مۇسۇلمانلار

55- ھاكاۋۇرلۇق توغرىسىدا

 ھاكاۋۇرلۇق، ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

 ﴿تِلْكَ الدَّارُ الْآخِرَةُ نَجْعَلُهَا لِلَّذِينَ لَا يُرِيدُونَ عُلُوًّا فِي الْأَرْضِ وَلَا فَسَادًا وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ﴾

«ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر»-(سۈرە قەسەس، 83- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

﴿وَلاَ تَمْشِ فِي الأَرْضِ مَرَحًا﴾

«سەن زېمىندا مەغرۇرانە يۈرمىگىن»-(سۈرە ئىسرا، 37- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

﴿وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ﴾

«كىشىلەرنى مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرىمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ»-(سۈرە لوقمان، 18- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

﴿إِنَّ قَارُونَ كَانَ مِن قَوْمِ مُوسَى فَبَغَى عَلَيْهِمْ وَآتَيْنَاهُ مِنَ الْكُنُوزِ مَا إِنَّ مَفَاتِحَهُ لَتَنُوءُ بِالْعُصْبَةِ أُولِي الْقُوَّةِ إِذْ قَالَ لَهُ قَوْمُهُ لَا تَفْرَحْ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْفَرِحِينَ﴾

«قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى. قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ئېغىرلىق قىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتا قەۋمى قارۇنغا ئېيتتى: كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ»-(سۈرە قەسەس، 81- ئايەت).

  1. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قەلبىدە زەررىچىلىك تەكەببۇرلۇق بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»، دېدى. بىر ئادەم: «ھەقىقەتەن كىشى ئۆزىنىڭ كىيىمى ۋە ئايىغىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ، تەكەببۇرلۇق دېگەن ھەق گەپكە ئۇنىماسلىق، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تەكەببۇرلۇقنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، مۇتەكەببىر كىشى ئىماننى ئېتىبارغا ئالمىغان ھالدا تەكەببۇرلۇق قىلسا جەننەتكە كىرمەيدىغانلىقى، ئەگەر تەكەببۇرلۇقى باشقا سەۋەبتىن بولسا ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە جەننەتكە كىرىدىغانلاردىن بولالمايدىغانلىقى.

2) تەكەببۇرلۇق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئۆزىنى تۈزەپ يۈرۈشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

  1. سەلەمە ئىبن ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن يېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئوڭ قولۇڭ بىلەن يە»، دېۋىدى، ئۇ كىشى: «ئوڭ قولۇمدا يېيىشكە قادىر بولالمايمەن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قادىر بولالمىغايسەن»، دېدى. ئۇ كىشىنى ئوڭ قول بىلەن يېيىشكە كىبىرىسى توسقۇنلۇق قىلدى. ئۇ كىشى ئۆلگۈچە ئوڭ قولىنى ئېغىزىغا ئېلىپ بارالمىدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ھارىس ئىبن ۋەھبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مەن سىلەرگە ئەھلى دوزاختىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ ئۇلار: قوپال، بېخىل، تەكەببۇر كىشىلەردۇر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  3. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت بىلەن دوزاخ مۇنازىرىلىشىپ قالدى. دوزاخ: ‹مەندە زومىگەرلەر ۋە مۇتەكەببۇرلار بار›، دېدى. جەننەت: ‹مەندە كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرى ۋە مىسكىنلىرى بار›، دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ: ‹جەننەت! سەن مېنىڭ رەھمىتىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىلەرگە رەھىم قىلىمەن، دوزاخ! سەن بولساڭ مېنىڭ ئازابىم، سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن ۋە ئىككىڭلارنى توشقۇزۇش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم›، دېگەن». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تەكەببۇرلۇقتىن ئاگاھلاندۇرۇش، كەمتەر بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى ئەمەل قىلغان كىشىلەر بىلەن جەننەتنى، يامان ئىش قىلغان كىشىلەر بىلەن دوزاخنى تولدۇرىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى تەكەببۇرلۇقتىن ئىشتىنىنى سۆرەپ كىيىۋالغان كىشىگە رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئۇزۇن كىيىم كىيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ئەگەر باشقا سەۋەبتىن بولسا بۇنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكى، سۆرىلىپ قالماستىن، پاچاقنىڭ يېرىمىغا كىيىم كىيىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا سۆزلىمەيدىغان، گۇناھلىرىنى پاكلىمايدىغان، قارىمايدىغان ۋە دەھشەتلىك ئازابقا قالىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى قېرىغىنىنى تۇيمايدىغان پاھىشىۋاز، يەنە بىرى يالغانچى پادىشاھ، يەنە بىرى تەكەببۇر نامرات ئادەم». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) زىنانىڭ ھارام ئىكەنلىكى، قېرى ئادەمنىڭ بۇ گۇناھنى قىلىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى، چۈنكى ، يېشىنىڭ چوڭلۇقىغا قارىماي بۇ گۇناھنى قىلىش ئۇ ئادەمنىڭ دىنىنىڭ سۇسلىقى، تەبىئىتىنىڭ پەسلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى.

2) يالغانچىلىقنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ھۆكۈمراننىڭ يالغان ئېيتىشى تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى، چۈنكى ھۆكۈمران يالغان ئېيتىشقا مەجبۇر ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ دىنىنىڭ بۇزۇقلىقى، ئادەمگەرچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى.

3) تەكەببۇرلۇقنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، كەمبەغەلنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلىشى تېخىمۇ قەبىھ ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۆينىڭ ئىچىدە تەكەببۇرلۇق قىلغۇدەك ھېچ نەرسە يوق تۇرۇپ تەكەببۇرلۇق قىلىش شۇ كىشىنىڭ دىننى مەنسىتمىگەنلىكى بولىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‹كۈچ-قۇدرەت، ئۇلۇغلۇق ئاللاھ تائالانىڭ خاس سۈپەتلىرىدۇر›. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ‹كىمكى مېنىڭ شۇ ئىككى سۈپىتىم بىلەن سۈپەتلىنىشكە ئورۇنسا، ئۇنى ئازابقا دۇچار قىلىمەن›». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەرگە چوڭچىلىق، تەكەببۇرلۇق قىلغان ھەربىر ئادەمنىڭ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى، بۇخىل سۈپەت ئاجىز بولغان ئىنسانغا ماس كەلمەيدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى ئېسىل كىيىنىپ، چاچلىرىنى رەتلىك تاراپ، ئۆز-ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىپ، غادىيىپ كېتىۋاتقاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنى يەرگە يۇتقۇزدى. ئۇ قىيامەتكىچە يەر ئاستىغا چۆكۈپ بارىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. سەلەمە ئىبن ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشى تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرىپ، زالىملار قاتارىغا يېزىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زالىملار قانداق ئازابلانسا، ئۇلارمۇ شۇنداق ئازابلىنىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بىرەر قەۋمگە خۇلقى، قىلغان ئىشلىرى ئوخشاپ قالغان ئادەمنىڭ شۇ قەۋم بىلەن بىر ھېسابلىنىپ، ئوخشاش ئازابقا ئۇچرايدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر