باش بەت > ئەقىدە > تەۋھىد  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
  • ئىلاھ دېگەن نېمە؟

ئىلاھ، ئىبادەت قىلىنىدىغان يەنى چوقۇنىلىدىغان مەۋجۇتلۇق دېمەكتۇر. بۇ سۆز تۈرلىنىپ چىققان سۆز تۇمۇرىغا ئاساسەن «تەڭداشسىز كۈچكە ئىگە، چىن قەلبتىن باغلىنىپ ئىلتىجا قىلىنىدىغان، ھېسسى ئەزالار بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق» دېگەن مەنىلەرنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.[1] بۇ سۆز تۈرۈكچىدە «تەڭرى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.[2] ئىلاھ، ئىبادەت قىلىنىدىغان مەۋجۇتلۇق دەپ تەرىپلەنگەندە تەبىئىيلا «ئىبادەت دېگەن نېمە؟» دېگەن سۇئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەمدى بۇنى كۆرۈپ باقايلى:  

  • ئىبادەت دېگەن نېمە؟

تۈرۈكچە (ئۇيغۇر)چىغا «چوقۇنماق، قۇللۇق قىلماق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىبادەت، ‘بىر مەۋجۇتلۇققا شەك-شۈبھىسىز بويۇن ئېگىش، ئىتائەت قىلىش’ دېمەكتۇر. ئېھتىرام ۋە سەمىمىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنىمۇ ئىبادەت دەپ تەرىپلىگىلى بولىدۇ.[3] يۇقىرىدىكى ئىلاھ ۋە ئىبادەت ئۇقۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك بېرىلگەن ئېنىقلىمىلارغا ئاساسەن، ئىلاھ، ئەمىر-پەرمانلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتقىلى بولمايدىغان، ئىككىلەنمەستىن بويۇن ئېگىلىدىغان ۋە شەرتسىز ئىتائەت قىلىنىدىغان مەۋجۇتلۇقتۇر. بۇ مەنىدە ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر.پەقەت ئۇنىڭغىلا بۇ شەكىلدە بويۇن ئېگىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق مەۋجۇتلۇققا مۇتلەق ئىتائەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالادىن باشقا بىر كىشىگە/ماقامغا، پەقەت ئاللاھ بەلگىلىگەن پرىنسىپلارغا ئاساسەن ئىتائەت قىلشقا بولىدۇ.[4] يەنى ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق بىر مەۋجۇتلۇققا پەقەت ئۇ ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۆلچەملەرگە بويسۇنغان ۋاقىتتا ئىتائەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاللاھ بەلگىلىگەن پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلسا ئۇنداق ئورۇن ۋە ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ساھابىلەردىن ئۇممۇل ھۈسەيىن ئەھمەسىييە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا)، رەسۇلۇللاھنىڭ، ۋىدا ھەججىدە ئوقۇغان خۇتبىلىرىنىڭ بىرىدە بۇ خۇسۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:«ئې ئىنسانلار! ھەر دائىم ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولۇڭلار. سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا قۇلىغى (قول-پۇتلىرى) كىسىۋىتىلگەن ھەبەشىستانلىق بىر قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ كىتابىغا قارىتا ئىش قىلىپ، ئۇنى تەتبىقلىسا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار ۋە ئىتائەت قىلىڭلار»[5]. ھەدىستىن ناھايىتى ئېنىق چۈشىنىلگەندەك، ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئۇيغۇن ئىش قىلىش شەرتىگە باغلىقتۇر. يەنى نەبىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئىپادىلىسەك «ئاللاھقا ئاسى بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان بىر مەسىلىدە يارىتىلغان مەۋجۇداتلارغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»[6]. مانا بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالادىن باشقا ئەمىر-پەرمانلىرى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغان ھېچبىر ماقام يوقتۇر. ئاللاھتىن باشقا بىر مەۋجۇتلۇقنى، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە قەتئىي خاتالاشمايدۇ، جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئۇنىڭغا ئىلاھلىق سۈپىتىنى بېرىش دېمەكتۇر. بۇ تەۋھىدنىڭ ئاساسى بىلەن ھېچبىر زامان چىقىشالمايدۇ. بۇ مەۋجۇتلۇق؛ ئالىم، پىر، ئوقۇتقۇچى، تەرىقەت شەيخى، پارتىيە رەھبىرى، تارىخى مەشھۇر بىر شەخس بولغاندەك، مەزھەب، تەشكىلات، تەرىقەت، پارتىيە، پالاتا، دۆلەتلەردەك ئىدارە-ئورگانلار بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنى ئىلاھلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېغىزدا ئۇلارنى ئىلاھ دېيىشكە كېرەك. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، پوزىتسىيەدۇر. شۇنداقلا، ئىماننىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇشۇنداق مۇھىم بىر مەسىلىدە نېمە دېيىلىگىنىدىن ئارتۇق نېمە قىلىنغانلىقى ۋە قانداق پوزىتسىيەدە بولغانلىقى مۇھىمدۇر.            

[1] راغىب ئىسفاھانى، «ئىلاھ»، مۇفرەدەتۇل ئەلفازىل قۇرئان، تەھقىقلىغۇچى: سەفۋان ئەدنان داۋۇدى (بېيرۇت: دارۇل قەلەم – دىمەشىق: دارۇش شەمسىيە، 1992)،  82-83. يۇسۇف شەۋقى ياۋۇز، «ئىلاھ»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيىسى (ئىستانبۇل: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2000)، 22: 64.

[2] ئاللاھ، خاس ئىسىمدۇر، بۇ ئىسىمنى ئاللاھتىن باشقىسىغا قوللانغىلى بولمايدۇ. تۈرۈك (ئۇيغۇر) تىلىمىزدىكى تەڭرى سۆزى ، ئىلاھ دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆزنى ئاللاھ ئۈچۈنمۇ، تەڭرى دەپ ئېتىقاد قېلىنغان باشقا نەرسىلەر ئۈچۈنمۇ قوللانغىلى بولىدۇ. «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر» سۆزى بىلەن «ئاللاھتىن باشقا تەڭرى يوقتۇر» دېگەن سۆز ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىلاھ سۆزى ئەرەپچە بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرۈكچىمىزدە ئۇنىڭ ئورنىغا تەڭرى سۆزىدىنمۇ مۇۋاپىق باشقا سۆزىمىز يوقتۇر.

[3] راغىب ئىسفاھانى، «عبد»، 542؛ مۇستافا سىنان ئوغلۇ، «ئىبادەت»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيىسى (ئىستانبۇل: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1999)، 19 : 233.

[4] ئاللاھتىن باشقا رەسۇلۇللاھقىمۇ مۇتلەق ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ئەمەس، يەتكۈزگەن نەرسىلىرىگە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، رەسۇل يەنى «ئەلچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ھېچبىر نەرسە قوشماستىن ۋە چىقىرۋەتمەستىن ئەينى پىتى يەتكۈزىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ. دەرۋەقە نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن بىللە رەسۇلۇللاھقىمۇ ئىتائەت قىلىشقا ئەمر قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈچۈن قاراڭ: 3- سۈرە ئال ئىمران، 32 ۋە 132- ئايەتلەر؛ 4- سۈرە نىسا، 59 ۋە 80- ئايەتلەر؛ 8- سۈرە ئەنفال، 20 ۋە 47- ئايەتلەر؛ 24- سۈرە نۇر، 54 ۋە 56- ئايەتلەر؛ 47- سۈرە مۇھەممەد، 33- ئايەت.

[5] تىرمىزى، «جىھاد»، 28. (ھەدىسنىڭ ئوخشىمىغان رىۋايەتلىرى ئۈچۈن قاراڭ: مۇسلىم، «ئىمارەت»، 37-38 (1838).

[6] مۇسلىم، «جىھاد»، 39 (1840). ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنەبىمىزدىن بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ: «مۇسۇلمان بىر كىشى ئۆزىگە گۇناھ ئىش قىلىش بۇيرۇلمىغانلا بولسا، ياقتۇرسۇن ياقتۇرمۇسۇن ئاڭلىشى ۋە ئىتائەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆزىگە بىر گۇناھ ئىش قىلىش ئەمر قىلىنغان بولسا بويسۇنۇش ۋە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ». بۇخارى، «جىھاد»، 108، «ئەھكام»، 4؛ مۇسلىم، «ئىمارەت»، 38 (1839)؛ ئەبۇ داۋۇد، «جىھاد»، 87؛ تىرمىزى، «جىھاد»، 29، «ئەدەب»، 78؛ نەسەئىي، «بەيئەت»، 34؛ ئىبنى ماجە، «جىھاد»، 40؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 2 : 17.

 


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ