مۇسۇلمانلار

40-  ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش توغرىسىدا

 ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشنىڭ ۋە سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِن تَوَلَّيْتُمْ أَن تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ أُوْلَئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَى أَبْصَارَهُمْ

«سىلەر، ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرىسەڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ؟ ۋە سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟ ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى»-(سۈرە مۇھەممەد، 22-، 23- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَالَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ اللّهِ مِن بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَآ أَمَرَ اللّهُ بِهِ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الأَرْضِ أُوْلَئِكَ لَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ

«ئاللاھ تائالاغا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھ تائالانىڭ سىلە-رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار، ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ»-(سۈرە رەئىد، 25- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَقَضَى رَبُّكَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلاَهُمَا فَلاَ تَقُل لَّهُمَآ أُفٍّ وَلاَ تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلاً كَرِيمًا وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا

«پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى، يا بىرسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ، ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئوھوي»، دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەللىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن، ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن»، دېگىن»-(سۈرە ئىسرا، 23-، 24- ئايەتلەر).

  1. ئەبۇ بەكرەتە نۇفەي ئىبن ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنى دەپ بېرەيمۇ؟»، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. بىز: «شۇنداق قىلغىن! ئى رەسۇلۇللاھ!»، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش»، دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ چاغدا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، ئاندىن رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، يالغان سۆز ۋە يالغان گۇۋاھلىق»، دەپ ئۇنى تەكرارلاۋەردى، ھەتتا بىز رەسۇلۇللاھ توختاپ قالسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىپ كەتتۇق. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) گۇناھلارنىڭ پاسات تېرىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى، پەرقلىنىدىغانلىقى.

2) ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى.

3) ئەڭ ئېغىر گۇناھ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاندىن قالسا يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ئىكەنلىكى.

4) ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە كۆيۈنىدىغانلىقى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چوڭ گۇناھلار: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىش». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەرنى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان گۇناھلاردىن ئاگاھلاندۇرغان، چۈنكى بۇلار چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىشى ئەڭ زور گۇناھ ھېسابلىنىدۇ»، دېدى. كىشىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! كىشى قانداقمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغايدۇ؟»، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر ئادەم بىراۋنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللايدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپمۇ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللايدۇ»، دەپ جاۋاب بەردى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەقىقەتەن بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قارغىشى چوڭ گۇناھ جۈملىسىدىندۇر»، دېگەن. كىشىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! كىشى قانداقمۇ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قارغايدۇ؟»، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، ئاندىن ئۇمۇ بۇنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ ۋە بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، ئۇمۇ بۇنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ»، دېگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاتا-ئانىنى تىللاشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

2) كىشىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تىللىنىشى ۋە لەنەت ئوقۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشنى قىلىشمۇ ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشقا كىرىدىغانلىقى.

3) ئۆزئارا تىللاش، قارغاشنى تەرك ئېتىش كېرەكلىكى، چۈنكى بۇنىڭ كىشىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تىللىنىشى ۋە قارغىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى.

  1. جۇبەير ئىبن مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇش كىشىنى جەننەتكە كىرىشتىن توسايدىغان گۇناھ بولغاچقا، ئۇنىڭدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

  1. مۇغىرە ئىبن شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئانىلارنى قاقشىتىشنى ھارام قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىمەسلىكنى، ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغاننى تەلەپ قىلىشنى ھارام قىلدى. قىز بالىلارنى تىرىك كۆمۈشنى ھارام قىلدى ۋە ئاساسى يوق سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرۈشنى، ئورۇنسىز سوئال سوراۋېرىشنى، پۇل-مالنى ئورۇنسىز جايلارغا سەرپ قىلىۋېتىشنى يامان كۆردى». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئانىنىلا ئەمەس، بەلكى دادىنى قاقشىتىشمۇ ھارامدۇر، ھەدىستە پەقەت ئانىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ئانىنىڭ ياخشىلىق قىلىشقا تېخىمۇ ھەقلىق ئىكەنلىكى ۋە ئاجىز ئىكەنلىكى ئۈچۈندۇر.

2) ئاللاھ تائالا بېرىشكە بۇيرۇغاننى بەرمەسلىكتىن، تېگىشلىك بولمىغان نەرسىنى تەلەپ قىلىشتىن چەكلىگەن.

3) قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن پەرزەنتلەرنى تىرىك كۆمۈش ھارامدۇر، ھەدىستە قىزنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىكى سەۋەب جاھىلىيەت دەۋرىدە بەزى ئەرەب قەبىلىلەر ئارىسىدا تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنى تىرىك كۆمۈۋېتىشتەك قەبىھ ھادىسىلەر بار ئىدى.

4) بەزى ئالىملار بۇ ھەدىسنى گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل خۇلۇقنى جەملىگەن دەپ شەرھلەيدۇ.

5) ھەدىستە ھېچقانداق پايدىسى يوق بىمەنە تالاش-تارتىش ۋە ئۆچمەنلىكتىن چەكلىگەن.

6) مال-مۈلۈكنى پايدىسى يوق ئىشلارغا سەرپ قىلىش ۋە ئىسراپ قىلىشتىن چەكلىگەن. چۈنكى، قىيامەت كۈنىدە ئىنسان مال-مۈلكىنى قانداق تاپقانلىقى ۋە نېمىلەرگە ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە سوئال-سوراق قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر