مۇسۇلمانلار
ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 5.سىن دەرس: مەسىھ ۋە تەيەممۇم ھەم ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار 1

ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 5.سىن دەرس: مەسىھ ۋە تەيەممۇم ھەم ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار

ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 5.سىن دەرس: مەسىھ ۋە تەيەممۇم ھەم ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار 2ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 5.سىن دەرس: مەسىھ ۋە تەيەممۇم ھەم ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز،
 
بىر قانچە ئاي بۇرۇن، سىزلەرگە ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىگىدە فىقىھ 1-كىتابىنىڭ توركىتاب نۇسخىسىنى ھەقسىز ئورتاقلاشقان ئىدۇق.
 
مانا ئەمدى، سىز قەدىرلىك قەدىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمىزگە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزدا سۇنۇپ كېلىۋاتقان 1- ۋە 2-كىتابىمىز بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ۋە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» تىن كېيىن، 3-كىتابىمىز بولغان «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» نىڭ 1-كىتابتىن ‮««لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 4.سىن دەرس: چوڭ-كىچىك تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار» پىروگراممىمىزنى ئورتاقلاشتۇق. گەرچە پىروگراممىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن يېرىم سائەت بولسىمۇ، ئەمما كىتاپنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە، قۇرئانىي ئىلىم ئارقىلىق، كۈندىلىك تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قۇرئاندىكى ئورنىنى ئايەتلەر ئارقىلىق دەلىللەپ، نەبىمىزنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» نى تېزلا ئىگەللەپ ئېلىشىغا پايدىلىق ئەسەر بولغاچقا، 9102-يىللىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە دەۋرنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزلەرگە سىن دەرس شەكلىدە سۇنۇشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر بۇرچى دەپ بىلدۇق.
 
بۇ پىروگرام ئارقىلىق، دىنىمىزدىكى كۈندىلىك ئىبادەت ۋە لازىملىق مەلۇماتلار، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئىنسانىي مۇناسىۋەت ۋە ھەق-ھوقۇقلار، ھايۋان ھەقلىرى ۋە پايدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆگىنىپ چىقالايمىز.
 
كىتابنىڭ 2-قىسمى يېزىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق سەمىمىي تەلەپ-پىكرىڭلار بولسا، بىزگە مۇسۇلمانلار تورى ياكى باشقا ئىجدىمائىي ئالاقە تورلىرىمىز ئارقىلىق تەخرسىز يەتكۈزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
 
«لازىملىق دىنى ئىلىملەر» سىن دەرسنىڭ 5-قىسمىدا، ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-كىتابىدىن «مەسىھ ۋە تەيەممۇم ھەم ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار» ھەققىدىكى مەزمۇننى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.
 
ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن ‮«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 5.سىن دەرس: «مەسىھ ۋە تەيەممۇم ھەم ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار» تىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار:

ب – مەسىھ

مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر

پ – تەيەممۇم

… تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار،
پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار: پاك تۇپراق بىلەن يۈزۈڭلارغا ۋە قولۇڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار.
(5-سۈرە مائىدە 6-ئايەتنىڭ بىر قىسمىنىڭ تەرجىمىسى)

1-تەيەممۇمنىڭ يولغا قويۇلۇشى

2-تەيەممۇمنىڭ شەكلى

بىلمەسلىكنىڭ داۋاسى سوراشتۇر (ھەدىس شەرىف)

3-تەيەممۇمنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار

ت – سوئال – جاۋابلار

تۆگە گۆشى تەرەتنى سۇندۇرامدۇ؟

قان چىقسا تەرەت سۇنامدۇ؟

ھەرقانداق سوئالىڭىز بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان باشچىلىقىدىكى ئىلىم سورۇنى مۇسۇلمانلار تورى ئارقىلىق سوراڭ www.musulmanlar.com

غۇسۇلدىن ئىلگىرى تاھارەت ئېلىش شەرتمۇ؟

سوئاللارنىڭ تەپسىلىي جاۋابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن ئىزدەڭ www.musulmanlar.com

كېيىنكى سىن دەرستە نېمە ئۆگىنىمىز؟

قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.

پىروگراممىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەلەپ-پىكىر ئۈچۈن مۇسۇلمانلارwww.musulmanlar.com تورىغا ياكى فېيسبۇك بېتىمىزfb.me/musulmanlar غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.
 
يۇتىيۇبتا كۆرۈش: https://youtu.be/4HapqdC1wIo
تەدبىر تور رادىئوسىدىن تىڭشاش: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/–e2sfir/a-aaguf0
مۇسۇلمانلار تورىدا كۆرۈش: https://www.musulmanlar.com/?p=4019
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)
 مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 5.سىن دەرس: مەسىھ ۋە تەيەممۇم ھەم ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار 3 ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 5.سىن دەرس: مەسىھ ۋە تەيەممۇم ھەم ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار 4

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر