مۇسۇلمانلار

تەۋھىد ۋە شېرىك

تەۋھىد ۋە شېرىك

تۇنجى نەبىي ئادەم ئەلەيھىسالامدىن ئاخىرقى نەبىي مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغىچە پۈتۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئاللاھ تائالانىڭ يېگانە دىنى بولغان ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپى، تەۋھىددۇر. دەرۋەقە توغرا دىننىڭ؛ «پەقەت ئاللاھقىلا بويۇن ئېگىپ، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا قۇل بولماسلىق، ناماز ئوقۇش ۋە زاكات بېرىش» ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى بىلدۈرگەندۇر.[1] بۇ ئېنىقلىما بىزگە «دىن» قاچان مەۋجۇت بولغان بولسا، ئۇ زاماندىن بېرى بۇ ئۈچ ئېلىمنىتنىڭ دائىم مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

قۇرئان تۇنجى سۈرىسى «فاتىھە»دىن ئاخىرقى سۈرىسى «ناس»قىچە ھەممە يېرىدە، تەۋھىد  ھەققىدە توختىلىدۇ ۋە بارلىق نەبىلەرنىڭ ئەلچى بولۇپ ئەۋەتىلگەن قەۋملىرىنى بۇ مۇھىم مەسىلە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

تەۋھىدنىڭ زىتتى شېرىكتۇر. شېرىك- ئورتاق بولۇش، ئورتاق قىلىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆز تۈرۈكچىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش شەكىلدە كىرگەن بولۇپ، ھەمكارلىشىش، ياردەملىشىش، دوست، ئۈلپەت دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شېرىكچىلىك ۋە شىركەت سۆزلىرىمۇ بۇ سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ئەڭ ئاز ئىككى كىشىنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قۇرغان ئورتاقلىقى دېگەن بولىدۇ.

ئىستىلاھ (ئاتالغۇ)دا شېرىك- زات، سۈپەت، پېئىل ۋە قۇللۇق قىلىش (ئىبادەت)تە ھەرقانداق مەۋجۇداتنى ئاللاھقا شېرىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىتىشتۇر.[2] يەنى ئاللاھقا زاتىدا شېرىك قوشۇش، شېرىك ھېسابلانغاندەك، پەقەت ئاللاھقىلا لايىق سۈپەتلەر/ئالاھىدىلىكلەرنى باشقا مەۋجۇداتلارغا بېرىشمۇ شېرىك بولىدۇ. بۇ، «بىر نەرسىنى ئۆزىگە ئائىت بولمىغان يەرگە قويۇش» مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان زۇلۇم دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن شېرىك، قۇرئاندا «ناھايىتى چوڭ زۇلۇم» دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذْ قَالَ لُقْمَانُ لِابْنِهِ وَهُوَ يَعِظُهُ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ﴾

«ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر»-(‏31-سۈرە لوقمان، 13- ئايەت).

قۇرئاننىڭ ئاساسىي مەسىلىسى تەۋھىددۇر. قىسقىچە «ئاللاھ يېگانە ئىلاھتۇر» دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدىغان تەۋھىدكە، ئەپسۇسكى كۆپىنچە «ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى بىلىش» دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. بۇ ئېنىقلىما تەۋھىدنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ تارايتىپ قويىدۇ. چۈنكى ئاللاھنى بار ۋە بىر بىلىش، تەۋھىدنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. بۇنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىش ئۈچۈن دىننىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدىغان كەلىمە تەۋھىد ۋە كەلىمە شاھادەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە توختىلىمىز؛ چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ بىرىنچى پارچىسى تەۋھىدنىڭ ئېنىقلىمىسى بولالايدۇ؛ لائىلەھە ئىللەللاھۇ (لااله الا الله) ئاللاھ باردۇر ۋە بىردۇر ئەمەس؛ «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر» دېگەنلىكتۇر. ئەشھەدۇئەن لائىلەھە ئىللەللاھۇ (أشهد أن لاإله الا الله ) ئاللاھنىڭ بىر ۋە بار ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن ئەمەس، «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېمەكتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن تەۋھىد، ئاللاھتىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلماسلىق ياكى پەقەت ئاللاھنىلا ئىلاھ دەپ قوبۇل قىلىش دېمەكتۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى تارتىشىلىدىغان مەسىلە ئەمەستۇر ۋە بۇنى تارتىشىشنىڭمۇ ھېچقانداق مەنىسى يوقتۇر.

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، كەلىمە تەۋھىدنىڭ بىرىنچى قىسمى ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كەلىمە شاھادەت بولسا، «مەن گۇۋاھلىق بېرىمەن يەنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلىمەن، چۈشىنىمەن ۋە ئىشىنىمەن» دېگەن بولىدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن تەۋھىدكە؛ «ئاللاھنى بار ۋە بىر بىلىش» دەپ ئېنىقلىما بەرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئېنىقلىمىدا تەۋھىدنىڭ مەنىسى تارىيىپ كېتىدۇ.  ئەلۋەتتە ئاللاھنى بىر ۋە مەۋجۇت دەپ بىلىش كېرەك؛ لېكىن تەۋھىد ئۈچۈن بۇ يىتەرلىك ئەمەس. ئەسلى مۇھىم بولغان، ئاللاھتىن باشقا بىر مەۋجۇداتنى ئىلاھ دەپ قوبۇل قىلماسلىقتۇر. چۈنكى ئىلاھلىق پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. قۇرئاننىڭ ئىپادىسى بىلەن چۈشەنسەك، «بىر ئىلاھ (ئاللاھ)تىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر= وَمَا مِنْ إِلَهٍ إِلاَّ إِلَهٌ وَاحِدٌ»- (مائىدە، 5/73) ۋە «ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھ، زېمىندىمۇ ئىلاھ بولغان زاتتۇر= وَهُوَ الَّذِي فِي السَّمَاء إِلَهٌ وَفِي الْأَرْضِ إِلَهٌ»-(زۇخرۇف، 43/84).

بۇ نۇقتىدا «ئىلاھ دېگەن نېمە؟» دېگەن سۇئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاللاھتىن باشقا بىر مەخلۇقنى ئىلاھ دەپ قوبۇل قىلماسلىق ئۈچۈن ئىلاھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىش كېرەك. كەلىمە تەۋھىددە «ئاللاھتىن باشقا ئاللاھ يوقتۇر» دېمەي «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر» دېيىلىشى دېققەتنى تارتىدۇ. دېمەككى، «ئاللاھتىن باشقا ئاللاھ باردۇر» دېگەن يا ھېچكىم يوق ياكى بولسىمۇ يوق دېيەرلىك دەرىجىدە ئازدۇر. ئۇنداقتا «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر» نېمە دېگەن بولىدۇ؟       

1]  «كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن پىرقىلەرگە ئايرىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، زاكاتنى بېرىشكە ئەمر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر»-98-سۈرە بەييىنە، 4-5- ئايەتلەر.

[2]مۇستافا سىنان ئوغلۇ، «شېرىك»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيەسى (ئىستانبۇل: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2010)، 39: 193.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر