قەدەر سۈرۈشتە قىلساق، جازانىخورلۇقنى قوبۇل قىلغان بىر ئىقتىسادىي سىستېما بىلەن جازانىخورلۇقنى قوبۇل قىلمىغان بىر ئىقتىسادىي سىستېما بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. يەنى جازانىخورلۇقنى چەكلەش ئىسلامىيەتنىڭ بولمىسا بولمايدىغان شەرتىدۇر».

يۇقىرىدىكى ئايەتتە مۇنۇ ئىپادىلەر ئۆتكەن:

  «ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ‹ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاشتۇر›، دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر».

ئېلىم-سېتىم بىلەن جازانىخورلۇقنى ئوخشاش، دەپ ھېسابلاش ھەقىقەتەن شەيتانچە بىر پوزىتسىيەدۇر. ئەگەر بۇ ئىككى مۇئامىلە ئوخشاش بولسا ئىدى، بانكىلارمۇ تىجارەت قىلالايتتى. بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بانكىلارنىڭ تىجارەت قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

جازانىخورلۇق چەكلەنمىگەن دۆلەتلەردە ئېلىم-سېتىم ئەركىن قويۇۋېتىلگەن تۇرۇقلۇق، جازانىخورلۇق ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگاندىن رۇخسەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ. كېرەكلىك رۇخسەتنى ئالمىغان كىشى ۋە مۇئەسسەسەلەر ئۆسۈملۈك قەرز بېرەلمەيدۇ. بۇ ئەسلىدە جازانىخورلۇقنىڭ ئۇ دۆلەتلەردىمۇ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئاندىكى چەكلىمىنىڭ ئالەمشۇمۇللۇقى ئەمەلىيەتتە بۇنى تەلەپ قىلىدۇ.

[1] –  فەخرۇددىن رازى، تەپسىر كەبىر 7/98.

[2] –  فەخرۇددىن رازى، تەپسىر كەبىر 7/98.

[3] – ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد 1/402.

[4] – سەبرى ئورمان مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادىي ئىدارىي بىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان پروفېسسورىدۇر. ئۇزۇن يىللار مالايسىيا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىمەكتە. مۇتەخەسسىسلىك ساھەسى ئىقتىسادىي پىكىر تارىخىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر