مۇسۇلمانلار

روھ 3

II. روھ ئىلاھى ئىلىمنى تەھلىل قىلىش قابىلىيىتى

 ئىنسانلار ۋە جىنلارغا بېرىلگەن روھ ئۇلارنى ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، ئۆگەنگەن ئىلىملىرىنى تەھلىل قىلىپ، يېڭى ئىلىملەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە ھايات يولىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، روھ بىلەن ئىلىم بىر نەرسە ئەمەس، شۇڭلاشقا روھ بېرىلدى دېگەنلىك، ئىلىم بېرىلدى دېگەنلىك بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتلەردە روھ بېرىلىپ بولغان ئىنساننىڭ تۇغۇلغاندا ھېچنەرسە بىلمەي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئاڭلاش، كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە دىللارنىڭ روھنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى  بايان قىلىدۇ:

وَاللّهُ أَخْرَجَكُم مِّن بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ لاَ تَعْلَمُونَ شَيْئًا وَجَعَلَ لَكُمُ الْسَّمْعَ وَالأَبْصَارَ وَالأَفْئِدَةَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

« ئاللاھ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن چىقاردى، سىلەر ئۇ چاغدا ھېچ نەرسە بىلمەيتتىڭلار. سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتىنى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى ۋە دىللارنى بار قىلدى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!» – (16-سۈرە نەھل، 78- ئايەت).

1) ئىنسانغا يۈكلەنگەن روھ

روھ ئىنساننىڭ قۇرۇلمىسى تۇلۇق شەكىلگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن يۈكلەنگەندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ وَبَدَأَ خَلْقَ الْإِنْسَانِ مِنْ طِينٍ. ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُ مِنْ سُلَالَةٍ مِنْ مَاءٍ مَهِينٍ. ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُون

«ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى.‏ ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى.‏ ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىدى ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىللارنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!‏»- (32-سۈرە سەجدە، 7- 9- ئايەتلەر).

بۇ ئايەتلەر بىزگە كۆز، قۇلاق ۋە دىللار يارىتىلىپ، تۇلۇق شەكىلگە كىرىپ بولغان ئىنساننىڭ روھ پۈۋلىنىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ۋە روھ پۈۋلەنگەندىن كېيىنمۇ ھېچنىمىنى بىلمەي تۇغۇلىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ روھ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلاش، كۆزىگە كۆرۈش ۋە دىلىغا تەھلىل ۋە قارار قىلىش ئىقتىدارىنى بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى «ئاڭلاش ئىقتىدارى، كۆرۈش ئىقتىدارى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز (سەمئ= السَّمْعَ) ۋە (ئەبسار=أَبْصَارَ) بولۇپ، بۇ سۆزلەرگە باشقا تەرجىمىلەردە «كۆز، قۇلاق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان، بۇ خاتادۇر. چۈنكى، بىرىنچىسى كۆز، قۇلاق ئۈچۈن ئەرەپ تېلىدا باشقا ئىپادىلەر قوللىنىلىدۇ. ئىككىنچىسى؛ روھ ئىنسانغا كۆز، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالىرى تولۇق يارىتىلىپ بولغاندىن كېيىن پۈۋلىنىدۇ. ئايەتتىمۇ روھ پۈۋلىنىپ بولغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنىڭ «قىلىنغانلىقىنى» ئىپادىلەيدۇ، يارىتىلغانلىقىنى ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئەزالار تۇلۇق يارىتىلىپ بولغاندۇر. تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ مەسىلىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ: 

وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ مِن سُلَالَةٍ مِّن طِينٍ  ثُمَّ جَعَلْنَاهُ نُطْفَةً فِي قَرَارٍ مَّكِينٍ ثُمَّ خَلَقْنَا النُّطْفَةَ عَلَقَةً فَخَلَقْنَا الْعَلَقَةَ مُضْغَةً فَخَلَقْنَا الْمُضْغَةَ عِظَامًا فَكَسَوْنَا الْعِظَامَ لَحْمًا ثُمَّ أَنشَأْنَاهُ خَلْقًا آخَرَ فَتَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِينَ

«بىز ئىنساننى لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق.‏ ئاندىن ئۇنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھالىتىدە مۇستەھكەم قارارگاھتا قىلدۇق.‏ ئاندىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى يېپىشقاق قانغا ئايلاندۇردۇق. ئاندىن يېپىشقاق قاننى بىر چاينام گۆشكە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن بىر چاينام گۆشنى سۆڭەكلەرگە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن سۆڭەكلەرگە گۆش قوندۇردۇق. ئاندىن كېيىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق. ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى[1] ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!‏»- (23-سۈرە مۇئمىنۇن،12- 14- ئايەتلەر).

«ئاندىن كېيىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق» ئىپادىسى، ئوخشىماسلىقنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى تاماملانغاندىن كېيىن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كۆز، قۇلاق ۋە قەلب روھ پۈۋلىنىشتىن بۇرۇن يارىتىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن روھنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن پەيدا بولغان ئاڭلاش ئىقتىدارى، كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە قەلب، بەدەننىڭ ئەمەس، روھنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدۇر.

ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى

ئالدىنقى بۆلۈمدە ئۆتكەن ئايەتلەردىن چۆمۈلە ۋە ھۆپۆپنىڭ، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىغا تاينىپ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىلىملەر بىلەن قىلغان ئانالىزلىرىنى كۆردۇق. ئۇلار ياشاش يولىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان يېڭى ئىلىملەر ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. لېكىن ئىنسان، روھنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن ئېرىشكەن ئاڭلاش ۋە كۆرۈش خۇسۇسىيىتى بىلەن يېڭى ئىلىملەرگە ۋە يېڭى نىشانلارغا ئېرىشىش ئىقتىدارىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

 قەلب/كۆڭۈل

دىل ئىنساننىڭ ئاساسى قۇماندانلىق مەركىزىدۇر. بەدەندىكى ئەقىل، توغرا ئىلىملەرگە بويسۇنۇشنى خالايدۇ. دىل بولسا مەنپەئەت بىلەن توغرىلار ئارىسىدا قارار چىقىرىدۇ.ئۇ ئەگەر مەنپەئەتنى قوغلىشىپ قارار بەرگەن بولسا، بەزى ھەقىقەتلەر  ۋە توغرىلاردىن كۆزىنى يۇمۇۋالغان بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ خۇددى قەلبى مۆھۈرلەنگەن، كۆزلىرى كور ۋە قۇلاقلىرى پاڭ قىلىۋىتىلگەن كىشىلەردەك ئىش قىلغان بولىدۇ. بۇ ئىنساننى، ئىنسانلار ئالدىدا نان كور ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا كافىر قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ سَوَآءٌ عَلَيْهِمْ ءَأَنذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ .خَتَمَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَعَلَىٰ سَمْعِهِمْ وَعَلَىٰٓ أَبْصَٰرِهِمْ غِشَٰوَةٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ

«كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە ئاڭلاش قابىلىيىتىنى پېچەتلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ بىر تۈرلۈك پەردە بار. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار»-(2-سۈرە بەقەرە، 6-7- ئايەتلەر).

بۇ مەلۇماتلارنىڭ سايىسىدە ئىنسانغا مۇنداق ئېنىقلىما بەرگىلىمۇ بولىدۇ: «ئىنسان، ھېسسى ئەزالىرى بىلەن ئېرىشكەن بىلىملىرىنى قەلبىگە تايىنىپ، ئانالىز قىلىپ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان جانلىقتۇر».

2) ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلىمە ۋە روھ بولۇشى

ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لاَ تَغْلُواْ فِي دِينِكُمْ وَلاَ تَقُولُواْ عَلَى اللّهِ إِلاَّ الْحَقِّ إِنَّمَا الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ رَسُولُ اللّهِ وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إِلَى مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِّنْهُ …

«ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەقنىلا سۆزلەڭلار. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مەسىھ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ مەريەمگە يەتكۈزگەن كەلىمىسى يەنى «بول» دېگەن سۆزى بىلەن بار بولغان. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن روھتۇر… »- (4-سۈرە نىسا، 171- ئايەت).

ئىيسانىڭ ئاللاھنىڭ «مەريەمگە يەتكۈزگەن كەلىمىسى («بول» دېگەن سۆزى بىلەن بار بولغان)» ئىكەنلىكىنى مۇنۇ ئايەت ئىزاھلايدۇ:

قَالَتْ رَبِّ أَنَّى يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ قَالَ كَذَلِكِ اللّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاء إِذَا قَضَى أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُن فَيَكُونُ

«مەريەم: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولسۇن؟ مەن بىلەن ھېچكىم بىر يەردە بولمىغان تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق. لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: ‹بول› دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ» دېدى»-(‏3-سۈرە ئال ئىمران، 47- ئايەت).

دېمەككى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ كەلىمىسى بولۇشى، ئاتىسى بولمىسىمۇ «بول» دېگەن بۇيرۇقتىن كېيىن پەيدا بولدى دېگەنلىك بولىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئاتىسى يوق ئىدى. ئۇمۇ «بول» دېگەن بۇيرۇقتىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇنى مۇنۇ ئايەت بايان قىلىپ بېرىدۇ:

إِنَّ مَثَلَ عِيسَى عِندَ اللّهِ كَمَثَلِ آدَمَ خَلَقَهُ مِن تُرَابٍ ثِمَّ قَالَ لَهُ كُن فَيَكُونُ

«ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىيسانىڭ ئەھۋالى ئادەمنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ئۇنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «بول!» دېدى، ئۇ بولدى»-(‏3-سۈرە ئال ئىمران، 59- ئايەت).

بارلىق ئىنسانلارمۇ ئادەم ۋە ئىيساغا ئوخشاش «بول» دېگەن بۇيرۇق بىلەن پەيدا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ

«ئۇنىڭ بىرەر نەرسە يارىتىشنى ئىرادە قىلغان چېغىدىكى ئىشى، ئۇ نەرسىگە «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسە بولىدۇ»-(36-سۈرە ياسىن، 82- ئايەت).‏

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن روھ» بولۇشى، ئۇنىڭمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇنۇ ئايەتكە ئاساسلانغاندا ھەممە ئىنسانلار ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن روھتۇر:

ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُون

«ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىدى ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىللارنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!‏»- (32-سۈرە سەجدە، 9- ئايەت).

روھ، ئانىنىڭ بالياتقۇسىدا پۈۋلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇنۇ ئىككى ئايەت، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا روھنىڭ، مەريەم ئانىمىزنىڭ بالياتقۇسىدىكى چېغىدا پۈۋلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:

وَالَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهَا مِن رُّوحِنَا وَجَعَلْنَاهَا وَابْنَهَا آيَةً لِّلْعَالَمِينَ

«ئىپپىتىنى ساقلىغان قىزنى زىكىر قىلغىن. بىز ئۇنىڭغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇنى ۋە ئوغلىنى ئالەملەر ئۈچۈن ئايەت قىلدۇق»-(‏21-سۈرە ئەنبىيا، 91- ئايەت).

وَمَرْيَمَ ابْنَتَ عِمْرَانَ الَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهِ مِن رُّوحِنَا وَصَدَّقَتْ بِكَلِمَاتِ رَبِّهَا وَكُتُبِهِ وَكَانَتْ مِنَ الْقَانِتِينَ

«ئاللاھ ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنىمۇ مىسال قىلدى. ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز ئىدى. بىز ئۇنىڭ بالىياتقۇسىغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى، ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى»-(‏66-سۈرە تەھرىم، 12- ئايەت).

3) جىنلارغا پۈۋلەنگەن روھ

جىنلارغا روھ پۈۋلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدىغان بىرەر ئايەت يوق. لېكىن مۇنۇ ئايەت، ئىنساندا روھنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن ھاسىل بولغان خۇسۇسىيەتلەرنىڭ جىنلاردىمۇ بار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلاردىمۇ روھ بولۇشى يەنى ئۇلارنىڭمۇ ئوخشاش ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇشى كېرەك: 

وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِّنَ الْجِنِّ وَالإِنسِ لَهُمْ قُلُوبٌ لاَّ يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لاَّ يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لاَّ يَسْمَعُونَ بِهَا أُوْلَـئِكَ كَالأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ أُوْلَـئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ

«شۈبھىسىزكى، بىز جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى يارىتىپ جەھەننەم ئۈچۈن بېقىۋاتىمىز.[2] ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشاشتۇر. بەلكىدە، ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر»-(‏7-سۈرە ئەئراف، 179- ئايەت).

داۋامى بار…

[1] بۇ ئىپادە ناھايتتى مۇھىمدۇر. ئاللاھنىڭ ئىنساننىڭ يارىتىلىش باسقۇچلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىنلا « ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛ ئەڭ گۈزەل ياراتقان…» دېيىشىدىن ئىنسانلارمۇ ئىلىم بىلەن يارىتالايدۇ دېگەن چۈشەنچە چىقىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئەڭ ياخشى يارىتىدۇ.

[2] بۇ ئايەتكە، «بىز جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى جەھەننەم ئۈچۈن ياراتتۇق» دەپ مەنە بېرىدۇ. بۇ مەنە خاتادۇر. ئاللاھ: «مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم»- (‏51-سۈرە زارىيات، 56- ئايەت). دېگىنىگە قارىغاندا ئۇ تەرجىمە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ياراتماق دەپ تەرجىمە قىلىنغان (زەرەئە=ذَرَأ) سۆزى مۇنۇ ئايەتتە، ھايۋانلارنى بېقىش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يېتىشتۈرۈش دېگەن مەنىدەدۇر:

وَجَعَلُواْ لِلّهِ مِمِّا ذَرَأَ مِنَ الْحَرْثِ وَالأَنْعَامِ نَصِيبًا فَقَالُواْ هَـذَا لِلّهِ بِزَعْمِهِمْ وَهَـذَا لِشُرَكَآئِنَا …

« مۇشرىكلار ئاللاھ يارىتىپ يېتىشتۈرگەن ئېكىنلەردىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن ئاللاھ ئۈچۈن نېسىۋە ئايرىپ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە: «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. بۇ شېرىكلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى»- (6-سۈرە ئەنئام، 136- ئايەت). مۇنۇ ئايەتكە قارايدىغان بولساق ئاللاھ ئىنساننى بىر ئۆسۈملۈككە ئوخشاش يېتىشتۈرگەندۇر.

وَاللَّهُ أَنبَتَكُم مِّنَ الْأَرْضِ نَبَاتًا

«ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ئۆسۈملۈكتەك ئۈندۈردى»-(‏71-سۈرە نۇھ، 17- ئايەت).

مۇنۇ ئايەتلەر ئاخىرەتتىكى تىرىلىشنىڭ ئوخشاش شەكىلدە  بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:

وَهُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ

« ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىپ زېمىنغا تارقاتقان زاتتۇر. ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر»- (23-سۈرە مۇئمىنۇن، 79- ئايەت).

وَالَّذِي نَزَّلَ مِنَ السَّمَاء مَاء بِقَدَرٍ فَأَنشَرْنَا بِهِ بَلْدَةً مَّيْتًا كَذَلِكَ تُخْرَجُونَ

‏« ئۇ ئاسماندىن ئۆلچەم بىلەن سۇ چۈشۈرگەن زاتتۇر. بىز ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى جانلاندۇرۇپ كۆكەرتتۇق. سىلەرمۇ قەبىرلىرىڭلاردىن ئەنە شۇنداق چىقىرىلىسىلەر»- (‏43-سۈرە زۇخرۇف، 11- ئايەت).

كۆرگىنىمىزدەك زەرەئە (ذرأ)، ئىنساننى، ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە ھايۋانلارنى يېتىشتۈرۈش مەنىسىدە كېلىدۇ. ئىنساننى باشقا مەخلۇقلاردىن ئايرىغان نەرسە روھنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن پەيدا بولغان ئاڭلاش، بەسىرەت (تەپەككۈر بىلەن ئالدىنى كۆرۈش) ۋە دىل ساھىبى بولۇش ئالاھىدىلىكىدۇر. (قاراڭ: 32- سۈرە سەجدە، 9- ئايەت) بۇ خۇسۇسىيەتلىرىنى قوللانمىغان ئىنسانلار ھايۋانغا ئوخشاش ھەتتا ئۇنىڭدىن پەس ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. يەنى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر ئوتۇن بولىدۇ. جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدىغان ئىنسانلار مانا مۇشۇنداق ئۆسۈملۈك بولۇپ قالغان ئىنسانلاردۇر. بۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

« زالىملار (گۇناھ قىلغانلار)غا كەلسەك، ئۇلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولدى»- (72- سۈرە جىن، 15- ئايەت). يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇنداقتۇر. بولمىسا ئاللاھ ھېچبىر ئىنساننى جەھەننەمگە كىۈگۈزۈش ياراتمايدۇ. پەقەت ئىنسانلار ئۆزلىرى جەھەننەمنىڭ يولىنى تاللايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر