مۇسۇلمانلار

53- شۈبھىلىك نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش توغرىسىدا

 پەرھىزكار بولۇش ۋە شۈبھىلىك نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

وَتَحْسَبُونَهُ هَيِّنًا وَهُوَ عِندَ اللَّهِ عَظِيمٌ

«ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇ چوڭ گۇناھتۇر»-(سۈرە نۇر، 15- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

إِنَّ رَبَّكَ لَبِالْمِرْصَادِ

«پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»-(سۈرە فەجىر، 14- ئايەت).

  1. نۇئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھالال ئىشلارمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن، ھارام ئىشلارمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۈبھىلىك (ھالالغىمۇ، ھارامغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇقالمايدىغان، ھۆكمى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن ئىشلار. — ت) ئىشلار بار، شۈبھلىك ئىشلاردىن ھەزەر قىلغان ئادەم دىنىنى ۋە نومۇسىنى ئادالىغ تۇتقان بولىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم ھارامغا دۇچار بولۇپ، چارىگاھنىڭ چۆرىسىدە پادا باققۇچى پادىچىغا ئوخشايدۇ. پادا چارىگاھقا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن، ھەر پادىشاھنىڭ بىر چارىگاھى بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى چارىگاھى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ھارام قىلىپ بېكىتكەن ئىشلىرىدىن ئىبارەت. قۇلاق سېلىڭلار، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتىن ئىبارەت». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھالالنى قوبۇل قىلىپ ھارامدىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەكلىكى.

3). بەندىنى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بۇنى ئىچىدىن، يەنى قەلبىنى تۈزەشتىن باشلاش كېرەكلىكى.

4) بەندىنىڭ تىرىكچىلىك ئىشلىرى ۋە ھۈنەر-كەسىپتە شۈبھىلىك مەسىلىلەرگە سەل قارىشى بارا-بارا ھارام، گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ سېلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى يولدىن بىر تال خورما تېپىۋېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن ئۇنىڭ سەدىقە بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىگەن بولسام، ئەلۋەتتە يېگەن بولاتتىم». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاجىپ ۋە مەندۇپ سەدىقىلەرنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس خۇسۇسىيىتى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىكى ھېكمەت كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ئېلىشتىن پاك بولۇش ۋە دۇنيانى دوست تۇتماسلىق ئىكەنلىكى.

2) كىشى يولدا ئۇچرىغان ئەرزىمەس ئۇششاق نەرسىلەرنى ئېلىپ پايدىلانسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى.

3) بەندىنىڭ توغرۇلۇقىغا شەكلەنگەن ئىشنى قىلماسلىقى لازىملىقى.

  1. نەۋۋاس ئىبن سىمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىق دېگەن گۈزەل ئەخلاقتۇر، گۇناھ دېگەن كۆڭلۈڭ غەش بولغان، كىشىلەرنىڭ ئۇنى بىلىپ قېلىشىنى سەن ياقتۇرمىغان ئىشلاردۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىسلام دىنىدا گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى.

2) گۇناھنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئالامىتى بولىدىغانلىقى ئۇنىڭ بىرى كىشىنىڭ يۈرىگىنى تاتىلاپ ئارام بەرمەيدىغانلىقى، يەنە بىرى كىشىنىڭ ئۇنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقىدىغانلىقى.

3) ھەدىستە ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، يامانلىقنى ئەيىبلەيدىغان تەبىئىي تۇيغۇ بولىدىغانلىقىغا دەلىل بارلىقى.

4) بەندە كۆڭلىدە بىرەر يامانلىقنى ئويلاپ، ئۇنى سۆزلىمىسە ۋە قىلمىسا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدىغانلىقى.

5) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پاساھەت-بالاغەت بىلەن سۆزلەش خۇسۇسىيىتى بۇ ھەدىستە ئىپادىلەنگەن، بۇ ھەدىستە ئىخچام سۆزلەر ئارقىلىق چوڭقۇر مەنىنى بايان قىلغان.

  1. ۋابىسە ئىبن مەئبەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىقلار توغرۇلۇق سوراپ كەلدىڭمۇ؟»، دېدى. مەن: «ھەئە»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قەلبىڭدىن سورا، ياخشىلىق دېگەن كۆڭلۈڭ تىنغان، دىلىڭ خاتىرجەم بولغان نەرسىدۇر. گۇناھ دېگەن، گەرچە كىشىلەر ساڭا پەتىۋا بەرگەن بولسىمۇ كۆڭلۈڭنى غەش قىلىدىغان ۋە دىلىڭدا ئىككىلىنىش پەيدا قىلىدىغان نەرسىدۇر»، دېدى. — ئەھمەد ۋە دارىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلار يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بۇنى بىلىدىغان ئالاھىدىلىكى بارلىقى. سوئال سورىغۇچى سوراشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى.

2) كىشىنى كۆڭلىدە ھارام بولۇپ قېلىشتىن قورققان شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلماي تەرك ئېتىشكە بۇيرۇغان.

  1. ئۇقبە ئىبن ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ئەبۇ ئىھاب ئىبن ئەزىزنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئالدىغا بىر ئايال كېلىپ: «ھەقىقەتەن مەن ئۇقبە ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئېمىتكەنىدىم»، دېدى. ئۇقبە ئۇ ئايالغا: «مەن سېنىڭ مېنى ئىمىتكەنلىكىڭنى بىلمەيدىكەنمەن، ماڭا بۇرۇن دېمىگەن ئىدىڭ»، دېدى. ئۇ ئۇلىغىغا مىنىپ، مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ بۇ ئىش توغرۇلۇق سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنى ئىمىلدەش دېگەن تۇرسا، قانداقمۇ بىر يەردە بولىسىلەر»، دېدى. ئۇقبە ئۇ ئايالدىن ئاجرىشىپ كەتتى. ئاندىن ئۇ ئايال باشقا بىرىگە تەگدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
  2. ھەسەن ئىبن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «سېنى شەككە سالىدىغان نەرسىنى تاشلاپ، سېنى شەككە سالمايدىغان نەرسىنى تۇتقىن»، دېگەن سۆزنى يادلىۋالغانىدىم. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
  3. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر غۇلامى بولۇپ، ئىشلەپ تاپقان نەرسىنىڭ بىر قىسمىنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىگە بېرەتتى. ئەبۇ بەكرى شۇنى ئېستىمال قىلاتتى. بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى غۇلام ئېلىپ كەلگەن نەرسىدىن يېدى. ئۇ بالا: «بۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلەمسەن؟»، دېدى. ئەبۇ بەكرى: «ئۇ قانداق كەلگەن؟»، دېۋىدى. ئۇ بالا: «مەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر كىشىگە پال سېلىپ بەرگەنىدىم. ئەمەلىيەتتە مەن پالچىلىقنى بىلمەيمەن. پەقەت ئۇنى ئالدىغانىدىم. ئۇ ماڭا ئۇچراپ قېلىپ سەن يېگەن شۇ نەرسىنى مېنىڭ پال سېلىپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن بەردى»، دېۋىدى، ئەبۇ بەكرى قولىنى ئېغىزىغا تىقىپ، يېگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇۋەتتى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزلى، تەقۋادارلىقى، جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئادەتلىرىدىن ئۈزۈل-كېسىل چەك-چېگرا ئايرىغانلىقى.

  1. نافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قېتىملىق تەقسىماتتا ئالدىنقى مۇھاجىرلارغا 4000 دەرھەم، ئوغلىغا 3500 دەرھەم تەيىن قىلىپ بەردى. ئۇنىڭغا: «ئوغلۇڭمۇ مۇھاجىرلاردىنغۇ، ئۇنىڭغا كەم بەردىڭغۇ؟»، دېيىلگەندە، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۇنى ئاتىسى ھىجرەت قىلدۇرغان، ئابدۇللاھ ئۆزى ھىجرەت قىلغان كىشىگە ئوخشىمايدۇ»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر ياش چېغىدا دادىسى، ئانىسى بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يالغۇز ھىجرەت قىلغان شۇنداقلا ھىجرەت ۋە سەپەرنىڭ جاپاسىنى تارتقان مۇھاجىردىن پەرقلەندۈرۈش، تەقۋادارلىق ۋە ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا 500 دىرھەمنى ئاز بەرگەن.

  1. ئەتىييە ئىبن ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندە شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ئېھتىيات قىلىش يۈزىسىدىن باك يوق نەرسىلەرنىمۇ تەرك ئەتمىگۈچە تەقۋادارلاردىن بولالمايدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) شۈبھىلىك ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەش، ئىشەنچىلىك پاكىت بىلەن ھالاللىقى ئېنىقلانمىغان نەرسىنى قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش.

2) بەندىنىڭ نەپسىنى شۈبھىلىك، مۇجمەل نەرسىلەردىن ساقلىشى ۋە ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشى تەقۋادارلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر