مۇسۇلمانلار

روھ 4

4) روھنىڭ كۈنلۈك پائالىيىتى

ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن، ئىنسانغا پۈۋلەنگەن روھنىڭ، ئۇنىڭ ئىككىنچى بەدىنىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن بولدۇق. مۇنۇ ئايەت بۇ چۈشەنچىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:

اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَى عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَى إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ

«ئاللاھ بەزى روھلارنى ئۆلگەن چېغىدا ئالىدۇ، ئۆلمىگەن روھلارنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»-(‏39-سۈرە زۇمەر، 42- ئايەت).

بۇ ئايەت ھەر ئىنساندا ئىككى نەپسنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى بەدەن، يەنە بىرى روھدۇر. بەدەن ئۇخلايدۇ ياكى ئۆلىدۇ. لېكىن روھ، يا ئۆلمەيدۇ، يا ئۇخلىمايدۇ.

بەدەنگە روھنىڭ پۈۋلىنىشى كومپيۇتېرغا سېستىما قاچىلىغانغا ئوخشايدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ھەممە نەرسىسى قۇراشتۇرۇلۇپ ئىشلەيدىغان ھالغا كەلگەندىن كېيىن سېستىما قاچىلانغىنىغا ئوخشاش، روھمۇ پۈتۈن ئورگان ۋە ئەزالار تۇلۇق يارىتىلىپ، بەدەن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالايدىغان ھالغا كەلگەندىن كېيىن پۈۋلىنىدۇ. روھ، بەدەننى ئۆيگە ئوخشاش قوللىنىدۇ. بەدەن ئۇخلىسا چىقىپ كېتىدۇ، ئويغانغاندا قايتىپ كېلىدۇ. ئۆلگەن بەدەن، ئۆلگەن كومپيۇتېرغا ئوخشايدۇ، ئۇ يېڭىدىن تىرىلمىغىچە روھ ئۇ يەرگە قايتىپ كەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئايەت بار:

وَهُوَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ بِاللَّيْلِ وَيَعْلَمُ مَا جَرَحْتُمْ بِالنَّهَارِ ثُمَّ يَبْعَثُكُمْ فِيهِ لِيُقْضَى أَجَلٌ مُسَمًّى ثُمَّ إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ ثُمَّ يُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُون

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى كېچىسى ۋاپات قىلدۇرىدۇ، كۈندۈزى نېمە قىلغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ئاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئەجەلنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن كۈندۈزدە سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن ھەممىڭلارنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ)-« 6-سۈرە ئەنئام، 60- ئايەت).

4) ئۆلگەن ئىنساننىڭ روھى

ئۇخلىغان ئىنسان ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى ھېس قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئەسھابۇل كەھف غاردا 309 يىل ئۇخلىغان بولسىمۇ،[1] قانچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمىگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا بۇ ھادىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

وَكَذَلِكَ بَعَثْنَاهُمْ لِيَتَسَاءلُوا بَيْنَهُمْ قَالَ قَائِلٌ مِّنْهُمْ كَمْ لَبِثْتُمْ قَالُوا لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ

«ئۇلارنى ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئويغاتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دېدى. ھەمراھلىرى: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېدى»-(18-سۈرە كەھف، 19- ئايەت).

ئۆلۈم بىلەن ئۇيقۇنىڭ پەرقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلگەن كىشىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى بىلمەيدۇ: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا بۇنىڭغا مىسال بولىدىغان مۇنداق بىر ھادىسىنى بايان قىلىدۇ:

أَوْ كَٱلَّذِى مَرَّ عَلَىٰ قَرْيَةٍ وَهِىَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحْىِۦ هَٰذِهِ ٱللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا ۖ فَأَمَاتَهُ ٱللَّهُ مِا۟ئَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُۥ ۖ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ ۖ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۖ قَالَ بَل لَّبِثْتَ مِا۟ئَةَ عَامٍ فَٱنظُرْ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ ۖ وَٱنظُرْ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ ءَايَةً لِّلنَّاسِ ۖ وَٱنظُرْ إِلَى ٱلْعِظَامِ كَيْفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا ۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُۥ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ

«تۆۋەندىكى كىشىگىنى كۆرمىدىڭمۇ: ئۇ ئۆگزىلىرى چۆكۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان يۇرتتىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ: «ئاللاھ ئۆلگەن بۇ يۇرتنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى دەرھال ئۆلتۈردى ۋە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈپ: «ئۆلۈك ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دېدى، ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز» دېدى. ئاللاھ: «ياق، يۈز يىل تۇردۇڭ. يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلىرىڭگە قارىغىن، بۇزۇلمىدى. ئېشىكىڭگە قارىغىن. سېنى ئىنسانلارغا دەلىل قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈردۇق. شۇ سۆڭەكلەرنى قانداق قۇراشتۇرىدىغانلىقىمىز، ئاندىن ئۇلارغا قانداق گۆش قوندۇرىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن» دېدى. ئۇ كىشى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىق كۆرۈپ: «ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئوبدان بىلدىم» دېدى»-(‏2-سۈرە بەقەرە، 259- ئايەت).

يۈز يىل ئۆلۈك قىلىپ تىرىلگەنمۇ، 309 يىل ئۇخلىغان كىشىمۇ «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىن ئاز» ياتتىم دەپ ئويلايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئوچۇق بايان قىلىدۇ:

وَلِلّهِ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَا أَمْرُ السَّاعَةِ إِلاَّ كَلَمْحِ الْبَصَرِ أَوْ هُوَ أَقْرَبُ إِنَّ اللّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

«ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئېچىشقىلا ئوخشاشتۇر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»-(‏16-سۈرە نەھل، 77- ئايەت).

ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ئۇخلاپ ئويغانغا ئوخشايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَإِذَا هُمْ مِنَ الْأَجْدَاثِ إِلَى رَبِّهِمْ يَنْسِلُونَ . قَالُوا يَا وَيْلَنَا مَنْ بَعَثَنَا مِنْ مَرْقَدِنَا هَذَا مَا وَعَدَ الرَّحْمَنُ وَصَدَقَ الْمُرْسَلُونَ

«سۇر ئەلۋەتتە چېلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار دەرھال قەبىرلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ.‏ ئۇ چاغدا ئۇلار: «ۋايجان، بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟ بۇ رەھمان بېشىمىزغا كېلىشىنى سۆزلىگەن نەرسىدۇر. دېمەك، ئەلچىلەر توغرا سۆزلىگەن ئىكەن» دەيدۇ»-(36-سۈرە ياسىن، 51-52- ئايەت).

بۇ ئايەتلەرگە قارىغاندا، تۇنجى ئۆلگەن ئىنسان بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلگەن ئىنساننىڭ ۋاقىت چۈشەنچىسى ئوخشاش بولىدۇ. ئۆلىدىغان ئىنسانمۇ ئۇخلىغان ئىنسانغا ئوخشاش، كۆزىنى يۇمۇشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ھالىنى بىلىدۇ. ياخشى كىشى، راھەت ئۇخلايدۇ. گۇناھكار كىشى، ۋىجدان ئازابى ئىچىدە ياتىدۇ. بۇ چاغدا خۇشال بولىدىغانمۇ، ئازاب چېكىدىغانمۇ بەدەن ئەمەس، روھ بولىدۇ. چۈنكى ئەجەل كەلگەندە بەدەن ئۆلىدۇ، روھ ئۆلمەيدۇ.

تۆۋەندىكى ئايەتلەر روھنىڭ ئەجەل كەلگەن چاغدىكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ:

الَّذِينَ تَتَوَفَّاهُمُ الْمَلآئِكَةُ طَيِّبِينَ يَقُولُونَ سَلامٌ عَلَيْكُمُ ادْخُلُواْ الْجَنَّةَ بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

«ئۇ تەقۋادارلار پاك تۇرغان چاغدا پەرىشتىلەر جانلىرىنى ئالغان كىشىلەردۇر. پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە! جەننەتكە كىرىڭلار، چۈنكى سىلەر ئەمەل قىلغان ئىدىڭلار!» دەيدۇ»-(‏16-سۈرە نەھل، 32- ئايەت).

گۇناھكار مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى ئېلىنغاندا ھېس قىلغان قىيىنچىلىقلىرىنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن بىلەلەيمىز:

وَأَنفِقُوا مِن مَّا رَزَقْنَاكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ الصَّالِحِينَ , وَلَن يُؤَخِّرَ اللَّهُ نَفْسًا إِذَا جَاء أَجَلُهَا وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ

«بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلىڭلار. بۇنى بېشىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «رەببىم! مېنى نېمىشقا ئازغىنە ۋاقىت كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلار ئىدىم، ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار.‏ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەجىلى توشقان ھېچ كىشىنى كېچىكتۈرمەيدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»-(‏63-سۈرە مۇنافىقۇن، 10-11- ئايەتلەر).

تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۆمۈر بويى خاتالار ئىچىدە ياشىغان كىشىلەرنىڭ، ئۆلۈمدىن ئىلگىرىكى ھاللىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ:

الَّذِينَ تَتَوَفَّاهُمُ الْمَلائِكَةُ ظَالِمِي أَنفُسِهِمْ فَأَلْقَوُاْ السَّلَمَ مَا كُنَّا نَعْمَلُ مِن سُوءٍ بَلَى إِنَّ اللّهَ عَلِيمٌ بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ . فَادْخُلُواْ أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا فَلَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ

«ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقاندا پەرىشتىلەر ۋاپات قىلدۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىز ھېچ يامانلىق قىلمىغان ئىدۇق» دەپ تەسلىم بولىدۇ. ئۇلارغا: «ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر» دېيىلىدۇ. مۇتەكەببىرلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى نېمىدېگەن يامان!»- (16-سۈرە نەھل، 28-29- ئايەتلەر).

مۇنۇ ئايەت بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ روھلارنىڭ ئېلىنىشىدىن بۇرۇن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

حَتَّى إِذَا جَاء أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ارْجِعُونِ . لَعَلِّي أَعْمَلُ صَالِحًا فِيمَا تَرَكْتُ كَلَّا إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَائِلُهَا وَمِن وَرَائِهِم بَرْزَخٌ إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ

«ئۇلار ئاللاھقا بوھتان چاپلاشنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ، تاكى ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا.‏ ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلارمەن». ياق! بۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان قۇرۇق گەپ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا توسما بولۇپ، ئۇ توسما ئۇلارنى ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر دۇنياغا قايتىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ»-(‏23-سۈرە مۇئمىنۇن، 99-100- ئايەت).

5) قىيامەت قايىم بولغاندا روھلارنىڭ ئەھۋالى

قىيامەت قايىم بولۇشتىن بۇرۇن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بەدىنى ئۆلىدۇ، لېكىن روھلىرى ھاياتتا بولىدۇ. مۇنۇ ئايەت قىيامەت بولۇۋاتقان ۋاقىتتا روھلارنىڭ ئاسمانغا ئۆرلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

تَعْرُجُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ خَمْسِينَ أَلْفَ سَنَةٍ

«پەرىشتىلەر ۋە روھ، مىقدارى ئەللىك مىڭ يىل[2] بولغان كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ»-(70-سۈرە مەئارىج، 4- ئايەت).

6) يېڭىدىن تىرىلىش

ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە يېڭىدىن تىرىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

وَهُوَ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ حَتَّى إِذَا أَقَلَّتْ سَحَابًا ثِقَالًا سُقْنَاهُ لِبَلَدٍ مَيِّتٍ فَأَنْزَلْنَا بِهِ الْمَاءَ فَأَخْرَجْنَا بِهِ مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ كَذَلِكَ نُخْرِجُ الْمَوْتَى لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ، تاكى ئۇ شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، بىز ئۇنى ئۆلۈك يەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ ئارقىلىق سۇنى چۈشۈرىمىز، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن بارلىق مېۋىلەردىن چىقىرىمىز. بىز ئۆلۈكلەرنى ئەنە شۇنداق چىقىرىمىز. ئويلانغايسىلەر!‏»- (7-سۈرە ئەئراف، 57- ئايەت).

قۇرئان كەرىمدە ئالتە ئايەتتە ئىنساننىڭ توپراقتىن يارىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەندۇر.[3] ئىنساننىڭ ھەممە ئوزۇقلىقى لايدىن يەنى سۇ بىلەن توپراقنىڭ بىرلەشمىسدىن ھاسىل بولىدۇ. دەرۋەقە تۇخۇم بىلەن ئىسپىرمىنىڭ مەنبەسىمۇ لايدۇر. ھەممە جانلىقلار توپراقنىڭ سۇ بىلەن بىرلىشىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان جەۋھەردىن يارىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتتا قىلىشى ئۆزلىرىگە باغلىقتۇر. ئۇنىڭدىن ئايرىلغان پارچىلارمۇ توپراققا ۋە سۇغا ئايلىنىپ كىتىدۇ. توپراق ئىنسان، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاساسلىق ماددىسىدۇر. ئانىنىڭ بالياتقۇسىمۇ تۇخۇم تېرىلىدىغان ئېتىزلىققا ئوخشايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

نِسَاؤُكُمْ حَرْثٌ لَكُمْ

« ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر ئېتىزلىقتۇر»-(2-سۈرە بەقەرە، 223- ئايەت).

بىر ئايەتتە ئنساننىڭ پەيدا بولۇشى، ئۆسۈملۈكنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئوخشىتىلغاندۇر:

وَاللَّهُ أَنْبَتَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ نَبَاتًا

«ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ئۆسۈملۈكتەك ئۈندۈردى»-(‏71-سۈرە نۇھ، 17- ئايەت).

يېڭىدىن تىرىلىشتىن بۇرۇن توپراق، ئانىنىڭ بالياتقۇسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، توپراققا كۆمۈلگەن ھەر بىر ئىنساندىن قالغان بىر پارچە سۆڭەك ئۇنىڭ قايتا تىرىلىش تۇخۇمى بولىدۇ. مۇنۇ ئايەت سۆڭەكلەرنىڭ توپلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

أَيَحْسَبُ الْإِنسَانُ أَلَّن نَجْمَعَ عِظَامَهُ.بَلَى قَادِرِينَ عَلَى أَن نُّسَوِّيَ بَنَانَهُ

«ئىنسان بىزنى، سۆڭەكلىرىمنى جەمئىي قىلالمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟‏  ئۇنداق ئەمەس، بىز ئۇنىڭ بارماق ئۇچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىرمىز»-(75-سۈرە قىيامەت، 3-4- ئايەت).

روھ بىلەن بەدەن تۇنجى قېتىم ئانىنىڭ بالياتقۇسىدا بىرلىشىدۇ.بۇنى مۇنۇ ئايەت بايان قىلىپ بېرىدۇ:

وَاللَّهُ خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ جَعَلَكُمْ أَزْوَاجًا

«ئاللاھ سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى جۈپلەر قىلدى»- (35-سۈرە فاتىر، 11- ئايەت».

يېڭىدىن تىرىلىشتە روھ بىلەن بەدەن قايتىدىن بىرلەشتۈرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ

«نەفسلەر (روھلار بىلەن بەدەنلەر) بىر-بىرىگە قوشۇلغان چاغدا»-(81-سۈرە تەكۋىر، 7- ئايەت).

بۇ سەۋەبتىن ئاخىرەتتە يېڭىدىن تىرىلگەن كىشى، ئۆزىنى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك ھېس قىلىدۇ. «سۇر ئەلۋەتتە چېلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار دەرھال قەبىرلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ.‏ ئۇ چاغدا ئۇلار: «ۋايجان، بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟ بۇ رەھمان بېشىمىزغا كېلىشىنى سۆزلىگەن نەرسىدۇر. دېمەك، ئەلچىلەر توغرا سۆزلىگەن ئىكەن» دەيدۇ»-(‏36-سۈرە ياسىن، 51-52- ئايەت).

خۇلاسە

ئايەتلەرنىڭ ئۇچۇق كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش قۇرئاندا روھ سۆزى، ئىككى مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بىرىنچىسى ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم، ئىككىنچىسى ئاللاھ، ئىنسان ۋە جىنلارغا يۈكلىگەن قابىلىيەت.

ئاللاھ پەرىشتىلەرگە، نەبىلەرگە، جانلىق ۋە جانسىز پۈتۈن مەۋجۇداتلارغا ئۆزى خالىغان مىقداردا ئىلىم بەرگەن ۋە ۋەزىپىلەر يۈكلىگەندۇر.

نەبىلەرگە بېرىلگەن مەلۇماتلار، كىتابلارغا يېزىلغاندۇر. ئۇ كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىچىدىكىلەرنى چۈشەنگەنلەر، ھاياتىنى ئۇلارغا قارىتا ئۆزگەرتسە ئىمتىھاندا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولىدۇ. بۇنى پەقەت مەنپەئەتلىرىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويالايدىغان كىشىلەرلا قىلالايدۇ. چۈنكى مەنپەئەتلىرىنى قويۇپ داۋاملىق توغرىلارنىڭ ئارقىدا تۇرۇش ئىنسانغا نىسبەتەن ئاسان ئىش ئەمەس.

ئىنساننىڭ ئىككىنچى بەدىنى بولغان روھ ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ھامان ئۇنىڭدا ئاڭلاش، بەسىرەت (كۆرۈپ چۈشىنىش) ۋە قەلب (قارار قىلىش) ئىقتىدارى ھاسىل بولىدۇ. بۇ روھ ئىنسانغا مۇشۇ ئىقتىدارلارنى بېرىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەت يۈكلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئائىت بولغان مەلۇماتلارنى ساقلايدىغان ئارخىپ ئامبىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

ئاللاھ تائالا،  بىزنى ئۆزىگە ھاكىم بولالايدىغان، دائىم توغرا ئىشلارنى قىلىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتىدىغان قۇللاردىن بولۇشىمىزنى نېسىپ قىلسۇن.

پروفىسور: ئابدۇلئەزىز بايىندىر

[1] قاراڭ: 18-سۈرە كەھف، 25- ئايەت.

[2]  ئاللاھنىڭ ئىلمىدىكى زامان ئۇقۇمى بىلەن بىزدىكى زامان ئۇقۇمى پەرقلىقتۇر. بىزنىڭ ھېسابىمىزدىكى مىڭ يىل ئاللاھنىڭ ھېسابىدا بىر كۈنگە تەڭدۇر. (قاراڭ: 22- سۈرە ھەج، 47- ئايەت). پەرىشتىلەر ۋە روھلار ئاسمانغا ئۆرلىگەن كۈن، ھەممە ئىنسانلار ئۆلۈپ بولغان كۈن بولغاچقا ئايەتتىكى ئەللىك مىڭ يىل ئاللاھنىڭ ھېسابىغا قارىتا دېيىلگەندۇر. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ھايات قالغان بىرمۇ ئىنسان يوق. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە قەمەرى يىلنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن (قاراڭ: 9- سۈرە تەۋبە، 36-ئايەت) بىر يىل 354 كۈن بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەللىك مىڭ يىل، 17 مىليون 700 مىڭ كۈن بولىدۇ.  ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىر كۈن، بىزگە نىسبەتەن مىڭ يىل بولغانلىقى ئۈچۈن قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى بىلەن يېڭىدىن تىرىلىش ئارىسىدا ئۆتىدىغان ئەللىك مىڭ يىل بىزگە نىسبەتەن 17 مىليارد 700 مىليون يىلغا تەڭ بولىدۇ.  بۇ ئاللاھنىڭ ئىلمىدىكى ئىشتۇر. بىز ئۇنى قەتئىي بىلەلمەيمىز. قۇرئان ھۆكۈملىرىگە پۈتۈنلەي زىت بولغان «تەقدىر» چۈشەنچىسىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغانلار، «ئاللاھنىڭ ئىشلىرىنىڭ زامان بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دېگەن يالغانغا ئېسىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

[3]قاراڭ: 3- سۈرە ئال ئىمران، 59-ئايەت؛ 30-سۈرە رۇم، 20- ئايەت؛ 18- سۈرە كەھف، 37-ئايەت؛ 22-سۈرە ھەج، 5-ئايەت؛ 35-سۈرە فاتىر، 11- ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر