مۇسۇلمانلار
تۈركىيەدىكى تەرىقەتلەرنى چۈشىنەي دېسىڭىز، 21 قىسىملىق «ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» سىن دەرسىنى كۆرۈشنى ئۇنتۇماڭ! 1

تۈركىيەدىكى تەرىقەتلەرنى چۈشىنەي دېسىڭىز، 21 قىسىملىق «ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» سىن دەرسىنى كۆرۈشنى ئۇنتۇماڭ!

تۈركىيەدىكى تەرىقەتلەرنى چۈشىنەي دېسىڭىز، 21 قىسىملىق «ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» سىن دەرسىنى كۆرۈشنى ئۇنتۇماڭ! 2

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك مۇسۇلمانلار تورى ئوقۇرمەنلىرى،

ئەگەر دىن نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەرخىل ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك ئېتىقادلىرىنى ۋە ئەمەللىرىنى ياخشى تونۇۋالاي دېسىڭىز، پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر ئۇستاز يازغان ۋە سۇلايمانىيە ۋەقفى دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سۇنغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى، ئەگەر ئۇنىڭغا ۋاقتىڭىز يەتمىسە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاب ئوقۇش» تېلېۋىزىيە پىروگراممىمىزدا، بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىققان جەمئىي 21 قىسىملىق «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ناملىق سىن دەرسىمىزنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ چىقىشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

ئەگەر سىز تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ياكى ياشىماقچى بولغان بىر قېرىندىشىمىز بولسىڭىز، تۈركىيەدىكى تەرىقەت ۋە جامائەتلەرنىڭ شېرىك ئېتىقاد ۋە ئەمەللىرى ھەققىدە دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن يېزىلغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ناملىق كىتاب ئاساسىدا ئىشلەنگەن بۇ پىروگراممىنى چوقۇم كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز.

 ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاخىرقى نەبىمىز بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ھەرگىزمۇ «ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش» ئۈچۈن ئەۋەتىلمىگەن، بەلكى « قۇرئان ۋەھىي ئارقىلىق شېرىككە قارشى تۇرۇش» ئۈچۈن ئەۋەتىلگەندۇر.

بارلىق دەرسىمىزنى «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» سىن دەرسى دېگەن سەھىپىمىز ئارقىلىق ياكى تۆۋەندىكى ئۇلانما ئارقىلىق ھەر دەرسكە ئايرىم ئايرىم كىرىپ كۆرلەيسىز: https://www.musulmanlar.com/?cat=288

ئەگەر يۇتىيۇبتىن كۆرىمەن دېسىڭىز، بارلىق دەرسىمىزنى مۇنۇ قويۇش تىزىملىكى ئارقىلىق كۆرۈپ چىقالايسىز:

https://www.youtube.com/watch?v=RtKNu-1itik&list=PL1pifukBh-8FrH-GUCO6LSk4ap2gKPiIz

ئەگەر فەيسبۇكتىن كۆرۈپ چىقىمەن دېسىڭىز مۇنۇ قويۇش تىزىملىكى ئارقىلىق كۆرەلەيسىز:

https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos/vl.334022220559094/1210003589138850/?type=1

https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos/vl.334022220559094/1210003589138850/?type=1

تەدبىرياي تور رادىئوسىدىن ھەممىسىنى تىڭشايمەن دېسىڭىز: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/2121-e1sucj

ھەر بىر سىن دەرسىمىزدىكى ئاساسىي مەزمۇنلار تۆۋەندىكى تىزىملىكتە بېرىلدى، شۇنىڭغا ئاساسەن كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ:

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 1-سىن دەرستە ئاپتور پىروففېسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر كىم؟ / تەرجىماندىن ئېغىز سۆز /   كىتاپنىڭ مۇندەرىجىسى دېگەن مەزمۇن

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 2-سىن دەرستىكى تېمىلار:   مۇقەددىمە / كىرىش سۆز/ دىن دېگەن مەزمۇن

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 3-سىن دەرستىكى تېمىلار: بىرىنجى بۆلۈم: دىن ئاللاھ بىلەن ئالدىنىش  / 1-ئاللاھ بىلەن پەيغەمبەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىش / 2-مەسئۇلىيەتنى ئاللاھقا ئىتتىرىپ قويۇش / 3-خاتا تەۋەككۈل دېگەن مەزمۇن

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 4-سىن دەرستىكى تېمىلار: بىرىنجى بۆلۈم: دىن / ئاللاھ بىلەن ئالدىنىش / 4-ئاللاھنىڭ ئەپۇچانلىقى بىلەن ئالدىنىش / 5-ئاللاھنىڭ كۈچى بىلەن ئالدىنىش/ ب. ئىمان / ج. شېرىك ۋە كۇفۇر دېگەن مەزمۇن

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرك» 5-سىن دەرستىكى تېمىلار: بىرىنجى بۆلۈم: دىن / 1.ئۆزلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇالغانلار / 2. ۋەسىلە ئىزدەيدىغانلار / ئا. مۇشرىك ئاللاھقا ئىشىنىدۇ / ب. مۇشرىك ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدۇ دېگەن مەزمۇن

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 6-سىن دەرستىكى تېمىلار: بىرىنجى بۆلۈم: دىن / ئاللاھ بىلەن ئالدىنىش / ج. شېرىك ۋە كۇفۇر / 2-ۋەسىلە ئىزدەيدىغانلار / ج- مۇشرىك ۋەسىلىگە ئىشىنىدۇ / د- مۇشرىك ۋەسىلىنىڭ شاپائىتىگە ئىشىنىدۇ / ئە- مۇشرىك مۇشرىكلىقىنى رەت قىلىدۇ / ف- ۋەسىلە قىلىنغۇچىلار ۋەسىلە قىلغۇچىلارنى رەت قىلىدۇ / گ- ئەقىل شېرىكنى رەت قىلىدۇ دېگەن مەزمۇن

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 7-سىن دەرس دەرستىكى تېمىلار: ئىككىنجى بۆلۈم:  ۋەسىلىچىلىك ئېتىقادى شېرىكنىڭ ئوقۇمىي قۇرۇلمىسى /  1- توغرا يول / 2- ئىلاھلار / 3- ئاتا روھلىرى / 4- دىنىي زاتلار / 5- ئىنسان / ئا- كاتولىكلەردە ۋەسىلە ئېتىقادى / 1- ئاللاھ / 2- ئىيسا (بالا) دېگەن مەزمۇن

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 8-سىن دەرستىكى تېمىلار: ئىككىنجى بۆلۈم: ۋەسىلىچىلىك ئېتىقادى / ئا- كاتولىكلاردا ۋەسىلە ئېتىقادى  3- مۇقەددەس روھ / 4- مەريەم ئانا / 5- ھەۋارىيلار / 6- چېركاۋ / 7- راھىبلار / ئا- ئېپىسكوپلار / ب- پاپا / ج- پوپلار / 8- چۆمۈلدۈرۈش / 9-گۇناھ چىقىرىش / 10- ئىلاھلار پىرامىداسى دېگەن مەزمۇن

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 9- سىن دەرس «تاۋىزىمدا ۋەسىلە ئېتىقادى» 道教  دەرستىكى تېمىلار: ئىككىنجى بۆلۈم:/ ۋەسىلىچىلىك ئېتىقادى/ ب- تاۋىزىمدا ۋەسىلە ئېتىقادى (道教) / تاۋىزىمچىلاردا ۋەسىلە ئىلاھلار / 1-تاۋ/ 2-تې/ 3-يىن ياڭ/ 4-ئۆلۈمسىز روھلار ۋە روھىي كۈچلەر / 5-ئاتا-بوۋىلارنىڭ روھلىرى/ 6-دانىشمەنلەر ۋە پەرىشتە سۈپەت ئۇستازلار/ 7-رابىتە دېگەن مەزمۇنلار

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 10- سىن دەرس «ئەھلى كىتاپقا كۆڭۈل بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلار» تىكى ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە: ئۈچىنچى بۆلۈم /  ئەھلى كىتابقا كۆڭۈل بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلار / ئا- شېرىكنى رەت قىلغاندەك كۆرۈنۈش /  ب- پەيغەمبەرنى ئىلاھلاشتۇرۇش

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 11- سىن دەرس «ئىنسان سۆزىنى ئاللاھ سۆزى ھېساپلاش»بۇ دەرستىكى ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە: ئۈچىنچى بۆلۈم / ج- دىنىي زاتلارنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش / د- دىنىي زاتلارنى ئىلاھلاشتۇرۇش / ئې- ئىنسان سۆزىنى ئاللاھ سۆزى ھېساپلاش

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 12- سىن دەرس «تەرىقەتلەردىكى ۋەسىلىلەر قۇرۇلمىسى» بۇ دەرستىكى ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە:  ئۈچىنچى بۆلۈم / ف- ۋەسىلىچىلىك ئېتىقادى / تەرىقەتلەرنىڭ ۋەسىلىچىلىك قۇرۇلمىسى /  د-بىز تەتقىق قىلغان تەرىقەتلەردىكى ۋەسىلىلەر / 1-ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە / 2-ئىنسانىي كامىل / تەرىقەتتە ئىنساننىڭ تۈرلىرى: خاسسۇل خەۋاس، خەۋاس ۋە ئاۋام / 3-قۇتبۇل ئىرشاد / 4-رىجالۇل غەيب / 5-قۇتۇب / 6-غەۋس / 7-رەۋاسىي / 8-تەرىقەت پىرى (ئىشانى)

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 13-سىن دەرس: «ۋەسىلە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ غەيىبنى بىلىدىغانلىق سەپسەتىسى» بۇ دەرستىكى ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە: ئۈچىنچى بۆلۈم / ھ- ۋەسىلە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ غەيىبنى بىلىدىغانلىقى دەۋاسى / 1- كاتولىكلەردە غەيىب ئىلمى / 2- تەرىقەتچىلەردە غەيىب ئىلمى / ئا- غەيىبنى ھېچكىم بىلمەيدۇ / ب- ئۆتمۈش غەيىبنى ھېچكىم بىلمەيدۇ / ج- مۇقەددەس چەكلىمە / غەيبى ئىلىملەرگە ئالدانماڭ!

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 14.بۆلۈم: «ۋەسىلىلەرنىڭ شاپائەت قىلىدىغانلىقى ئېتىقادى» بۇ سىن دەرستىكى ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە: ئى- ۋەسىلىلەرنىڭ شاپائەت قىلىدىغانلىقى ئېتىقادى / 1.كاتولىكلارنىڭ شاپائەت چۈشەنچىسى / 2-تەرىقەتچىلەردە شاپائەت چۈشەنچىسى / مۇرىد بىلەن ئۇستاز ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ مۇنازىرىسى / ئەڭ يېقىن تۇققانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن / ژ- ئۆلۈكتىن ياردەم تىلەش / 1-كاتولىكلارنىڭ ئۆلۈكتىن ياردەم تىلىشى / ھايات-تىرىكلىك دېمەكتۇر / ئىلىم-بىلمەك ۋە چۈشەنمەك دېمەكتۇر / سەمىى-ئاڭلاش كۈچىنى كۆرسىتىدۇ / «ئاللاھنىڭ دۇنىدىن» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ / بەسەر-كۆرۈش قابىلىيىتى دېمەكتۇر / ئىرادە-خالىماق ۋە تاللىماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ / خىرىستىيانلارنىڭ ھەزرىتى مەريەمنى ئاللاھقا شېرىك قوشۇشى / شېرىكتىن ساقلىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى-قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىپ ئوقۇشتىن ئىبارەتتۇر

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 15.سىن: «تەرىقەتچىلەر ۋە دىنى گۇرۇھلاردا ئۆلۈكتىن ياردەم تىلەش» بۇ سىن دەرستىكى ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە:  ب- بورمىلانغان ئايەتلەر / «دۇئا» نى «ئىبادەت» دەپ خاتا تەرجىمە قىلغاندا… / «دۇئا» كەلىمىسىنىڭ ئورنىغا «ئىبادەت» كەلىمىسىنى ئىشلەتكەندە، مەنا بۇتقا چوقۇنغۇچىلارغا خاس بولۇپ قالىدۇ. / 1-خاتالىق: «دۇئا» غا «ئىبادەت» مەنىسىنى بېرىش / «دۇئا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە / «ئىبادەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە / دۇئا ئىبادەتتۇر / دۇئا ئىبادەتنىڭ جەۋھىرىدۇر (ھەدىس شەرىف) / «دۇئا» كەلىمىسىنىڭ ئورنىغا «ئىبادەت» كەلىمىسىنى ئىشلەتكەندە…/ «دۇئا» كەلىمىسىنىڭ ئورنىغا «ئىبادەت» كەلىمىسىنى ئىشلەتكەندە، مەنا بۇتقا چوقۇنغۇچىلارغا خاس بولۇپ قالىدۇ. / 2-خاتالىق: «من» (مەن) كەلىمىسىگە «ما» (ما) مەنىسىنى بېرىش / 3-خاتالىق: «ھم» (ھۇم) كەلىمىسىگە «ھي» (ھىيە) مەنىسىنى بېرىش / 4-خاتالىق: تولۇق مۇزەككەر كۆپلۈككە بىرلىك مۇئەننەسنىڭ مەنىسىنى بېرىش / 5-خاتالىق:  ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 6-ئايىتىگە دىققەت قىلماسلىق /  پاششىم مازىرىغا تاۋاپقا ماڭغانلار

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 16.سىن دەرس: «ئۆلۈكتىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا ئائىت مىساللار – نۇرچىلار، فەتھۇللاھ گۈلەن ۋە ماھمۇت خۇجا» بۇ سىن دەرستىكى ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە: ج: ئۆلۈكتىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا ئائىت مىساللار / 1-نۇرچىلار / 2-فەتخۇللاھ گۈلەن / 3-ماھمۇت غوجا

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 17.سىن دەرس «جامائەت شەكىللەندۈرۈش ۋە نۇر جامائىتى» ھەققىدىكى سىن دەرسىمىزدىكى ئاساسلىق تېمىلار:  ك – جامائەت شەكىللەندۈرۈش ۋە نۇر جامائىتى / سەئىد نۇرسىي ھەققىدە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئالاھىدىلىكلەر / ئا. فەردىيەت (بىرلىك) ماقامىدا بولغانلىقى دەۋاسى / ب – بەدىئۇززامان بولغانلىقى دەۋاسى / ج – ئالەملەرگە رەھمەت بولغانلىقى دەۋاسى / د – قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ياردەم قىلغانلىقى دەۋاسى / سۇپىزىمنىڭ ئاسارىتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يۇلى: قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىلىرىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇشتىن ئىبارەتتۇر

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 18.سىن دەرس: «نۇرچىلارنىڭ رىسالەئىي نۇر ھەققىدىكى دەۋالىرى» ھەققىدىكى سىن دەرسىمىزدىكى ئاساسلىق تېمىلار: ئې- قۇرئاننى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى دەۋاسى / ف – ھەر دەۋردە پەرقلىق كىملىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى دەۋاسى / ئەگەر قۇرئاننى چۈشىنىپ ئوقۇغان بولساق… / گ – ئەڭ بۈيۈك مۇرشىد ۋە مۇجەددىد بولغانلىقى دەۋاسى/ ھ – مەھدى ئىكەنلىكى دەۋاسى / ئى – كۈتۈلۈۋاتقان ئىيسا ئىكەنلىكى دەۋاسى / ژ – قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكى دەۋاسى / ك – شاپائەت قىلىدىغانلىقى دەۋاسى / 2-رىسالەئى نۇرلارنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈشى / ئا- رىسالەئى نۇرلارنىڭ تەستىقلانغانلىقى دەۋاسى / ب- رىسالەئى نۇرنىڭ تۈركچە بولۇشى / ج- رىسالەئى نۇرنىڭ گۇناھقا كاپارەت بولىدىغانلىقى دەۋاسى / د- رىسالەئى نۇرنى ئوقۇغانلارنىڭ ئالىم بولىدىغانلىقى دەۋاسى

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 19.سىن دەرس «رىسالەئى نۇرلارنى مۇقەددەسلەشتۈرگەنلىكنىڭ مىساللىرى» ھەققىدىكى سىن دەرسىمىزدىكى ئاساسلىق تېمىلار:  ئې- رىسالەئى نۇرلارنى مۇقەددەسلەشتۈرگەنلىكنىڭ مىساللىرى / سەئىد نۇرسىيغا يازدۇرۇلغانلىقى دەۋاسى/ ئىسمىنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ قويغانلىقى دەۋاسى / ھەزرىتى ئەلىنىڭ رىسالىدىن شاپائەت تىلىگەنلىكى دەۋاسى / رىسالىنىڭ دەۋاسى «لائىلاھە ئىللەللاھ» نىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى دەۋاسى /  رىسالىنىڭ قۇتقۇزغۇچى بولغانلىقى دەۋاسى / بىر ماگىزىننى ئوت ئاپىتىدىن ساقلىغانلىقى دەۋاسى / 3- نىجاتلىقنىڭ نۇر جامائىتىدە ئىكەنلىكى دەۋاسى / ل- جامائەتنى كۆپەيتىشنىڭ غايە بولۇشى /  ۋەتىنىمىزدىكى «شەرقشۇناس» مىسسىئونېرلار / م-ئىنسانىيەتنى قۇچاقلاش دەۋاسى

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 20.سىن دەرس: «سەئىد نۇرسى ۋە قۇرئان» ھەققىدىكى سىن دەرسىمىزدىكى ئاساسلىق تېمىلار:  تۆتىنچى بۆلۈم سەئىد نۇرسىي  ۋە قۇرئان /  ئا. ئەبجەد ۋە جەفر / ب. رىسالەئى نۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشارەتلەر / ج. سەئىد نۇرسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشارەتلەر

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» 21.سىن دەرس: « رىسالەئى نۇرلارنىڭ ئىشارەتلىرى» ھەققىدىكى سىن دەرسىمىزدىكى ئاساسلىق تېمىلار: د. رىسالەئى نۇرلارنىڭ يېزىلىشىغا ئىشارەتلەر / ئې. رىسالەئى نۇرلارنىڭ قىممىتىگە ئىشارەتلەر / ف. رىسالەئى نۇرلارنى ئوقۇغانلارغا ئىشارەتلەر / پايدىلانغان ئەسەرلەر ۋە ئىلمىي ئەسەر ھەققىدە 

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر