مۇسۇلمانلار
«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 4.سىن دەرس: چوڭ-كىچىك تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار 1

«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 4.سىن دەرس: چوڭ-كىچىك تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار

«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 4.سىن دەرس: چوڭ-كىچىك تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار 2

«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 4.سىن دەرس: چوڭ-كىچىك تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز،
 
بىر قانچە ئاي بۇرۇن، سىزلەرگە ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىگىدە فىقىھ 1-كىتابىنىڭ توركىتاب نۇسخىسىنى ھەقسىز ئورتاقلاشقان ئىدۇق.
 
مانا ئەمدى، سىز قەدىرلىك قەدىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمىزگە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزدا سۇنۇپ كېلىۋاتقان 1- ۋە 2-كىتابىمىز بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ۋە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» تىن كېيىن، 3-كىتابىمىز بولغان «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» نىڭ 1-كىتابتىن ‮««لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 4.سىن دەرس: چوڭ-كىچىك تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار» پىروگراممىمىزنى ئورتاقلاشتۇق. گەرچە پىروگراممىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن يېرىم سائەت بولسىمۇ، ئەمما كىتاپنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە، قۇرئانىي ئىلىم ئارقىلىق، كۈندىلىك تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قۇرئاندىكى ئورنىنى ئايەتلەر ئارقىلىق دەلىللەپ، نەبىمىزنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» نى تېزلا ئىگەللەپ ئېلىشىغا پايدىلىق ئەسەر بولغاچقا، 9102-يىللىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە دەۋرنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزلەرگە سىن دەرس شەكلىدە سۇنۇشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر بۇرچى دەپ بىلدۇق.
 
بۇ پىروگرام ئارقىلىق، دىنىمىزدىكى كۈندىلىك ئىبادەت ۋە لازىملىق مەلۇماتلار، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئىنسانىي مۇناسىۋەت ۋە ھەق-ھوقۇقلار، ھايۋان ھەقلىرى ۋە پايدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆگىنىپ چىقالايمىز.
 
كىتابنىڭ 2-قىسمى يېزىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق سەمىمىي تەلەپ-پىكرىڭلار بولسا، بىزگە مۇسۇلمانلار تورى ياكى باشقا ئىجدىمائىي ئالاقە تورلىرىمىز ئارقىلىق تەخرسىز يەتكۈزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
 
«لازىملىق دىنى ئىلىملەر» سىن دەرسنىڭ 4-قىسمىدا، ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-كىتابىدىن «نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش» ھەققىدىكى مەزمۇننى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.
 
ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن ‮«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 4.سىن دەرس: «چوڭ-كىچىك تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار» تىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار:

تاھارەتنى قانداق ئالىمىز؟

5-سۈرە مائىدەنىڭ 6-ئايىتى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ

تاھارەتسىز ئوقۇلغان ناماز ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ (ھەدىس)

1-كىچىك تاھارەت (تەرەت) ئېلىش شەكلى

2-چوڭ تاھارەت (غۇسۇل) ئېلىش شەكلى

جۇنۇپ چېغىڭلاردىمۇ غۇسۇل قىلغىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار (4-سۈرە نىسا 43-ئايەت)

ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار (5-سۈرە مائىدە 6-ئايەت)

چوڭ تاھارەت (غۇسۇل) قانداق ئېلىنىدۇ؟

چوڭ تاھارەت (غۇسۇل) ھەققىدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر

غۇسۇلدىن ئىلگىرى قىلىش ياخشى بولغان ئىشلار:

سۇنى ئىسراپ قىلمايلى!

5 – تاھارەتنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار

ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى ھاجەتخانىدىن كەلگەن بولساڭلار ۋەياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇشقان بولساڭلار، ئاندىن تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار. (5-سۈرە مائىدە 6-ئايەت)

ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس تەيەممۇم

تاھارەتنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللارغا ئالاقىلىق ھەدىسلەر

ئىسلام، پاكىزلىقتۇر. نامىزىمىز بىلەن ئۈلگە بولايلى!

قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.

پىروگراممىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەلەپ-پىكىر ئۈچۈن مۇسۇلمانلارwww.musulmanlar.com تورىغا ياكى فېيسبۇك بېتىمىزfb.me/musulmanlar غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.
 
يۇتىيۇبتا كۆرۈش: https://youtu.be/0FMcRcdDZAM
تەدبىر تور رادىئوسىدىن تىڭشاش: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/–e2sfir/a-aa8p7p
مۇسۇلمانلار تورىدا كۆرۈش: https://www.musulmanlar.com/?p=4005
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 4.سىن دەرس: چوڭ-كىچىك تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار 9

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر