مۇسۇلمانلار
«لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-قىسىم: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ كىتابىنى تونۇشتۇرۇش 1

«لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-قىسىم: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ كىتابىنى تونۇشتۇرۇش

«لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-قىسىم: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ كىتابىنى تونۇشتۇرۇش 2

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز،

بىر قانچە ئاي بۇرۇن، سىزلەرگە ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىگىدە فىقىھ 1-كىتابىنىڭ توركىتاب نۇسخىسىنى ھەقسىز ئورتاقلاشقان ئىدۇق.

مانا ئەمدى، سىز قەدىرلىك قەدىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمىزگە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزدا سۇنۇپ كېلىۋاتقان 1- ۋە 2-كىتابىمىز بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ۋە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك»   تىن كېيىن، 3-كىتابىمىز بولغان «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» نىڭ 1-كىتابىنىڭ 1-قىسمىنى ئورتاقلاشتۇق. گەرچە پىروگراممىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن يېرىم سائەت بولسىمۇ، ئەمما كىتاپنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە، قۇرئانىي ئىلىم ئارقىلىق، كۈندىلىك تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قۇرئاندىكى ئورنىنى ئايەتلەر ئارقىلىق دەلىللەپ، نەبىمىزنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» نى تېزلا ئىگەللەپ ئېلىشىغا پايدىلىق ئەسەر بولغاچقا، 2019-يىللىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە دەۋرنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزلەرگە سىن دەرس شەكلىدە سۇنۇشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر بۇرچى دەپ بىلدۇق.

بۇ پىروگرام ئارقىلىق، دىنىمىزدىكى كۈندىلىك ئىبادەت ۋە لازىملىق مەلۇماتلار، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئىنسانىي مۇناسىۋەت ۋە ھەق-ھوقۇقلار، ھايۋان ھەقلىرى ۋە پايدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆگىنىپ چىقالايمىز.

كىتابنىڭ 2-قىسمى يېزىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق سەمىمىي تەلەپ-پىكرىڭلار بولسا، بىزگە مۇسۇلمانلار تورى ياكى باشقا ئىجدىمائىي ئالاقە تورلىرىمىز ئارقىلىق تەخرسىز يەتكۈزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

«لازىملىق دىنى ئىلىملەر» نىڭ 1-قىسمىدا، ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-كىتابىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق.

1-قىسىمدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىگىدە فىقھ 1.كىتاب

ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ كىرىش سۆزى

ئى مۇئمىنلار! تىنچلىققا تولۇق كىرىڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر.  (2-سۈرە بەقەرە 208-ئايەت)

تىنىچلىققا، يەنى ئىسلام ۋە سۈلھىگە قانداق قىلغاندا تولۇق كىرگەن بولىمىز؟

ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا پاساتچىلىق مەيدانغا كەلدى.(رۇم 41-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

مۇسۇلمان: نەفسىنى پاكلىغان، مۇھىتنى ئاسرىغان ۋە ھايۋانلارنى ئاسرىغان كىشىدۇر.

كىتابنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللار

«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 1.كىتاپتىكى ئاساسلىق تېمىلار

«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 1.كىتاپنىڭ مۇندەرىجە تەپسىلاتى

پىروگراممىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەلەپ-پىكىر ئۈچۈن مۇسۇلمانلار    www.musulmanlar.com تورىغا ياكى فېيسبۇك بېتىمىز fb.me/musulmanlar غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.

يۇتىيۇبتا كۆرۈش: https://youtu.be/83BXkHYYuCQ

فېيسبۇكتا كۆرۈش: https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos/381630172406029/

تەدبىر تور رادىئوسىدىن تىڭشاش: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/–e2sfir/a-a8echd

مۇسۇلمانلار تورىدا كۆرۈش: «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-قىسىم: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ كىتابىنى تونۇشتۇرۇش

«لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-قىسىم: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ كىتابىنى تونۇشتۇرۇش

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)

http://www.musulmanlar.com/?p=3563

كىتاپنى سېتىۋېلىشنى خالىسىڭىز سۇلايمانىيە ۋەقفى كىتاپ سېتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ!

https://www.suleymaniyevakfi.com/uygurca-ilmihal

https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos/1085177754954768/

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر