باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى:

 زىيان-زەخمەتكە يولۇقۇش تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، لېكىن دىندا پىتنىگە قېلىشتىن قورقۇپ ئۆلۈمــنى ئارزۇ قىــلــسا كارايىــتى يوقــلۇقــى توغرىسىدا

585. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرەرسى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمىسۇن، ئۇ كىشى ئەگەر ياخشى كىشى بولسا، بەلكىم ياخشىلىقىنى كۆپەيتىۋېلىشى مۇمكىن، ئەگەر يامان كىشى بولسا تەۋبە قىلىۋېلىشى مۇمكىن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن، دېيىلگەن: «سىلەردىن بىرەرسى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ، ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى تىلەپ دۇئا قىلمىسۇن، چۈنكى مۇئمىن ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمىلى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ھەقىقەتەن مۇئمىننىڭ ئۆمرىنىڭ زىيادە بولۇشى مۇئمىن ئۈچۈن پەقەت ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى زىيادە قىلىدۇ».

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەجىلى يېتىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالادىن ئۆلۈمنى تىلەشنىڭ يامان ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ تەقۋالىق بىلەن ياشىسا ئاللاھ تائالا ئالدىدىكى ياخشىلىقلىرى كۆپىيىدىغانلىقى، شۇڭا ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۆمرى ئۇزۇن بولۇپ، ياخشىلىقلىرى زىيادە بولغان كىشىدۇر»، دېگەن.

2) ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن ئەمەللىرى توختاپ ھېساب-كېتاب دەپتىرىنىڭ يېپىلىدىغانلىقى، ئۇ چاغدا پەقەت مۇشۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدىغانلىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرەرسى ئۆزىگە كەلگەن بەختسىزلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمىسۇن، ئەگەر ئۆلۈم تىلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا: ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر ھايات قېلىشىم ماڭا ياخشى بولسا، مېنى ھايات قالدۇرغىن، ئەگەر ئۆلۈمىم ماڭا ياخشى بولسا، مېنى قەبزى روھ قىلغىن›، دېسۇن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇسۇلمانغا دۇنيالىقىدا زىيان-زەخمەت، خاپىلىق يېتىپ قالسا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ تىلەشنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىش شۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پۈتكەن تەقدىرىگە نارازى بولۇش مەنىسىنى بىلدۈرۈپ قالىدىغانلىقى.

2) بەندىنىڭ خاپىلىق، ئەزىيەت تارتقاندا ھەدىستە ئېيتىلغان دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇ دۇئا بەندىنىڭ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىگە تولۇق بويسۇنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى.

  1. قەيس ئىبن ئەبۇ ھازىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز خەبباب ئىبن ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يوقلاپ كەلگەنىدۇق. ئۇ داۋالىنىش مەقسىتىدە بەدىنىنىڭ يەتتە يېرىنى داغلاتقانىكەن. ئۇ: «ھەقىقەتەن بىزنىڭ بۇرۇنقى ھەمراھلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇلار دۇنيانىڭ ھوزۇر-ھالاۋىتىدىن بەھرىمەن بولمىدى، بىز بولساق نۇرغۇن ماللارغا ئېرىشىپ، ئۇنى قويىدىغانغا توپىدىن باشقا جاي تاپالمىدۇق (يەنى ئېھتىياجدىن ئارتۇق مال توپلاپ، ئۇنى ساقلاشقا توپىدىن باشقا جاي تاپالمىدۇق، ياكى بولمىسا ئىمارەتلەرنى سېلىپ ئۇنى ئىجارىگە بىرىپ، كىرىم قىلماقچى بولدۇق). ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ئۆلۈمنى تىلەشتىن چەكلىمىگەن بولسا، چوقۇم ئۆلۈمنى تىلەپ دۇئا قىلاتتىم»، دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ قېشىغا ئىككىنچى قېتىم كەلگىنىمىزدە، ئۇ تام ياساۋاتقانىكەن. ئۇ: «مۇسۇلمان ئادەم مۇشۇ توپىغا سەرپ قىلغانلىرىدىن باشقا خەجلىگەن ھەر بىر مېلى ئۈچۈن چوقۇم ساۋابقا ئىگە بولىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ