مۇسۇلمانلار

روھ ۋە بەدەن تەڭپۇڭلىقى

روھ ۋە بەدەن تەڭپۇڭلىقى

ئىنسان بولسا، روھ ۋە بەدەندىن شەكىللەنگەن بىر مەخلۇقتۇر. روھ، ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىيدۇ. لېكىن ئۇزۇن زاماندىن بېرى ئىلم ئادەملىرى روھنىڭ مۇستەقىل يارىتىلغان بىر مەۋجۇدات ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلە، دىن ساھەسىگە ئىتتىرىلىپ قويۇلغان ئىدى. نەتىجىدە بۇ ئىش تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، نۇرغۇنلىغان خاتالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. قۇرئان بىزگە، ئىنسان بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ ئانالىز قىلىنغاندا، تۆرەلمىنىڭ 15-ھەپتىدە تولۇق شەكىلگە كىرىپ، تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالايدىغان ھالغا كېلىدىغانلىقى ۋە بۇ چاغدا ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بالىياتقۇدا يەنە ئالتە ئاي تۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. روھ پۈۋلەنگەندىن باشلاپ، ئىنسان باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىق ھالغا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ وَبَدَأَ خَلْقَ الْإِنسَانِ مِن طِينٍ ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُ مِن سُلَالَةٍ مِّن مَّاء مَّهِينٍ ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ  

«ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى. ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىدى، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىللارنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»- (32-سۈرە سەجدە، 8-9- ئايەتلەر).

روھ، بەدەننى خالىغاندا كىرىپ چىقىدىغان ئۆيگە ئوخشاش قوللىنىدۇ. بەدەن ئۇخلىغاندا چىقىپ كىتىدۇ، ئويغانغاندا قايتىپ كېلىدۇ. ئۆلگەن بەدەن، ئۆرىۋىتىلگەن ئۆيگە ئوخشاش بولىدۇ. يېڭىدىن يارىتىلغانغا قەدەر روھ ئۇنىڭغا قايتىپ كەلمەيدۇ. مۇنۇ ئايەت بۇلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ:

اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَى عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَى إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ

«ئاللاھ بەزى روھلارنى ئۆلگەن چېغىدا ئالىدۇ، ئۆلمىگەن روھلارنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»-(‏39-سۈرە زۇمەر، 42- ئايەت).

 دۇنيا ھاياتىدا بەدەننىڭ ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ، ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇيقۇ زۆرۈر بولغاندەك، ئاخىرەت ھاياتىغا ماسلىشىدىغان يېڭى بىر بەدەنگە ئېگە بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈم زۆرۈردۇر. چۈنكى يېڭىدىن تىرىلىش جەريانىدا روھ بەدەنگە كىرگەندە ئىنسان ئۆزىنى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇ چاغدا ئۇلار: «ۋايجان، بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟ دەيدۇ…» – (‏36-سۈرە ياسىن، 52- ئايەت).

روھ -بەدەن مۇناسىۋىتى

ئىنسانغا، «تەپەككۇر قىلالايدىغان ۋە سۆزلىيەلەيدىغان جانلىق» دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. بۇ ئېنىقلىمىغا ئاساسەن ئەقىل، ئىنسان بىلەن ھايۋاننى ئايرىيدىغان ئەڭ مۇھىم پەرق ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان بولسا ئاساسلىق پەرقنىڭ، قەلب (قارار قىلىش ئىقتىدارى)، ئاڭلاش قابىلىيىتى ۋە كۆرۈش قابىلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇلار روھنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. چۈنكى قۇشلار، چۈمۈلىلەر[1] ھەتتا جانسىز مەخلۇقلارمۇ سۆزلىيەلەيدۇ ۋە ئەقىللىقچە تەھلىل قىلالايدۇ.[2] روھ پۈۋلەنگەندىن كېيىن كۆزلەر كۆرۈش ئىقتىدارىغا، قۇلاق ئىشىتىش، قەلب قارار چىقىرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ.

 ئەقىل بولسا، قەلبنىڭ مەسلىھەتچىسى بولىدۇ، قەلب ئەقىلگە بويسۇنسا توغرا قارار بېرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئىسلامدا ئىماننىڭ قەلب بىلەن تەستىقلىنىشى شەرت قىلىنىدۇ.

ئەگەر قەلب، كۆز ۋە قۇلاقنىڭ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان توغرىلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي ئۆزىنىڭ قارارى بويىچە ئىش قىلسا، بىر مەزگىلدىن كېيىن كۆزمۇ، قۇلاقمۇ پەقەت قەلبنىڭ بۇيرۇقىغىلا بويسۇنۇشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا، ئەقىل بىلەن قەلب ئارىسىدا داۋاملىق توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ ۋە ھۇزۇر بۇزۇلىدۇ. قەلب، ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن چارە تېپىشتا ئەقىلنى ئىشلەتمەي يالغانلارغا تايىنىدۇ. جىنايەتچى شېرىكلىرى بىلەن بىللە يالغانچى بىر دۇنيا قۇرىدۇ. ياكى بۇنىڭدىن بۇرۇن قۇرۇلغان مۇشۇنداق بىر دۇنياغا قېتىلىدۇ. بۇنداق دۇنيادا دۇرۇس، ئادىل ئىنسانلار ھەرگىز يۇقىرى قاتلامغا چىقالمايدۇ.

ئاساسى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئەقىل ئەمەس قەلب بولۇشى ئىنساننى، باشقا جانلىقلاردىن ئايرىغان بىردىنبىر نەرسىدۇر. ئۇ قەلب، بەدەننىڭ ئەمەس روھنىڭ قەلبىدۇر. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان كۆز ۋە قۇلاقمۇ روھنىڭ كۆزى ۋە قۇلىغىدۇر.   

ئىنساننىڭ ئاتىسى

ماركىسىزىمچىلار، مايمۇننىڭ ئىنسانغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئىنساننىڭ مايمۇندىن تۆرەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىنسان بىلەن ھايۋاننى ئايرىغان روھ بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق ھايۋان، ئىنساننىڭ ئاتىسى بولالمايدۇ.

ئىنساننى كومپيۇتېرغا ئوخشاتساق، ئۇنىڭ بەدىنى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغا، جېنى توكىغا، روھى بولسا كومپيۇتېرغا قاچىلانغان يۇمشاق دېتالىغا ئوخشايدۇ. خۇددى كومپيۇتېردەك ئىنسانمۇ باشقا جانلىقلاردىن ئۆزىگە پۈۋلەنگەن روھى بىلەن پەرقلىنىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم بىلەن ھەۋۋادۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدْ خَلَقْنَا الإِنسَانَ مِن صَلْصَالٍ مِّنْ حَمَإٍ مَّسْنُونٍ﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق»-(‏15-سۈرە ھىجىر، 26- ئايەت).

﴿وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ مِن سُلَالَةٍ مِّن طِينٍ ثُمَّ جَعَلْنَاهُ نُطْفَةً فِي قَرَارٍ مَّكِينٍ﴾

«بىز ئىنساننى لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق  ئاندىن ئۇنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھالىتىدە مۇستەھكەم قارارگاھتا قىلدۇق»-(‏23-سۈرە مۇئمىنۇن، 12-13- ئايەتلەر).

ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلىشتىن بۇرۇن يەر يۈزىدە ئىنسان يوق ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿هَلْ أَتَى عَلَى الْإِنسَانِ حِينٌ مِّنَ الدَّهْرِ لَمْ يَكُن شَيْئًا مَّذْكُورًا إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنسَانَ مِن نُّطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَّبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا﴾

«ئىنسانغا زاماندىن شۇنداق مۇددەت كەلدىكى، ئۇ چاغدا ئۇ زىكىر قىلىنغۇچى نەرسە ئەمەس ئىدى، شۇنداق ئەمەسمۇ! شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق»‏- (76-سۈرە ئىنسان، 1-،2- ئايەتلەر).

ئايەت، ئىنسان تىلغا ئېلىنغۇدەك بىر نەرسىگە ئايلانغىچىلىك ئۇزۇن زامان ئۆتكەنلىكىنى، ئىنسان يارىتىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەلۇماتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

كاتولىك چېركاۋىغا بىر تەكلىپ

ئۇزۇن زاماندىن بېرى روھ پەقەت دىننىڭ، بەدەن ئىلىم-پەننىڭ مەسىلىسى بولۇپ قالغان ئىدى.ئىلىم-پەننىڭ ياردىمى بولمىسا روھنى ياخشى چۈشىنىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن دىن ساھەسىدىكىلەرمۇ روھ ھەققىدە يېتەرلىك تەھلىل ئېلىپ بارمىغان ئىدى.

دىننى روھقا، ئىلىم-پەننى بەدەنگە ئوخشاتساق، دىننىڭ پەندىن ئايرىلىشى، روھنىڭ بەدەندىن ئايرىلغىنىغا ئوخشاش بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، دىن، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسسىز قۇرۇق خىياللار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. پەنمۇ دىندىن ئايرىلغاندا، يۇقىرىدىكى ئېنىقلىمىدا دېيىلگەندەك ئىنساننى ھايۋاندىنمۇ پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، شۇنداقلا مال ۋە ئېتىبار قازىنىشنىڭ قۇرالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر دىن بىلەن پەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلسا، ھەر ئىككىسى ئىنسانىيەتنىڭ شەرىپى ئۈچۈن مۇناسىپ چارە ۋە خىزمەتلەر سۇنىدىغان ھالغا كېلىدۇ.

بۇ يەردە كاتولىك چېركاۋىغا ئورتاق نىشان ۋە ئورتاق ۋەزىپە تەكلىپىنى سۇنىمەن.

ئورتاق نىشان؛ «دىن ۋە پەن تەڭپۇڭلىقىنى قۇرۇپ، يېڭى بىر زامان، تەڭپۇڭلۇق زامانىنى ئېچىش» بولسۇن.

   ئورتاق ۋەزىپە بولسا «ئاللاھ چۈشۈرگەن كىتابلارنى، ئاللاھ ياراتقان كىتاب بىلەن بىللە ئوقۇش» بولسۇن.

ئاللاھ ياراتقان كىتاب، يەنى مەۋجۇداتلار دۇنياسى پۈتۈن ئىلىملەرنىڭ مەنبەسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تەتقىقات، ئاللاھ ياراتقان كىتاب بىلەن چۈشۈرگەن كىتابلار ئارىسىدىكى پۈتۈنلۈكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا، ئىنسانلارنى ئىختىلاپسىز توغرىلار ئەتراپىغا توپلاشقا ۋە خەلقنىڭ ياخشىلىقتا بەسلىشىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىزدۇر. دەرۋەقە، دىنلار ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ياخشىلىنىدۇ ۋە بىلىمدە تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ.

ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرى يېزىلغان، ياراتقان كىتابى بولسا، كۆرىلىدىغان ھالەتتە تۇرماقتا. ھەر ئىككىسى بىلەن ئاللاھ قويغان قانۇنلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.  

يارىتىلغان كىتابلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ قانۇنلارنى بىلىش ئۈچۈن ئىندۇكسىيە[3] مىتۇدىنى قوللىنىش كېرەك. لېكىن يېزىلغان كىتابتا بۇ مىتودنى قوللىنىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ كىتابتىن ئېرىشكەن نەتىجىلەرنىڭ دېدۇكسىيە[4] مېتودىغا مۇناسىپ بولىدىغانلىقىنى قۇبۇل قىلىش كېرەك. چۈنكى يېزىلغان كىتاب، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ خەزىنىسىدۇر. بۇ مەسىلىلەر، ئىنسانلارغا پەند-نەسىھەت بېرىدىغان جۈملىلەر ئىچىدە ساقلانغاندۇر. بۇ كىتابتا مۇتەخەسسىس بولغانلار، كائىنات كىتابى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمى بولمىسا، كائىنات بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدۇ. كائىنات مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بۇ يول ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىنى تەجرىبە قىلىپ، قارار چىقىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. دەرۋەقە دىن ۋە پەن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچىيىدۇ،يېڭى ۋە ئورتاق ئۇپۇقلار ئېچىلىش ۋە تەڭپۇڭلۇقلارنى بۇزماستىن تەرەققى قىلىش ئىمكانى ھاسىل بولىدۇ.         

[1]  قاراڭ: 27- سۈرە، 23- ئايەت.

[2] بۇ مەسىلىدە مۇنۇ ئايەتلەرگە قاراڭ: مەريەم، 19/88-91، دۇخان، 44/17-29، ھۇد، 11/44، ئەنبىيا، 21/69-71، ئىسرا، 17/44، زىلال، 99/1-5، ھەشر، 59/21، ئەھزاب، 33/72.

[3] ئىندۇكسىيە-لوگىكىدا قىسمەن ھادىسىلەردىن ئومۇمىي نەتىجە چىقىرىش، ئايرىم پاكىتلاردىن ئومۇمىي خۇلاسىگە كېلىش دېمەكتۇر. ② ‹فىز› بەزى جىسىملارغا ياكى ئائىلە ئېلېكتر ماگنىت قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئېلېكتر مەيدانى ياكى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن ماگنىتلىق ھالىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى.

[4]  دېدۇكسىيە- لوگىكىدا ئومۇمىي ھالەتتىن خۇسۇسىي ھالەتكە ئۆتۈپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش؛ ئومۇمىي ھالەتتىن جۈزئىي نەتىجە چىقىرىش دېمەكتۇر (يەنى ئىندۇكسىيىنىڭ ئەكسى). 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر