مۇسۇلمانلار

54- كەمتەر بولۇش توغرىسىدا

كەمتەر بولۇش ۋە مۇئمىنلەرگە مۇلايىم بولۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِمَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ﴾

«ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن»- (شۇئەرا 215- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ مَن يَرْتَدَّ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَسَوْفَ يَأْتِي اللّهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ… ﴾

«ئى مۇئمىنلەر سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كۇففارلارغا شەپقەتسىز بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ»-(سۈرە مائىدە، 54- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن ذَكَرٍ وَأُنثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ﴾

«ئى ئىنسانلار سىلەرنى ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت)، بىر ئاتا-ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆزئارا تونۇشىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇغ قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر»-(سۈرە ھۇجۇرات، 13- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

 ﴿فَلَا تُزَكُّوا أَنفُسَكُمْ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَى﴾

«سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ»-(سۈرە نەجىم، 32- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

 ﴿وَنَادَى أَصْحَابُ الأَعْرَافِ رِجَالاً يَعْرِفُونَهُمْ بِسِيمَاهُمْ قَالُواْ مَا أَغْنَى عَنكُمْ جَمْعُكُمْ وَمَا كُنتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ أَهَؤُلاء الَّذِينَ أَقْسَمْتُمْ لاَ يَنَالُهُمُ اللّهُ بِرَحْمَةٍ ادْخُلُواْ الْجَنَّةَ لاَ خَوْفٌ عَلَيْكُمْ وَلاَ أَنتُمْ تَحْزَنُونَ﴾

«ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخىي) ئادەملەرگە: «توپلىغان پۇل-ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلىقىڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟»، دەپ توۋلايدۇ. (ئەئرافتىكىلەر دوزىخىيلارغا مۇئمىنلارنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ): «سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا): ‹جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر›، دېيىلدى»، دەيدۇ»-(سۈرە ئەئراف، 48-، 49- ئايەتلەر).

  1. ئىياز ئىبن ھىمار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ماڭا ۋەھىي قىلدىكى، سىلەر كەمتەر بولۇڭلار، ھېچكىم ھېچكىمگە چوڭچىلىق قىلمىسۇن، ھېچكىم ھېچكىمگە يوغانچىلىق قىلمىسۇن». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كەمتەر بولۇش، يوغانچىلىق قىلماسلىق، كىشىلەرگە چېقىلماسلىقنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى.

2) مۇسۇلمانغا پەرز قىلىنغان كەمتەرلىك ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى يۈزىسىدىن ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىغا، ئۆلىمالارغا ۋە سالىھ كىشىلەرگە كەمتەر بولۇشنى كۆرسىتىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالا مۇنداق ئادەمنىڭ قەدرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ياخشى نامغا ئىگە قىلىدىغانلىقى، ئەمما زالىملارنىڭ ئالدىدا باش ئېگىپ كەمتەر بولۇش كىشىنىڭ ئىززىتىنى يەرگە ئۇرۇپ خارلىققا ئېلىپ بارىدىغان يامان ئىش ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە بېرىش بىلەن مال كېمىيىپ قالمايدۇ، كىمكى ئەپۇچان بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىززىتىنى زىيادە قىلىدۇ. بىر كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەي قالمايدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) سەدىقە بېرىش، يامانلىق قىلغۇچىنى ئەپۇ قىلىۋېتىش، مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولۇشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى، سەدىقە مالنى كېمەيتمەستىن، بەلكى مالنى بەرىكەتلىك قىلىدىغانلىقى.

2) كەمتەر بولۇش ئاللاھ تائالانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا شۇ كىشىنىڭ قەدرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىچىك بالىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلارغا سالام قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق قىلاتتى، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىچىكلەرگە سالام بېرىش، ئۇلارغا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ئۆگىتىپ ئادەتلەندۈرۈش، كىبىرنى تاشلاپ مۇلايىم، كەمتەر بولۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ھەقىقەتەن مەدىنىنىڭ چۆرىلىرىدىن خالىغان چۆرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدىن يېتىلەپ (ئىشىمنى قىلىپ بەرگىن دەپ) خالىغان يەرگە ئېلىپ كېتەتتى (يەنى ھەر قانداق ئاجىز، مەرتىۋىسىز ئادەممۇ ھېچبىر ئەيمەنمەستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلىپ، تارتىنماي، ئىشى بار يەرگە ئېلىپ بارالايتتى). — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى، مۇلايىملىقى، بۇ ھەدىستە باشقىلارنى مۇشۇنداق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

2) كىشىلەرگە باراۋەر-ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلغان. چۈنكى، ئىنسانلار ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ قۇللىرى-بەندىلىرىدۇر.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشقا ھېرىسمەن ئىكەنلىكى.

  1. ئەسۋەد ئىبن يەزىددىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيدە نېمە قىلاتتى؟»، دەپ سورالغاندا، ئۇ: «ئۆز ئاياللىرىغا ياردەمدە بولاتتى، ناماز ۋاقتى بولسا، نامازغا چىقاتتى»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى، ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆيۈمچانلىقى، نامازنى ئەڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇيدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ رىفائە تەمىم ئىبن ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بارسام، ئۇ ۋەز سۆزلەۋېتىپتىكەن، مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىر مۇساپىر ئادەم دىن توغرۇلۇق سورىغىلى كەپتۇ، ئۇ دىننى بىلمەيدىكەن»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا يۈزلىنىپ ۋەزدىن توختاپ ئالدىمغا كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئورۇندۇق ئەكېلىپ بېرىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇ زاتقا ئۆگەتكەن نەرسىلەرنى ماڭا ئۆگەتكىلى تۇردى. ئاندىن ۋەز ئېيتقان جايىغا قايتىپ بېرىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارغا ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكى، ئۇلارغا كۆيۈنىدىغانلىقى.

2) دىنىي مەسىلە سوراپ كەلگۈچىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە ئالدىراش لازىملىقى. ئۆلىمالار ئىمان ۋە ئىسلام دىنىغا كىرىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە سوراپ كەلگەن كىشىگە دەرھال جاۋاب بېرىش ۋە ئۆگىتىشنىڭ ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىپ ئىكەنلىكى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەنلىكى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرگە دىنىي ئىلىم ئۆگىتىشكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچانكى تاماق يېسە، ئۆزىنىڭ ئۈچ بارمىقىنى يالايتتى ۋە: «سىلەرنىڭ بىرەرسىڭلار يەۋاتقان تامىقىدىن بىرەر لوقما چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى پاكىزلىۋېتىپ يەۋەتسۇن، ئۇنى شەيتانغا تاشلاپ قويمىسۇن»، دەيتتى ۋە قالغان قاچىسىنى يالىۋېتىشكە بۇيرۇپ: «تامىقىڭلارنىڭ قەيەرىدە بەرىكەت بارلىقىنى بىلمەيسىلەر»، دەيتتى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تاماق يەپ بولۇپ قولىنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى بارماقلارنى يالىۋىتىش، تەخسىنى پاكىزلاپ يالاش، تەخسىدىن چۈشۈپ كەتكەن تاماقنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا يېپىشقان مەينەت نەرسىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىزلاپ يەۋېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتىنى ئىسراپ بولۇپ كېتىشتىن ساقلىغانلىق بولىدىغانلىقى.

2) پۇل-مال مەيلى كۆپ ياكى ئاز بولسۇن، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇنى ئىسراپ قىلماستىن ئوبدان ساقلاشقا بۇيرۇيدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەنلىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى قوي باققان»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى: «سەنمۇ قوي باققانمۇ؟ ئى رەسۇلۇللاھ!»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، مەنمۇ مەككىلىكلەرنىڭ قويىنى بىر نەچچە تەڭگىگە باقاتتىم»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن قوينىڭ سېنى ياكى قولىغا مېھمان قىلىشقا چاقىرىلسام، ئەلۋەتتە باراتتىم. ئەگەر ماڭا قوينىڭ قولى ياكى سېنى سوۋغا قىلىنسىمۇ قوبۇل قىلاتتىم». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) باشقىلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش، بۇنىڭ كەمتەرلىك ۋە كىشىلەرنى دوستلاشتۇرۇش بولىدىغانلىقى.

2) باشقىلار سوۋغا قىلغان ھەدىيىنى ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلىش، بۇنداق قىلىش قەلبلەرنى دوستلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى،

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزبا ئىسىملىك بىر تۆگىسى بار بولۇپ، مۇسابىقىدە ھېچ قانداق بىر تۆگە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيتتى ياكى يېتەلمەيتتى. كىچىك تۆگىگە مىنگەن بىر ئەئرابى ئەزبانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ مۇسۇلمانلارغا ئېغىر كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى سېزىپ: «دۇنيادىكى دەرىجىسى ئۈستۈن بىر نەرسىنى تۆۋەنلىتىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدىدۇر»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە دۇنيانىڭ نەقەدەر ئەرزىمەس ئىكەنلىكى، بەندىنىڭ ماختىنىش-پەخىرلىنىشىنى تاشلاپ كەمتەر بولۇشى، تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقى كېرەكلىكى، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ ھامان كەمتۈك بولۇپ، مۇكەممەل بولمايدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى ۋە ساھابىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئايايدىغان مېھرىبانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر