مۇسۇلمانلار

50-تىلەمچىلىكتىن ۋە تەمەخورلۇقتىن ساقلىنىش

  1. باب ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشاش، تىلەمچىلىكتىن ۋە تەمەخورلۇقتىن ساقلىنىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِن فَضْلِ اللَّهِ

«ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارىلىپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار»-(سۈرە جۈمە، 10- ئايەت).

  1. ئەبۇ ئابدۇللاھ زۇبەير ئىبن ئاۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ چىقىپ تاغدىن بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ، سېتىپ ئۆزىنى تەمىنلىسە، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى تىلەش ۋە تەمە قىلىشتىن ساقلاپ قالسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر مەيلى بىر نەرسە بەرسۇن، مەيلى بەرمىسۇن كىشىدىن تىلىگىنىدىن ياخشى». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنى مەيلى ناھايىتى ئاددىي، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تۆۋەن سانىلىدىغان بولسۇن ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ھالال رىزىق ئۈچۈن تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئوتۇن تېرىپ ئۆشنىسىگە بىر باغلام ئوتۇننى ئارتىپ كېلىپ ئۇنى سېتىپ جان باققىنى مەيلى بەرسۇن، مەيلى بەرمىسۇن، باشقىلاردىن بىر نەرسە تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشايتتى». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
  3. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ياغاچچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەرلەرنى ئۈلگە قىلىپ تۈرلۈك كەسىپ-ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ پەزلى.

  1. مىقداد ئىبن مەئدى كەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ يېگەن تامىقى ئەڭ ھالال تاماقتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشايتتى». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىنىڭ تىرىشىپ ئىجتىھاد قىلىپ ئېرىشكەن تائام ۋە تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئوبدان تائام ۋە ئەڭ خاتىرجەم تۇرمۇش ئىكەنلىكى.

بۇ بابتىكى ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى:

 1) بەندىنى ئىش-ئەمەللىرىدە سەۋەب قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. بۇ ھەرگىز ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن قارمۇقارشى ئەمەس.

2) كىشىنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدا ئۆزىگە تايىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ھەرگىز ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلىپ باشقىلارغا تايىنىپ ئۆزىنى خار قىلماسلىقنى تەكىتلىگەن. مۇستەقىللىقنى يېتىلدۈرىدىغان تەربىيىنىڭ كىشىنى جانلىق، پائالىيەتچان قىلىدىغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھاياتلىققىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىشلەش ۋە تىرىشچانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر