مۇسۇلمانلار

56- گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدا

 گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَإِنَّكَ لَعَلى خُلُقٍ عَظِيمٍ﴾

«(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاققا ئىگىسەن»-(سۈرە قەلەم، 4- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

﴿وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ…﴾

«(ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلار…»-(سۈرە ئال ئىمران، 134- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئەخلاقلىقى ئىدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل ئەخلاق ئىگىسى ئىكەنلىكى، قۇرئاندىكى گۈزەل ئەخلاق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ئىكەنلىكى، شۇڭا قۇرئاندىكى ھالال دېگەننى ھالال، ھارام دېيىلگەننى ھارام دەپ يەتكۈزگەنلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالىقىنىدىنمۇ يۇمشاقراق ھېچقانداق شايى ئەتلەس ئۇچراتمىدىم. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىدىدىنمۇ خۇش پۇراق نەرسىنى پۇراپ باقمىدىم. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئون يىللاپ خىزمەت قىلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ھېچقاچان ‹ئوھۇي›، دەپ باقمىدى. قىلغان ئىشىمغا «نېمە ئۈچۈن قىلدىڭ؟»، قىلمىغان ئىشىمغا «قىلساڭ بولماسمىدى؟»، دەپ باقمىدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، ساھابىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈممەتلىرىگە تەلىم بېرىش، ئەدەپ ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى.

  1. سەئد ئىبن جەسسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر قۇلان ھەدىيە قىلغانىدىم. ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى. ئۇ چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ: «بىز ئىھرامدا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ساڭا قايتۇرۇپ بەردۇق»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىيىنى قوبۇل قىلىش كېرەكلىكى، پەقەت شەرىئەت بويىچە ئۆزرىلىك بولغان ئەھۋالدىلا ھەدىيىنى قايتۇرسا بولىدىغانلىقى، ئۆزرە ئېيتىپ ھەدىيە بەرگۈچىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ئېھرام باغلىغان كىشىنىڭ سوۋغا قىلىنغان تىرىك ھايۋاننى بوغۇزلىشى دۇرۇس ئەمەسلىكى، شۇنداقلا ئوۋلانغان ھايۋان ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يىيىشنىڭمۇ دۇرۇس ئەمەسلىكى.

  1. نەۋۋاس ئىبن سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا سورىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام: «ياخشىلىق دېگەن گۈزەل ئەخلاقتۇر، گۇناھ دېگەن كۆڭلۈڭ غەش بولغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنى بىلىپ قېلىشىنى سەن ياقتۇرمىغان ئىشتۇر»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: گۈزەل ئەخلاقتا ياخشىلىق بارلىقى، چۈنكى گۈزەل ئەخلاق ئىگىسىنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا، يامانلىقنى تەرك ئېتىشكە ئالدىرايدىغانلىقى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناچار سۆز، ناچار ئىشلاردىن يىراق ئىدى. ئۇ: «ئىچىڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر»، دەيتتى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى مۇئمىننىڭ تارازىسىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر توختايدىغان نەرسە يوق، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا يامان سۆز قىلغۇچى، سۆرەن سالغۇچى ئادەمنى يامان كۆرىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: گۈزەل ئەخلاققا ئىمان قوشۇلسا ئاخىرەتتە كىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى، كۇفرىلىق، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنى تەرك ئېتىش ئەڭ يامان خۇلۇق ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق كىشىنى يامان كۆرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئەڭ سەۋەب بولىدىغان نەرسە نېمە؟»، دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ۋە گۈزەل ئەخلاق»، دېگەنىدى. يەنە: «كىشلەرنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە ئەڭ سەۋەب بولىدىغان نەرسە نېمە؟»، دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئېغىز ۋە جىنسىي ئەزا»، دېگەنىدى. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تەقۋالىق ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئۈندەش، كۇفرىلىق، يالغانچىلىق، زىنادىن ئاگاھلاندۇرۇش.

2) ھەدىس تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاقنى جەملىگەن، چۈنكى تەقۋالىق ئىنسان بىلەن پەرۋەردىگارى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ، گۈزەل ئەخلاق بولسا ئىنسان بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ، شۇنداقلا ھەدىس ئىنساننىڭ ئېغىزى بىلەن ئەۋرىتىنى بىر يەرگە قويغان. چۈنكى، ئېغىزدىن كۇفرىلىق، غەيۋەت، سۇخەنچىلىك، ھەقنى يالغانغا چىقىرىشتەك يامان ئىشلار سادىر بولىدۇ. ئەۋرەتتىن بولسا بالاغا سەۋەبچى بولىدىغان، دوزاخنىڭ يولىغا باشلايدىغان گۇناھ — زىنا سادىر بولىدۇ.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئمىنلەردىن ئىمانى ئەڭ مۇكەممەل بولغانلىرى ئۇلاردىن ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلىق بولغانلىرىدۇر. سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىڭلار سىلەرنىڭ ياخشىڭلار ھېسابلىنىسلەر». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىمان بىلەن گۈزەل ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بارلىقى، بەندە گۈزەل ئەخلاقلىق بولغاندا ئىمانىمۇ كامىل بولىدىغانلىقى، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ئوچۇق چىراي ئېچىپ، ئەزىيەتنى توسۇپ ياخشىلىق قىلغاندا، ئۇ كىشىنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدىمۇ ئەۋزەل ھېسابلىنىدىغانلىقى.

2) ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ گۈزەل ئەخلاق جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «شۈبھىسىزكى، مۇئمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدۇ». — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «گەرچە ھەق ئۆزى تەرەپتە بولسىمۇ جېدەللىشىشنى تەرك ئەتكەن كىشىگە جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلىشىشقا كېپىلمەن. چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ يالغان سۆزلىمىگەن كىشىگە جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر ئۆيگە ئورۇنلىشىشقا كېپىلمەن. گۈزەل ئەخلاق ئىگىسىگە جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن جايىدىن بىر ئۆيگە ئورۇنلىشىشقا كېپىلمەن». — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پايدىسى يوق تالاش-تارتىشنى قىلماسلىق، چاقچاق قىلىش مەقسىتىدە قىلىنغان يالغانچىلىقنىمۇ تەرك ئېتىشكە دەۋەت قىلغانلىقى.

2) گۈزەل خۇلۇقنىڭ ئەجىر ئەڭ كۆپ بېرىلىدىغان پەزىلەت ئىكەنلىكى، چۈنكى گۈزەل ئەخلاققا گۈزەل پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى جەملەنگەنلىكى.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەتتە ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە ئورۇن جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغىنىڭلاردۇر. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئۆچلۈكۈمنى كەلتۈرىدىغان ۋە مەندىن ئەڭ يىراق بولىدىغىنىڭلار ۋالاقتەككۇر، گەپدانلىق قىلىپ باشقىلارغا گەپ بەرمەيدىغان، مەمەدانلىق قىلغۇچىلاردۇر». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ئابدۇللاھ ئىبن مۇبارەك گۈزەل ئەخلاقنى چۈشەندۈرۈپ: «خۇش چىراي بولۇش، ياخشىلىقنى ئايىماسلىق، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك»، دەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر