مۇسۇلمانلار

تىجارەت ۋە جازانە-مۇقەددىمە

مۇقەددىمە

ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر، چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر، بىز ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىمىز، ئۇنىڭدىنلا ياردەم تىلەيمىز. ئۇنىڭ ئاخىرقى ئەلچىسى مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ۋە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلارغا سالاملار بولسۇن.

مال سېتىشتىن قولغا كەلگەن كىرىم پايدا، ئىشلىتىۋېلىشكە بەرگەن مالدىن قولغا كەلگەن كىرىم كىرا ھەققى، ئىش قىلىپ بېرىشتىن قولغا كەلگەن كىرىم ئىش ھەققى، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقىغا ئاساسلىنىشى ۋە باتىل يوللاردىن خالىي بولۇشى لازىم. بولمىسا خاتىرجەمسىزلىك پەيدا بولىدۇ ۋە قالايمىقانچىلىق باشلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تَأْكُلُواْ أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ إِلاَّ أَن تَكُونَ تِجَارَةً عَن تَرَاضٍ مِّنكُمْ وَلاَ تَقْتُلُواْ أَنفُسَكُمْ إِنَّ اللّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا وَمَن يَفْعَلْ ذَلِكَ عُدْوَانًا وَظُلْمًا فَسَوْفَ نُصْلِيهِ نَارًا وَكَانَ ذَلِكَ عَلَى اللّهِ يَسِيرًا

«ئى مۇئمىنلار! بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. لېكىن ئۇ ماللارنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ. ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. كىم ھەددىدىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇ كىشىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر»-(4-سۈرە نىسا، 30- ئايەت).

تىجارەت، مال ياكى مەنپەئەت ۋە ياكى ئىش سودىسى قىلماقتۇر، جازانىخورلۇق بولسا قەرزدىن كىرىم قولغا كەلتۈرمەكتۇر. تىجارەت ۋە جازانىخورلۇق ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن تەڭ باشلانغاندۇر. ئىسلام جازانىخورلۇقنى ناھەق كىرىم يولى ھېسابلايدۇ ۋە چەكلەيدۇ. بىز تىجارەت بىلەن جازانىخورلۇقنى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ باردۇق.

 «تىجارەت ۋە جازانە» ئىسىملىق بۇ كىتاب 1978- يىلدىن بۇيان ئىلىم، پىكىر ۋە ئىش ئەربابلىرى بىلەن  ئېلىپ بېرىلغان ھېسابسىز ئىلمىي مۇزاكىرىلەرنىڭ، شۇنداقلا خەلقتىن كەلگەن سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلارنىڭ ئورتاق مەھسۇلىدۇر. تۆھپىسى بولغا ھەر كىشىگە رەھمەت ئېيتىمەن. تىرىشچانلىق بىزدىن، ئۇتۇق ئاللاھتىن.

پىروفېسسور: ئابدۇلئەزىز بايىندىر

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى

ئىستانبۇل-  2007- يىلى 9- ئاي.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر