باش بەت > ئۆسۈم > زاكات > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئە – جازانە-زاكات مۇناسىۋىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا آتَيْتُم مِّن رِّبًا لِّيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِندَ اللَّهِ وَمَا آتَيْتُم مِّن زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ

«ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆسمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر قاتمۇقات كۆپەيتكۈچىلەردۇر»-(‏30-سۈرە رۇم، 39- ئايەت)

يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ

«ئاللاھ جازانىنى خورىتىدۇ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكار ۋە تۇزكورنى ياخشى كۆرمەيدۇ»-(‏2-سۈرە بەقەرە، 276- ئايەت).

تەبىئەت قانۇنلىرىنى ئاللاھ بېكىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ خورىتىشى ۋە ئۆستۈرۈشى» ئاللاھ بېكىتكەن تەبىئىي قانۇن بويىچە ئۆسۈم كەمچىللىككە، زاكات كەڭرىچىلىككە سەۋەب بولىدۇ، دېگەن بولىدۇ.

ئۆسۈملۈك قەرز (كرېدىت) گۆرۈ قويغانلارغا بېرىلىدۇ، چۈنكى جازانىخورلار پۇلىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى جەزملەشتۈرمەستىن ھېچكىمگە كرېدىت بەرمەيدۇ. گۆرۈ قويالايدىغانلار ئاز بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پۈتۈن كرېدىتنى بۇ بىر ئوچۇم ئىنسانلار ئالىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ مال-مۈلكىنى قوللىرىغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. كىرېدىت سىستېمىسى ئىشنىڭ بېشىدا مانا مۇشۇنداق تەڭپۇڭسىزلىققا سەۋەب بولىدۇ.

ئايلىنىۋاتقان پۇلى 2 مىليون لىرا بولغان بىر بازارغا سىرتتىن 1 مىليون لىرا كرېدىت كىرسە، ئۇ بازاردا قىسقا مۇددەتلىك بىر جانلىنىش بولىدۇ. كرېدىتنىڭ ئۆسۈمى %10 بولسا قەرەل توشقاندا بازاردىن  1.100.000 لىرا تارتىلىدۇ. ئايلىنىۋاتقان پۇل 1.900.000 لىراغا تۆۋەنلەيدۇ. بازاردىكى جانلىقلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن دەرھال 1.100.000 لىراغا ئېھتىياج چۈشىدۇ. بۇ پۇلمۇ ئۆسۈملۈك بولسا قەرەل توشقاندا ئايلىنىۋاتقان پۇل 1.790.000 غا تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئىش 7 قېتىم تەكرارلانسا ئايلىنىۋاتقان پۇل 1.050.000 كە تۆۋەنلەيدۇ.

ناۋادا ئۇ 1 مىليون لىرا سىرتتىن كرېدىت سۈپىتىدە كىرمىسە ۋە بىر بانكا ئۇ بازاردىن  1 مىليون لىرا يىغسا، بۇ تەقدىردە ئۇ بازاردا ئايلىنىۋاتقان پۇل 2 مىليوندىن 1 مىليونغا چۈشىدۇ. چۈنكى بانكا يىغقان ئۇ 1 مىليون لىرا پۇل بىر بىر مۇددەت ئۆسۈملۈك قەرز بولۇپ مۇئەييەن قوللاردا ئايلىنىشى مۇمكىن.

ئەگەر ئۇ بانكا مەزكۇر بازاردىن يىغقان ئۇ 1 مىليون لىرانى %10 ئۆسۈم بىلەن يەنە شۇ بازارغا كرېدىت سۈپىتىدە تارقاتسا، قەرەل توشقاندا بازاردىن 1.100.000 لىرا تارتىلىدۇ ۋە بازاردا ئايلىنىۋاتقان پۇل 900.000 لىراغا چۈشىدۇ. جانلىقلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن دەرھال 1.100.000 لىرا پۇل لازىم بولىدۇ. بانكا بۇ پۇلنىمۇ شۇ بازاردىن يىغىپ يەنە بازارغا كرېدىت سۈپىتىدە تارقاتسا، بۇ پۇلمۇ ئۆسۈملۈك بولغانلىقتىن ئايلىنىۋاتقان پۇل 790.000 غا چۈشىدۇ. بۇ ئىش 7 قېتىم تەكرارلانسا بازاردا ئايلىنىۋاتقان پۇلنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 50.000 لىراغا چۈشىدۇ. نەتىجىدە بانكا ئۇ بازاردا ئايلىنىۋاتقان 2 مىليون لىرانىڭ 1.950.000 لىراسىنى ئەنە شۇ شەكىلدە ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان بولىدۇ. بۇ ئەسنادا مال باھالىرى ئۆسۈپ كېتىدۇ، يوقسۇزلۇق ئەۋجىگە چىقىدۇ.

بانكا پۇل ئىگىلىرىگە %5 ئۆسۈم بەرسە 7 يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ پۇلى 1.475.000 لىراغا چىقىدۇ ۋە %50 ئەتراپىدا پايدا ئالغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ زىيىنى ئېغىر. چۈنكى كرېدىت ئالماي ئىش قىلغانلار چىقىملىرىنى چىقىرىۋېتىپ تۇرمۇشلىرىغا يەتكۈدەك كىرىم ھاسىل قىلسا پايدا ئالدۇق، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلارنىڭ پۇل ئۈچۈن تۆلەيدىغان بىر چىقىمى يوق. ئىشقا كرېدىت ئارىلاشسا ئۇنىڭ ئۆسۈمى سەرمايىنىڭ چىقىمى بولىدۇ ۋە باھالارغا ئەكس ئېتىدۇ. بۇ ئىشتا كرېدىتنىڭ ئۆسۈمى %10، پۇل ئىگىلىرى ئالىدىغان ئۆسۈم %5 بولغانلىقتىن باھالارنىڭ ئۆسۈپ كېتىشلىرى، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى يەپ تۈگەتكەندەك، ئانا پۇللىرىنىمۇ تۈگىتىدۇ. مەسىلەن: شېكەرنىڭ كىلوسى 50 سىنت چاغدا بانكىغا %5 ئۆسۈمگە 50 لىرا ياتقۇزغان بىر كىشى 7 يىل كېيىن ئانا پۇلى بىلەن بىرلىكتە 73.75 لىرا ئالىدۇ. لېكىن بۇ ئەسنادا شېكەرنىڭ باھاسى ئەڭ ئاز بولغاندا 195 سىنىتقا چىقىدۇ. 7 يىل بۇرۇن 50 لىراغا 100 كىلو شېكەر كېلەتتى، ھازىر 73.75 لىراغا تەخمىنەن 38 كىلو شېكەر كېلىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتى ئەنە ئاشۇنداق %62 ئەتراپىدا يوق بولۇپ كېتىدۇ.

جەمئىيەتنىڭ جان تومۇرلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقان، تىجارەتچى ۋە سانائەتچى كىشىلەر پۇللىرىنى بانكىغا قويمايدۇ. چۈنكى ئۇلار پۇللىرىنى ئۆز ئىشلىرىدا ئىشلىتىدۇ. لېكىن ئۆسۈم بازاردا ئايلىنىۋاتقان پۇلنى يىگىرمىدە بىرگە تۆۋەنلىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىمۇ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

كىرېدىت ئالغانلار %10 ئۆسۈم تۆلەيدىغان بولغاچقا ساتىدىغان مال ۋە خىزمەتلىرىگە ئاز بولغاندا %20 پايدا قويىدۇ. ئىشلار ياخشى بولسا يىل ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ كرېدىت يولى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن پايدىسى ئاز بولغاندا 100.000 لىرا بولىدۇ. چىقىملارنى ئۇنداق جىق پۇلغا ئىگە بولۇش بەخش ئەتكەن ئىمكانلار بىلەن قىلالىغانلىقى ئۈچۈن بۇ پۇل ساپ پايدا ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى يىل ئۇلار ئالىدىغان كىرېدىت 1.100.000 بولغانلىقى ئۈچۈن ئارتۇق پايدىسى 110.000 لىرا بولىدۇ. يەتتە يىل ئاخىرىدا كرېدىت سەۋەبى بىلەن ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئارتۇق پايدا 950.000 لىراغا يېتىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇنداق چوڭايغان، لېكىن بازار كىچىكلىگەن بولىدۇ. يىللىق كىرىمى كىرېدىت ئۆسۈمنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەنلەر قەرزلىرىنى تۆلىيەلمەيدۇ، ۋەيران بولىدۇ.

كرېدىت ئىشلەتكەنلەر تاپقان 950.000 لىرا پايدا نەق بولمايدۇ. ئۇلار پۇللىرىنىڭ زور قىسمىغا مۇقىم مۈلۈك سېتىۋالىدۇ. بازارنىڭ ئۆز جانلىقلىقىنى يوقىتىشى سەۋەبىدىن بۇ مۇقىم مۈلۈكلەرنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەر ئۇلارغا تار كېلىدۇ، كۆپىنچە باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىدۇ ۋە ئۇ يەرنى سۈيى چىقىرىۋېلىنغان مېۋىدەك قىلىپ قويۇپ تەرك ئېتىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆسۈم نەقەدەر كۆپ بولسا بولسۇن ئاقىۋىتى ئازلىققا ئۆزگىرىدۇ»[1].

«ئۆسۈم باش كۆتۈرگەن جەمئىيەتنىڭ خەلقىنى نامراتلىق بېسىپ كېتىدۇ. پارىخورلۇق تارقىلىپ كەتكەن جەمئىيەتنىڭ خەلقى قورقۇنچاق بولۇپ كېتىدۇ»[2].

ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بېخىللىق بار. ئۆسۈم ئۇ بېخىللىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئۆسۈمگە پۇل ياتقۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پۇلنى يىغىش كېرەك. پۇل يىغىش ئۇنى بازاردىن تارتىش دېمەكتۇر. قۇرئان يىغىشقا ئەمەس، ئىنفاققا (سەرپ قىلىشقا) بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّمَا أَمْوَالُكُمْ وَأَوْلَادُكُمْ فِتْنَةٌ وَاللَّهُ عِنْدَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ (15) فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنْفِقُوا خَيْرًا لِأَنْفُسِكُمْ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ (16) إِنْ تُقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعِفْهُ لَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ وَاللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ (17)

« شۈبھىسىزكى، ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىناقتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بۈيۈك مۇكاپات بار.  ئۇ ھالدا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئىتائەت قىلىڭلار ۋە مال چىقىم قىلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار، مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر. ئەگەر ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر»-(‏64-سۈرە تەغابۇن، 17- ئايەت).

ئەرەبچىدە تونېل نەفەق (نَفَق)، دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنفاق بىر نەرسىنى تونېلدىن ئۆتكۈزمەكتۇر. ئىنفاق قىلىنغان نەرسە نەفەقە دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە قىلغان ھەر چىقىمى، ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى زىممىسىگە ئالغان يېتىم-يېسىرلارغا بېرىپ تۇرغان ھەر نەپىقىسى ۋە ياخشى يوللارغا سەرپ قىلغان ھەر خىراجىتى نەفەقەدۇر. ياخشى يوللارغا قىلىنغان خىراجەتلەر ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھقا بېرىلگەن ئۆتنىدۇر. چۈنكى ئۇنى بەرگەن كىشى بەدىلىنى پەقەت ئاللاھتىنلا كۈتىدۇ.

پۇل- مال ۋە خىزمەت يۈرۈشۈشىنى تەمىن ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تومۇردىكى قانغا ئوخشاش داۋاملىق ئايلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. ئايلىنىپ تۇرغان قان ھۈجەيرىلەرگە قانداق ئوزۇق توشۇسا پۇلمۇ ئىنسانلارغا ئاشۇنداق مال ۋە خىزمەت توشۇيدۇ. پۇل ئايلانمىسا ياكى تېگىشلىك بولغىنىدىن ئاز ئايلانسا مال ۋە خىزمەتلەر زايە بولۇپ كېتىدۇ: تىجارەت توختايدۇ، ئاچارچىلىق ۋە قىيىنچىلىق باشلىنىدۇ.

زاكات ۋە سەدىقە بېرىش ئاللاھ يولىدا ئىنفاق قىلغانلىقتۇر. بازارنىڭ جانلىنىشى، ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك ھۆكۈم سۈرگەن بىر جەمئىيەتنىڭ بەرپا بولۇشى، ھەر تەبىقە كىشىلىرىنىڭ پايدىلىق ئىشلارنىڭ بېشىنى تۇتالىشى قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىنفاق قىلىش شەرتتۇر. بولمىسا تەھلىكىلىك ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَأَنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ وَأَحْسِنُوا إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ

«ئاللاھ يولىدا ماللىرىڭلارنى چىقىم قىلىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى تەھلىكىگە ئاتماڭلار. ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ»-(‏2-سۈرە بەقەرە، 195- ئايەت).

ئاللاھ يولىدا ئىنفاق قىلىشنىڭ كۆپەيتىش تەسىرى بولىدۇ: پېقىر ئالغان زاكات ياكى سەدىقە پۇلىنى دۇكانچىغا، دۇكانچى توپ تارقاتقۇچىغا، توپ تارقاتقۇچى ئىشچىلارغا بېرىدۇ[3]، ئىشچىلار ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن خەجلەيدۇ… بازار مانا بۇ شەكىلدە يېڭى خېرىدارلارغا ئېرىشىدۇ. كىرىم ۋە بايلىق قاننىڭ قىل قان تومۇرلاردا ئايلانغىنىدەك جەمئىيەتنىڭ ھەر تەبىقىسىگە ئېرىشىدۇ. ئايلىنىۋاتقان پۇل كىمنىڭ قولىغا ئۆتسە ئۇنىڭ ئىشىغا يارىغانلىقى ئۈچۈن بازار جانلىنىدۇ، خەجلەنگەن بىر لىرا بىر مۇددەتتىن كېيىن يەتتە يۈز لىرالىق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشقا يارىغان بولىدۇ. بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغانلار ھەم ساۋاب قازىنىدۇ، ھەم بازارنىڭ جانلىنىشىدىن پايدىلىنىدۇ. دېمەككى، ئۆسۈم تارىيىشقا، ئىنفاق قىلىنغان مال قاتمۇقات كېڭىيىشكە سەۋەبچى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

مَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنْبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنْبُلَةٍ مِائَةُ حَبَّةٍ وَاللَّهُ يُضَاعِفُ لِمَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ

«ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان مېلىنىڭ ئەھۋالى، يەتتە باشاق ئۈندۈرگەن ۋە ھەر باشىقىدا يۈز دانە دان بولغان بىر دانە ئۇرۇقنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»-(‏2-سۈرە بەقەرە، 261- ئايەت).

جازانىخورلۇقتا بايلىق بايلارغا ئاقىدۇ. زاكاتتا بايلىق پېقىرلەرگە ئاقىدۇ ۋە ئۇلارغا سېتىۋېلىش كۈچى بەخش ئېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بازارغا يېڭى خېرىدارلار كىرىدۇ.

[1] – ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد، 1: 395.

[2] – ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد، 4: 205.

[3] چۈنكى بۇلار بىر-بىرىگە زەنجىرسىمان شەكىلدە قەرزدار ياكى موھتاج كىىشلەردۇر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ