مۇسۇلمانلار
‮«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» سىن دەرس 3.قىسىم: نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇللىرى 1

‮«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» سىن دەرس 3.قىسىم: نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇللىرى

‮«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» سىن دەرس 3.قىسىم: نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇللىرى 2«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» سىن دەرس 3.قىسىم: نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇللىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز،
 
بىر قانچە ئاي بۇرۇن، سىزلەرگە ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىگىدە فىقىھ 1-كىتابىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى ھەقسىز ئورتاقلاشقان ئىدۇق.
 
مانا ئەمدى، سىز قەدىرلىك قەدىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمىزگە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزدا سۇنۇپ كېلىۋاتقان 1- ۋە 2-كىتابىمىز بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ۋە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» تىن كېيىن، 3-كىتابىمىز بولغان «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» نىڭ 1-كىتابتىن ‮««لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 3-قىسىم: نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇللىرى» پىروگراممىمىزنى ئورتاقلاشتۇق. گەرچە پىروگراممىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن يېرىم سائەت بولسىمۇ، ئەمما كىتاپنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە، قۇرئانىي ئىلىم ئارقىلىق، كۈندىلىك تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قۇرئاندىكى ئورنىنى ئايەتلەر ئارقىلىق دەلىللەپ، نەبىمىزنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» نى تېزلا ئىگەللەپ ئېلىشىغا پايدىلىق ئەسەر بولغاچقا، 9102-يىللىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە دەۋرنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزلەرگە سىن دەرس شەكلىدە سۇنۇشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر بۇرچى دەپ بىلدۇق.
 
بۇ پىروگرامما ئارقىلىق، دىنىمىزدىكى كۈندىلىك ئىبادەت ۋە لازىملىق مەلۇماتلار، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئىنسانىي مۇناسىۋەت ۋە ھەق-ھوقۇقلار، ھايۋان ھوقۇقلىرى ۋە پايدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆگىنىپ چىقالايمىز.
 
كىتابنىڭ 2-قىسمى يېزىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق سەمىمىي تەلەپ-پىكرىڭلار بولسا، بىزگە مۇسۇلمانلار تورى ياكى باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىمىز ئارقىلىق تەخرسىز يەتكۈزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
 
«لازىملىق دىنى ئىلىملەر» سىن دەرسنىڭ 3-قىسمىدا، ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-كىتابىدىن «نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش» ھەققىدىكى مەزمۇننى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.
 
ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن ‮«لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 3-قىسىم: «نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش» ھەققىدىكى مەزمۇنلار:

ھەدەس ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش

5-سۈرە مائىدە 6-ئايەتنىڭ تەرجىمىسى

خۇبس ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش

2-سۈرە بەقەرە 125-ئايەتنىڭ تەرجىمىسى

22-سۈرە ھەجنىڭ 26-ئايىتى

ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ

(2-سۈرە بەقەرە 222-ئايەت ۋە 9-سۈرە تەۋبە 108-ئايەت)

مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر

تەرەت سۇندۇرۇشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى

قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.

پىروگراممىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەلەپ-پىكىر ئۈچۈن مۇسۇلمانلارwww.musulmanlar.com تورىغا ياكى فەيسبۇك بېتىمىزfb.me/musulmanlar غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.
 
يۇتىيۇبتا كۆرۈش: https://youtu.be/c7aOh48x0pg

تەدبىر تور رادىئوسىدىن تىڭشاش: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/–e2sfir/a-a9jp08
مۇسۇلمانلار تورىدا كۆرۈش: http://www.musulmanlar.com/?p=3971
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
‮«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» سىن دەرس 3.قىسىم: نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇللىرى 3
 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر