باش بەت > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 

ت- قەدر كېچىسىدە پەرىشتىلەرگە بېرىلگەن روھ

ئاللاھ تائالا قەدر سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

تَنَزَّلُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِم مِّن كُلِّ أَمْر

«ئۇ كىچىدە پەرىشتىلەر ۋە روھ رەببىنىڭ‎ ‎رۇخسىتى بىلەن ھەر ئەمر ئۈچۈن چۈشىدۇ»-(97-سۈرە قەدر، 4- ئايەت).

تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۇ كېچىدە پەرىشتىلەر ئارىسىدا ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:

حم . وَالْكِتَابِ الْمُبِينِ. إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةٍ مُبَارَكَةٍ إِنَّا كُنَّا مُنْذِرِينَ. فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ أَمْرٍ حَكِيمٍ. أَمْرًا مِنْ عِنْدِنَا إِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ. رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ

«ھا، مىم،  روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى،‏  بىز قۇرئاننى مۇبارەك كېچىدە نازىل قىلدۇق. چۈنكى بىز ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز.‏ ئۇ كېچىدە، ھەر ھېكمەتلىك ئەمىر ئايرىلىدۇ،  بۇ بىز تەرەپتىن بولغان ئەمىر. شۈبھىسىزكى، بىز ئەلچى ئەۋەتكۈچىمىز،  بۇ رەببىڭدىن رەھمەتتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»-(44-سۈرە دۇخان، 1- 6- ئايەتلەر).

قەدر كېچىسىدە پەرىشتىلەرگە بېرىلگەن ئەمىرنىڭ روھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۆۋەندىكى ئايەت بايان قىلىدۇ:

كَذَلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ رُوحًا مِنْ أَمْرِنَا

« شۇنىڭدەك، بىز ساڭا ئەمرىمىزدىن بىر روھ ۋەھىي قىلدۇق»- (42-سۈرە شۇرا، 52- ئايەت).

قەدر كېچىسىدە چۈشۈپ، ۋەزىپە ئالغان پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە جەبرائىل ئەلەيھىسسالاممۇ باردۇر. ھەر بىر پەرىشتىنىڭ قولىدا، يەنە بىر قەدر كىچىسى كەلگىچە قىلىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدىغان ئەمىرلەر باردۇر. پەرىشتىلەر، نەبىلەردىن باشقا كىشىلەرگىمۇ كېلىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىرى مۇنداق:

رَفِيعُ الدَّرَجَاتِ ذُو الْعَرْشِ يُلْقِي الرُّوحَ مِنْ أَمْرِهِ عَلَى مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ لِيُنْذِرَ يَوْمَ التَّلَاقِ

«ئاللاھ دەرىجىلەرنى ئۈستۈن قىلغۇچىدۇر، ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ، ئىنسانلارنى ئۇچرىشىش كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرسۇن دەپ خالىغان بەندىسىگە ئۆز ئەمرى بويىچە روھنى نازىل قىلىدۇ»- (40-سۈرە غافىر، 15- ئايەت).

يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن «روھ» سۆزىنىڭ «ئەمىر» سۆزى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغىنىغا قارىغاندا، «روھ»نىڭ شۇ ئەمىر ئۆز ئىچىگە ئالغان پەرمانلارنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. قەدر كېچىسىدە چۈشۈرۈلگەن ئەمىرلەردىن بىرىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان پەرمانلىرى قۇرئان ئايەتلىرى ئىكەنلىكىگە ئاساسەن قەدر سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىگە مۇنداق تەرجىمە بەرگىلىمۇ بولىدۇ:

تَنَزَّلُ الْمَلَائِكَةُ وَ الرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِم مِّن كُلِّ أَمْرٍ

«ئۇ كېچىدە پەرىشتىلەر، رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن، ھەربىر مەسىلىدىكى روھ بىلەن (بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلەر بىلەن) چۈشىدۇ»- (97-سۈرە قەدر، 4- ئايەت).

د- توغرا يولدىكىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بېرىلگەن روھ

  ئاللاھ تائالا، ئۆز يولىدا ھەر قانداق قېيىنچىلىققا كۆكرەك كېرىپ تۇرغانلارغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغاندۇر:

وَالَّذِينَ جَاهَدُوا فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَا وَإِنَّ اللَّهَ لَمَعَ الْمُحْسِنِينَ

«بىزنىڭ يولىمىزدا جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغا يېتەكلەيمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»-(‏29-سۈرە ئەنكەبۇت، 69- ئايەت).

ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئاپىسىغا بەرگەن ياردىمىمۇ بۇ مەنىدىكى ياردەمدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَأَوْحَيْنَا إِلَى أُمِّ مُوسَى أَنْ أَرْضِعِيهِ فَإِذَا خِفْتِ عَلَيْهِ فَأَلْقِيهِ فِي الْيَمِّ وَلَا تَخَافِي وَلَا تَحْزَنِي إِنَّا رَادُّوهُ إِلَيْكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ الْمُرْسَلِينَ

«بىز مۇسانىڭ ئانىسىغا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇنى ئېمىتكىن. ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق كېلىشتىن قورقساڭ، ئۇنى نىل دەرياسىغا تاشلىغىن، قورقمىغىن، قايغۇرمىغىن. بىز ئۇنى چوقۇم ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئۇنى چوقۇم ئەلچىلىرىمىزدىن قىلىمىز. (28-سۈرە قەسەس، 7- ئايەت).

ئاللاھ ئىنسانلار بىلەن پەقەت ۋەھىي (ئىلھام) ياكى پەردىنىڭ ئارقىسىدىن ياكى بىر ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىقلا سۆزلىشىدىغان بولغاچقا (42- سۈرە، 51-ئايەت) بۇ يەردە مۇسانىڭ ئانىسى بىلەن سۆزلەشكەن، ئاللاھ ئەۋەتكەن پەرىشتىلەردىن بىرىدۇر. ئاللاھ نۇرغۇنلىغان ئىنسانغا مۇشۇ شەكىلدە ياردەم بېرىپ تۇرىدۇ.ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە ئۆزى ياردەم بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

لَا تَجِدُ قَوْمًا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ يُوَادُّونَ مَنْ حَادَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَوْ كَانُوا آبَاءَهُمْ أَوْ أَبْنَاءَهُمْ أَوْ إِخْوَانَهُمْ أَوْ عَشِيرَتَهُمْ أُولَئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ وَأَيَّدَهُمْ بِرُوحٍ مِنْهُ وَيُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ أُولَئِكَ حِزْبُ اللَّهِ أَلَا إِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْمُفْلِحُونَ

«ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەلگىلىگەن چېگرالارغا قارشى چېگرالار بەلگىلىگەن كىشىلەرنى- بۇ كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى بالىلىرى ياكى قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ- دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ قەلبلىرىدە ئىماننى مۇستەھكەم قىلدى، ئۇلارنى ئۆز تەرىپىدىن بولغان روھ بىلەن كۈچەيتتى، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازى بولدى. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ گورۇھىدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ گورۇھى چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر»-(‏58-سۈرە مۇجادەلە، 22- ئايەت).

ئاللاھ نەبىمىزگە ياردەم بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى مۇنداق ئۇقتۇرىدۇ:

إِنَّ اللَّهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى بۇ نەبىيگە ياردەم[1] بەرمەكتىدۇر. ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ ئۇ نەبىيگە ياردەم بېرىڭلار ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە تولۇق تەسلىم بولۇڭلار»-(‏33-سۈرە ئەھزاب، 56- ئايەت).

ئاللاھ مۇئمىنلەرگىمۇ ياردەم بېرىدۇ:

هُوَ الَّذِي يُصَلِّي عَلَيْكُمْ وَمَلَائِكَتُهُ لِيُخْرِجَكُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ وَكَانَ بِالْمُؤْمِنِينَ رَحِيمًا

«ئۇ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە ياردەم بېرىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ سىلەرگە ياردەم بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرغا چىقىرىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۇئمىنلارغا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»-(‏33-سۈرە ئەھزاب، 43- ئايەت).

مۇسۇلمانلارغا بەدىر ۋە ئوھۇد ئۇرۇشلىرىدا ياردەم كەلگەن ئىدى. مۇنۇ ئايەت بۇ ھادىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

وَلَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ بِبَدْرٍ وَأَنْتُمْ أَذِلَّةٌ فَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ . إِذْ تَقُولُ لِلْمُؤْمِنِينَ أَلَنْ يَكْفِيَكُمْ أَنْ يُمِدَّكُمْ رَبُّكُمْ بِثَلَاثَةِ آلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُنْزَلِينَ . بَلَى إِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا وَيَأْتُوكُمْ مِنْ فَوْرِهِمْ هَذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُمْ بِخَمْسَةِ آلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُسَوِّمِينَ . وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَى لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُمْ بِهِ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ

«ئاللاھ سىلەرگە بەدىردە نۇسرەت ئاتا قىلدى. سىلەر ئۇ چاغدا ناھايىتى كۈچسىز ئىدىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۈكۈر قىلغان بولىسىلەر. ‏ سەن ئۇ چاغدا مۇئمىنلارغا: «رەببىڭلارنىڭ ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ سىلەرگە ياردەم بېرىشى سىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك بولمامدۇ؟» دەيتتىڭ.‏ ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادارلىق قىلساڭلار ۋە دۈشمىنىڭلار ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، رەببىڭلار سىلەرگە نىشانلىق بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ.[2]‏ ئاللاھ بۇ ياردەمنى سىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىندۇر»-(‏3-سۈرە ئال ئىمران، 123- 126- ئايەتلەر).

ف- جانلىقلارغا بېرىلگەن روھ

ئاللاھ تائالا، ئىنساندىن باشقا جانلىقلارغىمۇ روھ بەرگەندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: 

وَأَوْحَى رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ

«رەببىڭ ھەسەل ھەرىلىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا[3] ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر ياساڭلار»-(‏16-سۈرە نەھل، 68- ئايەت).

ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىدىغان ئاساسلىق نەرسىنىڭ ئەقىل ئىكەنلىكى دېيىلىدۇ.[4] ھالبۇكى، تۆۋەندىكى ئايەتلەردە قۇشلارنىڭ ۋە چۆمۈلىنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىپ قىلغان سۆزلىرىنى ۋە ئانالىزلىرى بايان قىلىنىدۇ:

چۆمۈلىنىڭ مۇنۇ سۆزى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدىيالايدىغان ئىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرستىدۇ:

قَالَتْ نَمْلَةٌ يَا أَيُّهَا النَّمْلُ ادْخُلُوا مَسَاكِنَكُمْ لَا يَحْطِمَنَّكُمْ سُلَيْمَانُ وَجُنُودُهُ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ

«ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلەيمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى تۇيماستىن سىلەرنى ئېزىۋەتمىسۇن». (نەمل، 27/18).

نەمل سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغان مۇنۇ ئىپادىلەر، ھۆپۆپنىڭمۇ ئۆزىگە بېرىلگەن ۋەزىپىنى ئىجرا قىلالايدىغان ۋە ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان بىر ئىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:

فَمَكَثَ غَيْرَ بَعِيدٍ فَقَالَ أَحَطتُ بِمَا لَمْ تُحِطْ بِهِ وَجِئْتُكَ مِنْ سَبَإٍ بِنَبَإٍ يَقِينٍ إِنِّي وَجَدْتُ امْرَأَةً تَمْلِكُهُمْ وَأُوتِيَتْ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ وَلَهَا عَرْشٌ عَظِيمٌ. وَجَدْتُهَا وَقَوْمَهَا يَسْجُدُونَ لِلشَّمْسِ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِيلِ فَهُمْ لَا يَهْتَدُونَ. أَلَّا يَسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي يُخْرِجُ الْخَبْءَ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُخْفُونَ وَمَا تُعْلِنُونَ. اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ.

«ھۆپۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سەن بىلمىگەن بىر نەرسىنى ئۆگەندىم ۋە ساڭا سەبەئدىن توغرا خەۋەر ئېلىپ كەلدىم:‏ مەن ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسىگە پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى ئۇچراتتىم، ئۇنىڭغا ھەر نەرسىدىن بېرىلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ چوڭ تەختى بار ئىكەن. بايقىشىمچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا سەجدە قىلىدىكەن. شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسۇپتۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھىدايەت تاپالمايۋېتىپتۇ.‏ ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلىشلىرى كېرەك ئەمەسمىدى؟ ئاللاھ يەككە-يېگانە ئىلاھتۇر، بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر»- (27- سۈرە نەمل، 22-26-ئايەتلەر).‏

داۋامى بار…

[1] ئايەتنىڭ تېكىستىدە تىلغا ئېلىنغان يۇسەللۇنە (يُصَلُّونَ) پېئىلىنىڭ سۆز تۇمۇرى بولغان سالات (الصَّلَاة) نىڭ ئەسلى مەنىسى بىر نەرسىنى قويۇپ بەرمەسلىك ۋە داۋاملىق بىللە بولۇش دېگەن بولىدۇ. (لىسانۇل ئەرەب). بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ نەبىمىزگە ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  

[2]  يەنى ئەگەر سىلەر چىداپ سابىت قەدەم تۇرساڭلار، قولۇڭلاردىن كەلگەنچە تەدبىرىڭلارنى ئالساڭلار، دۈشمىنىڭلار سىلەرگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلسا، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھ تائالا سىلەرگە بەش مىڭ پەرىشتە ئەۋەتىپ ياردەم بېرىدۇ.‏

[3] بۇ ئەيەتنىڭ بۇنداق تەرجىمە قىلىنىشى، ئايەتتىكى يەئرىشۇن (يَعْرِشُونَ) پېئىلىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىنسانلار بولغانلىقى ئۈچۈندۈر. چۈنكى ھەممىگە مەلۇمكى ئىنسانلار ھەسەل ئېلىش ئۈچۈن ھەسەل ھەرىلىرىنى «ساندۇق» دېيىلىدىغان نەرسىگە قويىدۇ. – تەرجىماندىن. 

[4] دىيانەت ۋاقفى ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيەسى، «ئەقىل» ماددىسى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ