مۇسۇلمانلار

تىجارەت ۋە جازانە- جازانىنىڭ چەكلىنىشى

ئا- جازانىنىڭ چەكلىنىشى

ئۆسۈم تۇنجى قېتىم مۇنۇ ئايەت بىلەن چەكلەنگەن:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

«ئى مۇئمىنلار! قاتمۇقات ئۆسۈمنى يېمەڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-‏3-سۈرە ئال ئىمران، 130- ئايەت.

قاتمۇقات كۆپەيمەك ئۆسۈمنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر. %10  ئىككىنچى يىلى %21 گە، ئۈچىنچى يىلى %33 گە چىقىدۇ ۋە زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئانا پۇلدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ئىككىنچى قېتىملىق چەكلەش تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن بولغان:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ (278) فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ (279) وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ (280)

«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار.‏ ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر.‏ ئەگەر قەرزدار قىينچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»- ‏2-سۈرە بەقەرە، 278-280- ئايەتلەر.

جاھىلىيەت دەۋرىدە قەرزىنى تۆلىمىگەن قەرزدار قۇل قىلىپ سېتىلاتتى. ئاخىرقى ئايەت بىلەن قەرزدارلارنىڭ سېتىلىشىمۇ چەكلەندى ۋە ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىلىشىنىڭ لازىملىقىغا ھۆكۈم قىلىندى[1].

[1] – قۇرتۇبى (ۋاپاتى: 671/1272)، ئەلجامىئ لىئەھكامىل قۇرئان، دارۇلكۇتۇبىل ئىلمىييە 1408/1988، 3- جىلد، 240- بەت. بەقەرە 2/280- ئايەتنىڭ تەپسىرى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر