«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» سىن دەرس 3.قىسىم: نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇللىرى
باش بەت > سىن دەرس: «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» يوللىغۇچى: ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق، ۋاقتى:
«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» سىن دەرس 3.قىسىم: نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇللىرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز،
بىر قانچە ئاي بۇرۇن، سىزلەرگە ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىگىدە فىقىھ 1-كىتابىنىڭ توركىتاب نۇسخىسىنى ھەقسىز ئورتاقلاشقان ئىدۇق.
مانا ئەمدى، سىز قەدىرلىك قەدىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمىزگە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزدا سۇنۇپ كېلىۋاتقان 1- ۋە 2-كىتابىمىز بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ۋە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» تىن كېيىن، 3-كىتابىمىز بولغان «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» نىڭ 1-كىتابتىن ««لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 3-قىسىم: نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇللىرى» پىروگراممىمىزنى ئورتاقلاشتۇق. گەرچە پىروگراممىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن يېرىم سائەت بولسىمۇ، ئەمما كىتاپنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە، قۇرئانىي ئىلىم ئارقىلىق، كۈندىلىك تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قۇرئاندىكى ئورنىنى ئايەتلەر ئارقىلىق دەلىللەپ، نەبىمىزنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» نى تېزلا ئىگەللەپ ئېلىشىغا پايدىلىق ئەسەر بولغاچقا، 9102-يىللىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە دەۋرنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزلەرگە سىن دەرس شەكلىدە سۇنۇشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر بۇرچى دەپ بىلدۇق.
بۇ پىروگرام ئارقىلىق، دىنىمىزدىكى كۈندىلىك ئىبادەت ۋە لازىملىق مەلۇماتلار، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئىنسانىي مۇناسىۋەت ۋە ھەق-ھوقۇقلار، ھايۋان ھەقلىرى ۋە پايدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆگىنىپ چىقالايمىز.
كىتابنىڭ 2-قىسمى يېزىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق سەمىمىي تەلەپ-پىكرىڭلار بولسا، بىزگە مۇسۇلمانلار تورى ياكى باشقا ئىجدىمائىي ئالاقە تورلىرىمىز ئارقىلىق تەخرسىز يەتكۈزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
«لازىملىق دىنى ئىلىملەر» سىن دەرسنىڭ 3-قىسمىدا، ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-كىتابىدىن «نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش» ھەققىدىكى مەزمۇننى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.
ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 3-قىسىم: «نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش» ھەققىدىكى مەزمۇنلار:
ھەدەس ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش
5-سۈرە مائىدە 6-ئايەتنىڭ تەرجىمىسى
خۇبس ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش
2-سۈرە بەقەرە 125-ئايەتنىڭ تەرجىمىسى
22-سۈرە ھەجنىڭ 26-ئايىتى
ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ
(2-سۈرە بەقەرە 222-ئايەت ۋە 9-سۈرە تەۋبە 108-ئايەت)
مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر
تەرەت سۇندۇرۇشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى
قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.
پىروگراممىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەلەپ-پىكىر ئۈچۈن مۇسۇلمانلارwww.musulmanlar.com تورىغا ياكى فېيسبۇك بېتىمىزfb.me/musulmanlar غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.
يۇتىيۇبتا كۆرۈش: https://youtu.be/c7aOh48x0pg
فېيسبۇكتا كۆرۈش: https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos/522771348221803/
تەدبىر تور رادىئوسىدىن تىڭشاش: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/–e2sfir/a-a9jp08
مۇسۇلمانلار تورىدا كۆرۈش: http://www.musulmanlar.com/?p=3971
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
