مۇسۇلمانلار
شېرىك- كىم ئۆزىنىڭ مۇشرىكلىكىنى قوبۇل قىلسۇن؟ 1

شېرىك- كىم ئۆزىنىڭ مۇشرىكلىكىنى قوبۇل قىلسۇن؟

3- كىم ئۆزىنىڭ مۇشرىكلىكىنى قوبۇل قىلسۇن؟

مۇشرىكلار ئاللاھقا شېرىك قوشقانلىقلىرىنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلمايدۇ! ھېچكىم «مەن مۇشرىك» دەپ ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. مەسىلەن: «مەككە مۇشرىكلىرى» دېيىلسە زېھنىمىزگە ئۆزىنى مۇشرىك دەپ تۇنۇتقان ئالاھىدە بىر گۇرۇپ ئىنسانلار كېلىدۇ. خۇددى ئۇلارنى بىر ئالاھىدە بايراق ئاستىغا توپلانغان ۋە ئۆزىلىرىنى «مۇشرىكلار» دەپ تۇنۇتقان كىشىلەردەك ئويلايمىز.ھالبۇكى، مۇنداق چوڭ گۇناھنى ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزىنى مۇشرىك دەپ تونۇشتۇرمايدۇ.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُواْ أَيْنَ شُرَكَآؤُكُمُ الَّذِينَ كُنتُمْ تَزْعُمُونَ. ثُمَّ لَمْ تَكُن فِتْنَتُهُمْ إِلاَّ أَن قَالُواْ وَاللّهِ رَبِّنَا مَا كُنَّا مُشْرِكِينَ.انظُرْ كَيْفَ كَذَبُواْ عَلَى أَنفُسِهِمْ وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُواْ يَفْتَرُونَ﴾

«بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان ئويدۇرما ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز.‏ ئاندىن ئۇلارنىڭ يالغان جاۋابى مۇنداق بولىدۇ: «رەببىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق»[1]  قارىغىنا، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى»- (6-سۈرە ئەنئام، 22-24- ئايەت).

كۆرگىنىمىزدەك ئايەتتە مۇشرىكلەر، ئۆزلىرىنىڭ مۇشرىك ئەمەسلىكىگە ئاللاھقا قەسەم قىلىپ بەرگەن ۋە داۋاملىق شۇنداق دەيدۇ. دەرۋەقە ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن «بىز ئۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ ئىبادەت قىلىمىز»[2] دېيىشى، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك گۇناھىنى ئۆزلىرىگە لايىق كۆرمىگەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىنسانلارنى ئاللاھ يولىدىن ئازدۇرۇشنى ئاساسي نىشان قىلغان شەيتان، ئىنساننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئازدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن «مەن سەن بىلەن ئادا-جۇدامەن، چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن»-(‏59-سۈرە ھەشر، 16- ئايەت). دېيىشىمۇ ئوخشاش ئىشنى كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە مۇشرىكمۇ بىر ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشرىكلىكنى ئۆزىگە لايىق كۆرمەيدۇ.لېكىن ئېغىزىدا بۇنى ئىنكار قىلىشى، قىلغان ئىشىنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇپ قالالمايدۇ. بىر كىشىنىڭ ئاللاھتىن باشقا بىر مەۋجۇتلۇقنى ئىلاھ ياكى رەب دەپ ئاتىمىسىمۇ، ئىلاھقا خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئۇ مەۋجۇتلۇقتا بار دەپ ئېتىقاد قىلىشى ۋە ئىبادەت قىلىشى شېرىكتۇر.

ئۇنداقتا، قۇرئاندا مۇشرىك قانداق تەرىپلىنىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ قانداق خۇسۇسىيەتلىرى بار؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:    

[1] بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى سۆزى بولۇپ، 6- سۈرە ئەنئامنىڭ 130- ۋە 7-سۈرە ئەئرافنىڭ 37- ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەردە كافىرلار/مۇشرىكلەرنىڭ ئاخىرەت كۈنىدە كافىرلىقلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن باشقا مۈلك سۈرىسىنىڭ 11-ئايىتىدە بولسا كافىرلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەندۇر. خۇلاسە شۇكى، «بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» ئىپادىسىنىڭ ئاخىرەتتە ئەمەس، دۇنيادا دېيىلگەنلىكى چۈشۈنىلىدۇ.

[2] ئاگاھ بولۇڭلاركى، خالىس دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالغانلار: «بىز ئۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ ئىبادەت قىلىمىز» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- (‏39-سۈرە زۇمەر، 3- ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر