باش بەت > ئەقىدە > تەۋھىد > شېرىك > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

4- مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ «ئاللاھ» چۈشەنچىسى

قۇرئان كەرىمنىڭ شېرىككە ئېنىقلىما بەرگەن ئايەتلىرىنى ئىنچىكە كۆزدىن كەچۈرگەن ۋاقتىمىزدا شېرىكلىكنىڭ ئۈلگىلىرىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز، قۇرئان نازىل بولۇۋاتقان مەزگىلدە سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان مۇشرىكلارنى تۇنىغان ۋاقتىمىزدا نېمىنىڭ شېرىك، كىمنىڭ مۇشرىك بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق چۈشىنەلەيمىز.

 مەسىلەن: ئۇ مەزگىلدە ياشىغان مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھ چۈشەنچىسىنى خەۋەر قىلغان بىر ئايەتتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:  

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ فَأَنَّى يُؤْفَكُونَ﴾

« ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟»-(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 61- ئايەت).

ئايەتتىن كۆرگىنىمىزدەك، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ زېھنىدە ئاللاھ باردۇر ۋە ئەڭ ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇقتۇر.  ئۇلار ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى ھەققىدە ھېچقانداق شەك-شۈبھە قىلمايدۇ. بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مۇنداق بىر ئايەت بار:

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلْ أَفَرَأَيْتُم مَّا تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ﴾

« ئەگەر ئۇلاردىن «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى توسۇۋالالامدۇ؟». ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن»-(‏39-سۈرە زۇمەر، 38- ئايەت).

   ئۇلارنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى ئېتىقادلىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۇلارنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى ئېتىقادىنى تېخىمۇ ئوچۇق خەۋەر قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ السَّمَاء مَاء فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ مِن بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ﴾

«ئۇلاردىن «ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!». بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ»-(‏29-سۈرە ئەنكەبۇت، 63- ئايەت).

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاء وَالأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ السَّمْعَ والأَبْصَارَ وَمَن يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيَّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ الأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللّهُ فَقُلْ أَفَلاَ تَتَّقُونَ﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟». ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ھالدا تەقۋادار بولمامسىلەر؟»-(10-سۈرە يۇنۇس، 31- ئايەت).

بۇ يەرگىچىلىك كۆرۈپ ئۆتكەن ئايەتلەردىن شۇنى كۆرىۋالدۇقكى؛ مۇشرىكلار ئاسمان-زېمىننى ياراتقان زاتنىڭ، قۇياش ۋە ئاينى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ، يامغۇر ياغدۇرغۇچىنىڭ، رىزىقلارنى بەرگۈچىنىڭ، ئۆلۈم ۋە ھاياتنى بار قىلغۇچىنىڭ، كائىناتتا بولۇۋاتقان ھەر ئىشنى باشقۇرىۋاتقاننىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ ۋە بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

10- سۈرە يۇنۇس سۈرىسىنىڭ 31- ئايىتى ۋە باشقا نۇرغۇن ئايەتلەردىمۇ ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنى مۇشرىكلەردىن سۇئال سورۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى ئېتىقادلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

﴿قُل لِّمَنِ الْأَرْضُ وَمَن فِيهَا إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ﴾

«ئېيتقىنكى: «زېمىن ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ، بىلەمسىلەر؟

﴿سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ﴾

 ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئويلاپ باقمايسىلەر؟».

﴿قُلْ مَن رَّبُّ السَّمَاوَاتِ السَّبْعِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ﴾

ئېيتقىنكى: «يەتتە ئاسماننىڭ رەببى ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى كىم؟».‏

﴿سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ﴾

ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلمايسىلەر؟».‏

﴿قُلْ مَن بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ﴾

ئېيتقىنكى: «ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇۋاتقان، خالىغىنىنى قۇتقۇزىدىغان ۋە خالىمىغىنىنى ھېچكىم قۇتقۇزالمايدىغان كىم، بىلەمسىلەر؟».‏

﴿سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ فَأَنَّى تُسْحَرُونَ﴾

ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئالدىنىسىلەر؟»-(23-سۈرە مۇئمىنۇن، 84-89- ئايەتلەر).

بۇ ئايەتلەرمۇ كۆرسىتىدۇكى، ئۇ زاماندىكى مەككىلىك مۇشرىكلەر كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى باشقۇرىۋاتقاننىڭ، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇۋاتقاننىڭ، ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسىنىڭ، ھەممە نەرسىگە ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ يالغۇز ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىدىن سورالغىنىدا ھېچ ئىككىلەنمەستىن بۇنى تىلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداقتا، سوراپ باقايلى: بۇ ئىنسانلار نېمىشقا مۇشرىك؟ ئۇلارنى مۇشرىك قىلىۋەتكەن نەرسە نېمە؟ بۇنىڭ جاۋابىنى زۈمەر سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدە تاپالايمىز. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ﴾

«ئاگاھ بولۇڭلاركى، خالىس دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالغانلار: «بىز ئۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ ئىبادەت قىلىمىز» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»-(‏39-سۈرە زۇمەر، 3- ئايەت).

بۇ ئايەت، خىتاب قىلغان تۇنجى كىشىلەر مەككە مۇشرىكلىدۇر. كۆرگىنىمىزدەك ئايەت ئۇلارنىڭ ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىش مەقسىتىدە چۇقۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مۇشرىكلارنىڭ مەقسىتى كۆرۈنۈشتە شۇنچىلىك سەمىمى ۋە مەسۇم بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرىگە ئەمەس؛ قىلغان ئىشلىرىغا قارىتا ھۆكۈم بەرگەندۇر. قىلغان ئىشلىرى بولسا، ئاللاھ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا بىر قىسىم ۋاسىتىلەرنى  قويۇش ئارقىلىق شېرىك گۇناھىنى ئىشلەشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدىكى يەتتە سۈرىدە[1] تەكرارلانغان ئادەم ۋە ئىبلىسنىڭ قىسسىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىمىز.

زىكىر قىلىنغان ھەر يېرىدە ئوخشىمىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇ قىسسىگە قارايدىغان بولساق، ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ، پۈتۈن پەرىشتىلەرگە-ئىبلىسمۇ پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە بار ئىدى- مۇنداق ئەمىر قىلىدۇ:

﴿وَلَقَدْ خَلَقْنَاكُمْ ثُمَّ صَوَّرْنَاكُمْ ثُمَّ قُلْنَا لِلْمَلآئِكَةِ اسْجُدُواْ لآدَمَ فَسَجَدُواْ إِلاَّ إِبْلِيسَ لَمْ يَكُن مِّنَ السَّاجِدِينَ﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن كېيىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق. ئاندىن كېيىن پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا، ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى»-(7-سۈرە ئەئراف، 11- ئايەت).

ئايەتتە كۆرگىنىمىزدەك ئىبلىس، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇندىمايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئادەمگە سەجدە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ ئۇ بولسا سەجدە قىلمايدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ئىبلىسنى سەجدە قىلمىدى دەپ دەرھال ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقارماستىن، ئۇنىڭدىن ئاسىيلىق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنۇلاردۇر: 

﴿قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلاَّ تَسْجُدَ إِذْ أَمَرْتُكَ قَالَ أَنَاْ خَيْرٌ مِّنْهُ خَلَقْتَنِي مِن نَّارٍ وَخَلَقْتَهُ مِن طِينٍ.قَالَ فَاهْبِطْ مِنْهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَن تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَاخْرُجْ إِنَّكَ مِنَ الصَّاغِرِينَ﴾

«ئاللاھ: «ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى، ساڭا ئەمر قىلغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.‏ ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، سەن چوقۇم خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى»-(7-سۈرە ئەئراف، 12-13- ئايەتلەر).

ئىبلىس ئادەمگە سەجدە قىلمىدى، لېكىن ئۆزىچە بۇنىڭغا بىر سەۋەب كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتىن يارىتىلغانلىقىنى، ئۆزىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئۈستۈن قىلىدىغان ئالاھىدىلىك دەپ بىلدى، بۇ سەۋەبتىن سەجدە قىلىش ئەمرىگە قارشى چىقتى.

ئادەم بىلەن ئىبلىسنىڭ قىسسىسىدىكى دىققەتنى تارتىدىغان بىر خۇسۇس شۇكى؛ بۇ قىسسىنى بايان قىلغان ھېچبىر ئايەتتە ئىبلىسقا: «ياق! خاتا قىياس قىلدىڭ، سەن ئادەمدىن ياخشى ئەمەس» دېيىلمىگەن. چۈنكى مەسىلە كىمنىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقى ئەمەس، ئاللاھنىڭ پەرمانىنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقتۇر. ئىبلىس بولسا، ئاللاھنىڭ پەرمانىنى قوبۇل قىلمىدى! بۇ يەردىكى مەسىلە بۇدۇر. ئىبلىس ھەقىقەتەن ئوتتىن يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن ئادەمدىن ئۈستۈن بولۇشى مۇمكىن؛ لېكىن ئاللاھ بەرگەن پەرماننى ئىجرا قىلسىلا مەسىلە تۈگەيتتى. لېكىن ئىبلىس، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى سوراق قىلىپ، توغرا -خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان ماقامغا يۈكسەلدۈردى، ئۇنى مۇشرىك قىلغان مانا بۇ پۇزىتسىيەسىدۇر. بولمىسا تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە قارىغاندا ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى ھەققىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلانغان ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن ئىدى:   

﴿قَالَ رَبِّ فَأَنظِرْنِي إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ﴾

« ئىبلىس: «رەببىم! ئۇنداقتا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر ماڭا مۆھلەت بەرگىن» دېدى»-(15-سۈرە ھىجىر، 36- ئايەت).

بۇ ئايەتتىن ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىدىن ھېچقانداق شۈبھىسى بولمىغان ئىبلىسنىڭ، يېڭىدىن تىرىلىش كۈنىگە (قىيامەت كۈنى) ئىشەنگەنلىكىنى ۋە ئۇ كۈنگىچە ياشاش ئۈچۈن ئىزىن ئالىدىغان بىردىنبىر مەنبەنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ ئىمانى ئۇنى مۇشرىك بولۇشتىن توسۇپ قالالمىدى. قىسسەنىڭ ئاخىرىدا ئىبلىس، يېڭىدىن تىرىلىدىغان كۈنگىچىلىك ياشاشقا ئىزىن ئالغاندىن كېيىن ئاللاھقا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ. ثُمَّ لآتِيَنَّهُم مِّن بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَن شَمَآئِلِهِمْ وَلاَ تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ﴾

«ئىبلىس ئېيتتى: «قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، سەن مېنى ئازدۇرغان سەۋەبتىن مەن ئۇلار ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن. ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكرى قىلمايدۇ»-(‏7-سۈرە ئەئراف، 17- ئايەت).

  توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بىرىنىڭ بۇ سۆزلەرنى دېيىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە ياق! ئىبلىس توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. لېكىن يەنە شۇ ئىبلىس، «ئىنسانلارنىڭ ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكرى قىلمايدۇ» ئىپادىلىرى بىلەن ئاللاھقا ئورۇش ئىچىش جۈرئىتىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ! ئۇنى مۇشرىك قىلغان خۇسۇسلار مانا بۇلاردۇر. ئۇ قىسسە بايان قىلىنغان باشقا بىر سۈرىدە ئىبلىسنىڭ ئۇرۇش ئېچىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

﴿وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلاَئِكَةِ إِنِّي خَالِقٌ بَشَرًا مِّن صَلْصَالٍ مِّنْ حَمَإٍ مَّسْنُونٍ. فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِن رُّوحِي فَقَعُواْ لَهُ سَاجِدِينَ. فَسَجَدَ الْمَلآئِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ إِلاَّ إِبْلِيسَ أَبَى أَن يَكُونَ مَعَ السَّاجِدِينَ. قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا لَكَ أَلاَّ تَكُونَ مَعَ السَّاجِدِينَ. قَالَ لَمْ أَكُن لِّأَسْجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقْتَهُ مِن صَلْصَالٍ مِّنْ حَمَإٍ مَّسْنُونٍ﴾

«رەببىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ئىنسان يارىتىمەن.‏ مەن ئۇنىڭغا شەكىل بېرىپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار».‏ شۇنىڭ بىلەن پەرىشىتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك سەجدە قىلدى.‏ ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولۇشتىن باش تارتتى.‏ ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولمىدىڭ؟» دېدى.‏ ئىبلىس: «سەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتقان ئىنسانغا مەن ھەرگىزمۇ سەجدە قىلمايمەن» دېدى»- (‏15-سۈرە ھىجىر، 28-33- ئايەتلەر).

ئىبلىسنىڭ «سەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتقان ئۇ جانلىققا مەن ھەرگىزمۇ سەجدە قىلمايمەن. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلمىدىم!» مەنىدىكى سۆزلىرى ئۇنىڭ مۇشرىك بولۇشىغا يەتكەندۇر. چۈنكى ئىبلىس، جانابى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى مۇناسىپ كۆرمەي -ئاللاھ ساقلىسۇن- ئۇنىڭغا سۆز ئۆگىتىشكە ئۇرۇنغاندۇر؛ ئۇ ئاللاھقا قارشى قىلغان بۇ ئىپادىسى بىلەن ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرغان بولىدۇ. چۈنكى ئىبلىس ئۆزىگە سەجدە قىلىش بۇيرۇقىنى بەرگەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى تارتىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە بولۇشى كېرەك! ھالبۇكى، ئىبلىس ئاللاھ ياراتقان ئادەتتىكى بىر مەخلۇق خالاس. مۇشۇنداق تۇرۇپ قانداقلارچە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا تەكەببۇرلۇق بىلەن ۋە سەت بىر ئىپادە بىلەن قارشى چىقىپ «مەن بۇ كۈنلەر ئۈچۈن يارىتىلمىدىم/ مەن بۇ كۈنلەرگە قالىدىغان بىرى ئەمەسمەن» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىلەرنى دېيەلىسۇن. ئىسرا سۈرىسىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلآئِكَةِ اسْجُدُواْ لآدَمَ فَسَجَدُواْ إَلاَّ إِبْلِيسَ قَالَ أَأَسْجُدُ لِمَنْ خَلَقْتَ طِينًا قَالَ أَرَأَيْتَكَ هَذَا الَّذِي كَرَّمْتَ عَلَيَّ لَئِنْ أَخَّرْتَنِ إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ لأَحْتَنِكَنَّ ذُرِّيَّتَهُ إَلاَّ قَلِيلاً﴾

«يەنە شۇنىمۇ ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ: «مەن، سەن لايدىن ياراتقان كىشىگە سەجدە قىلامتىم؟» دېدى.‏ ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سېنىڭ مەندىن ئۈستۈن قىلغىنىڭ بۇمۇ؟ بۇنىڭ نېمىسىنى دەپ مەندىن ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەت كۈنىگە قەدەر مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، بۇنىڭ بالىلىرىدىن ئازغىنە بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسىنى بۇرنىدىن يېتىلەيمەن»-(17-سۈرە ئىسرا، 61-62- ئايەتلەر).

ئىبلىسنىڭ ئاللاھقا «سېنىڭ مەندىن ئۈستۈن قىلغىنىڭ بۇمۇ؟ بۇنىڭ نېمىسىنى دەپ مەندىن ئۈستۈن قىلدىڭ؟» دېيىشى، ئاللاھنىڭ زاتىغا قىلىنغان ئىسياندۇر. مۇشۇنداق بولسىمۇ ئاللاھ تائالا، ئىبلىسنىڭ تەكەببۇرلۇق بىلەن قىلغان بۇ سۆزلىرىنىڭ ئۆزىنى قىيامەتكىچە باقى قالىدىغان كىتابىدا بايان قىلغاندۇر. بىزمۇ بۇنىڭ سايىسىدە قايسى ئىشنىڭ ئىنساننى مۇشرىك قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەردىن كىيىن يەنە بىر قىتىم شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيايلىكى؛ ئىبلىس، ئاللاھقا ۋە ئۆلۈمدىن كىيىن قايتا تىرىلىشقا ئىشىنەتتى. ئۆزىمۇ پەرىشتىلەردىن بولغانلىقى ئۈچۈن مەلەكلەر (پەرىشتىلەر)نىڭ بارلىقىغا بولغان ئىمانى شەكسىز بار. ئۇ ۋاقىتتا ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن بىرى بولغان نەبى/رەسۇل ۋە بىرەر كىتاب تېخى مەۋجۇت ئەمەس! يەنى ئالدىمىزدا شۇ ۋاقىتتىكى ئامەنتۇ (ئىماننىڭ شەرتلىرى)دە نېمە بولسا ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە سىراتىل مۇستەقىم (توغرا يول)نى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان ئىبلىس بار! لېكىن ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى تەكەببۇرلىقى، ئەمىرگە ئىتائەتسىزلىكى ئۇنىڭ مۇشرىك بولۇشىغا يېتىپ ئاشقاندۇر.[2]

مۇشرىكلىك ئۈچۈن باشقا بىر نەرسىلەر ئىزدەشكە كېرەك يوق. مانا بۇ سەۋەبتىن ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتىپ باھالاپ ھېسابلاشقاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ ئەمىلىگە، ئىبادىتىگە، ئەخلاقىغا قارالمايدۇ.

ئاللاھنىڭ بىر ئەمرىنى بىرىلىرى بۈگۈننىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، مەسىلەن: «جازانە ھارامدۇر» دېگەن ھۆكۈمگە «لېكىن بۇ دەۋىردە جازانىگە كىرمىسەك ئىشلىرىمىزنى ماڭدۇرالمايمىز، ھېچكىم بىلەن رىقابەتلىشەلمەيمىز» دېسە، مۇشۇنداق چۈشەنچىگە كېلىپ قالغان كىشى ئۆزىنىڭ ئىمانى ھەققىدە ياخشى ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك. چۈنكى مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋەتكەندى كىيىن «لېكىن مەن ئاللاھقا، ئاخىرەتكە، پەرىشتىلەرگە، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە، كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىمەن» دېسىمۇ بۇ ئىمانى ئۇ كىشىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ! ئاللاھنىڭ ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئايەتلىرىدىن پەقەت بىر دانىسىنى قوبۇل قىلماسلىق، رازى بولماسلىق؛ ئىلاھلىق ماقامىغا كېلىمەن دېگەنلىكتۇر. دەرۋەقە مۇنداق بىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ئاللاھ ھۇزۇرىدا ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.   

﴿… وَمَن يَكْفُرْ بِالإِيمَانِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ وَهُوَ فِي الآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾

«كىم ئىمانغا كافىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمىلى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ»-‏5-سۈرە مائىدە، 5- ئايەت.

 قُلْ هَلْ نُنَبِّئُكُمْ بِالْأَخْسَرِينَ أَعْمَالًا (103) الَّذِينَ ضَلَّ سَعْيُهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَهُمْ يَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ يُحْسِنُونَ صُنْعًا (104) أُولَئِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ وَلِقَائِهِ فَحَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَلَا نُقِيمُ لَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَزْنًا (105) ذَلِكَ جَزَاؤُهُمْ جَهَنَّمُ بِمَا كَفَرُوا وَاتَّخَذُوا آيَاتِي وَرُسُلِي هُزُوًا (106)

«ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئەمەللىرىدە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتىپ كەتكۈچىلەرنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟».  ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئىشلىرى يوققا چىققان، لېكىن ئۆزلىرىنى ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلايدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار، رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، بۇ سەۋەپتىن ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ھېچ ئېتىبار بەرمەيمىز.‏ بۇ مۇشۇنداقتۇر. ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر. چۈنكى ئۇلار كافىر بولغان، ئايەتلىرىمنى ۋە ئەلچىلىرىمنى مەسخىرە قىلغان»- 18-سۈرە كەھف، 103-106-ئايەتلەر).

يەنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا قىممەتلىك بولغان نەرسە؛ ساپ، خالىس ئىماندۇر. ئىمان بولمىسا قىلىنغان پۈتۈن ئەمەللەر يوققا ھېساب. ئىمان بولسا، ئاللاھنىڭ ئەمىر -پەرمانلىرىغا شەك-شۈبھەسىز ئىشىنىشتۇر. ئاللا بىر ئىشنى بۇيرۇغان ياكى چەكلىگەن بولسا «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشتۇر.

«مۇئمىنلار ئارىلىرىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە چاقىرىلسا: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن سۆزنىلا قىلىدۇ. ئەنە شۇلار مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر»-(‏24-سۈرە نۇر، 51- ئايەت).

ھەرقانداق سالىھ/ياخشى ئەمەل پەقەت مۇشۇنداق ئىمان بىلەنلا قىلىنغاندا قىممەتكە ئىگە بولالايدۇ. ئىنسان مۇشرىك بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ سالىھ ئەمىلىنىڭ بار-يوقلىقىغا قارالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق.  

[1]  2- سۈرە بەقەرە، 34-39؛ 7-سۈرە ئەئراف، 11-25؛ 15- سۈرە ھىجر، 28-44؛ 17- سۈرە ئىسرا، 61-65؛ 18- سۈرە كەھف، 50؛ 20- سۈرە تاھا، 115-123؛ 38- سۈرە ساد، 71- 85- ئايەتلەر.

[2] قىسسىنىڭ يەنە بىر پېرسۇناژى ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. ھەتتا ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىنى  ئاللاھنىڭ ئۆزى بىۋاستە ئۆگەتكەن ئىدى. بۇنىڭغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ، ئادەم ۋە ئايالىنى بىر باغچىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەردىكى ھەممە نەرسىنى يېسە بولىدىغانلىقىنى؛ لېكىن بىر دەرەخكە يېقىنلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى دېدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ، ئىبلىسقا ئالدىنىپ، چەكلىمىنى بۇزدى. بۇ يەردە ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبلىس ئوخشاش خاتالىق ئىشلىدى. ھەتتا ئاللاھ تائالا، ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھەم چەكلەنگەن دەرەخكە يېقىنلاشماسلىقنى، ھەمدە ئىبلىسنىڭ دۇشمەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا، ھەم ئىبلىسنى دوست دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ئىشەندى، ھەمدە چەكلەنگەن دەرەخكە يېقىنلاشتى. يەنى ئىككى گۇناھنى بىرلا ۋاقىتتا قىلغان بولدى. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىبلىس ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشتى، بويۇنتاۋلىق قىلدى، ھاكاۋۇرلۇق قىلدى، ھۇزۇردىن قوغلاندى ۋە شەيتان بولدى؛ ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا قىلمىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندى ۋە دەرھال تەۋبە قىلدى، ئاللاھمۇ ئۇنى مەغفىرەت قىلدى. قاراڭ: 7-سۈرە ئەئراف، 11-25-ئايەتلەر.      


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ