مۇسۇلمانلار

58- ھوقۇق تەمەسىدە بولماسلىق

ھۆكۈمدار بولۇشنى تەلەپ قىلىشنى چەكلەش، تەيىنـلىـنىپ قالـمىـسا ۋە ياكى زۆرۈرىيەت بولـمىـسا ئەمەل تۇتماسلىقنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

تِلْكَ الدَّارُ الْآخِرَةُ نَجْعَلُهَا لِلَّذِينَ لَا يُرِيدُونَ عُلُوًّا فِي الْأَرْضِ وَلَا فَسَادًا وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ

«ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر»-(سۈرە قەسەس، 83- ئايەت).

  1. ئەبۇ سەئد ئابدۇراھمان ئىبن سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: «ئى ئابدۇراھمان ئىبن سەمۇرە، مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ شۇنىڭ بىلەن بولۇپ كېتىسەن-دە، ئاللاھ تائالا ساڭا ياردەم بەرمەيدۇ. ئۇ سەن تەلەپ قىلماستىن قولۇڭغا كېلىدىغان بولسا ئاللاھ تائالا ساڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ غەيرىنى قىلىش پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايقىساڭ ئىچكەن قەسىمىڭگە كەففارەت بېرىپ، پايدىلىق ئىشنى قىلساڭ بولىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مەنسەپ تەمە قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ئەگەر تەمە قىلماستىن مەنسەپ بېرىلسە ئۇنى قوبۇل قىلسا بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئۆزىدىن باشقا ئەڭ لايىق كىشى بولمىسا، تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

2) ياخشى ئىشنى قىلماسلىققا ياكى گۇناھ ئىشنى قىلىشقا قەسەم ئىچكەن بولسا بۇنداق قەسەمنى بۇزۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ياخشى ئىشقا قەسەم ئىچكەن كىشىگە قەسىمىنى ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) قەسىمىنى بۇزغان كىشى كەففارەت بېرىشى لازىم. يەنى، بىر قۇل ئازاد قىلىش ياكى ئون مىسكىنگە بىر كۈنلۈك نورمال تائام بېرىش، ئەگەر يۇقىرىدىكى ئىشلارغا كۈچى يەتمەيدىغان نامرات كىشى بولسا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش.

  1. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: «ئى ئەبۇ زەر! مەن سېنى ئاجىز كۆرىمەن، مەن ئۆزۈمگە نېمىنى ياخشى كۆرسەم ساڭىمۇ شۇنى ياخشى كۆرىمەن، ئىككى ئادەمگە بولسىمۇ ھەرگىز باشلىق بولما ۋە يېتىمنىڭ مېلىغا ئىگە بولۇشقا يولىمىغىن».— مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەمەلدارلىق يۈكىنى كۆتۈرەلمەسلىكنى بىلگەن كىشىنىڭ ئەمەلدار بولۇشىنىڭ قەتئىي بولمايدىغانلىقى.

2) يېتىمنىڭ مېلىنى ئاسراشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇنى ھەقسىز يەۋالماسلىق ياكى زايە قىلىۋەتمەسلىك كېرەكلىكى.

3) ئىسلامنىڭ ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ۋە يېتىملارنىڭ ماللىرىنى قوغدايدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «مېنى بىرەر ئەمەلگە قويمامسەن؟»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۈرەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئى ئەبۇزەر، سەن ئاجىز، ئەمەلنىڭ ئۆزى بىر ئامانەت. ئۇ ئۇنىڭ ھەققىنى قوبۇل قىلىپ توغرا رەۋىشتە ئادا قىلغان ئادەمدىن باشقىسىغا قىيامەت كۈنى رەسۋالىق ۋە نادامەت بولىدۇ»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مەنسەپ تەلەپ قىلغان كىشىگە مەنسەپ بېرىلمەيدۇ، مەنسەپتىن ئۆزىنى تارتقان ۋە ئۇنى ياقتۇرمىغان كىشى مەنسەپكە ئەڭ لايىق كىشىدۇر.

2) باشلىقلىق چوڭ ئامانەت ۋە خەتەرلىك مەسئۇلىيەت، باشلىقلىق مەنسىپىگە ئىگە بولغانلار مەنسىپىگە ھەقىقىي رىئايە قىلىشى، ئاللاھ تائالاغا بەرگەن ۋەدىسىگە خىيانەت قىلماسلىقى.

3) باشلىقلىق مەنسىپىگە لاياقەتچىلىك بىلەن ئولتۇرغان مەيلى ئادىل خەلىفە ياكى ئىشەنچىلىك خەزىنىچى ۋە ياكى ئۆز ئىشىغا پۇختا ئىشچى بولسۇن ھەممىسىنىڭ پەزىلىتى.

  1. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئەمەل تۇتۇشقا ھېرىسلىق قىلىسىلەر. تۇتقان ئەمىلىڭلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى نادامەت چېكىسىلەر». دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) سالاھىيىتى يوق ياكى مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلالمايدىغان كىشىلەرنىڭ مەنسەپ مەرتىۋىلەرگە ھېرىسمەن بولۇشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش.

2) باشلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە تولۇق ئادا قىلالماسلىقنىڭ جازاسى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر