مۇسۇلمانلار

ئايالىم مۇھىممۇ، تۇغقانلىرىممۇ؟

سوئال:

ئايالىم  مىني تۇققانلىرىمدىن كىچىشكە زورلاۋاتىدۇ مەن ئۇنىمۇدۇم 1 قىزىم بار   قۇسقىدا تۆت ئايلىق بالام بار  مەن  ھەرگىز تۇققانلىرىمدىن كەچمەيمەن. مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب:

تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش دىنىمىزدا چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ئادرېستىن سىيلە-رەھىم ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز:

https://www.musulmanlar.com/?p=664

ئىنساننىڭ ياخشىلىق قىلىشى كېرەك بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ باشتا ئاتا-ئانا كېلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بالىلىرىنى گۇناھقا زورلاش ھوقۇقى يوق. تۆۋەندىكى ئادرېستا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بار:

https://www.musulmanlar.com/?p=947

ئەگەر بىرەر كىشىنى ئاتا-ئانىسى گۇناھقا زورلىسا ئۇ كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلماسلىقى يەنى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماسلىقى، يەنىلا ئۇلارغا دۇنيالىق ئىشلاردا يېقىنلىق كۆرسىتىشى ۋە ياخشىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى ئەمىر قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِن جَٰهَدَاكَ عَلَىٰٓ أَن تُشۡرِكَ بِي مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٞ فَلَا تُطِعۡهُمَاۖ وَصَاحِبۡهُمَا فِي ٱلدُّنۡيَا مَعۡرُوفٗاۖ وَٱتَّبِعۡ سَبِيلَ مَنۡ أَنَابَ إِلَيَّۚ ثُمَّ إِلَيَّ مَرۡجِعُكُمۡ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ  ١٥﴾

«ئەگەر ئۇلار سېنى ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا داۋاملىق يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن»-(31-سۈرە لوقمان، 15- ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ». (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد).

مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ھەدىس: «ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» (مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131).

ئايالىڭىزنىڭ تۇققانلىرىڭىزدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى بەلكى ئۇنىڭ نادانلىقىدىن ياكى دىنىمىزنىڭ بۇ توغرىدىكى ئەمىر-پەرمانلىرىنى تولۇق بىلمىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا تۇققانلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنىڭ يامانلىقىنى ۋە بۇ يامانلىقنى قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇ يەنىلا تەلىپىدە چىڭ تۇرسا سىز ئۇنىڭغا ئەسلا ئىتائەت قىلماڭ، شۇنداقتىمۇ ئائىلىۋى ھاياتىڭىزنى چىرايلىق شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىڭ. ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن.

 

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر