مۇسۇلمانلار

36- ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنى سەرپ قىلىش

 ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنى سەرپ قىلىش ۋە ياخشىلىرىنى بېرىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

لَن تَنَالُواْ الْبِرَّ حَتَّى تُنفِقُواْ مِمَّا تُحِبُّونَ

«ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر»-(سۈرە ئال ئىمران، 92- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَنفِقُواْ مِن طَيِّبَاتِ مَا كَسَبْتُمْ وَمِمَّا أَخْرَجْنَا لَكُم مِّنَ الأَرْضِ وَلاَ تَيَمَّمُواْ الْخَبِيثَ مِنْهُ تُنفِقُونَ وَلَسْتُم بِآخِذِيهِ إِلاَّ أَن تُغْمِضُواْ فِيهِ

«ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسەڭلارنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر)نىڭ ياخشىسىدىن سەدىقە قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار»-(سۈرە بەقەرە، 267- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدىكى ئەنسارىيلارنىڭ ئىچىدە خورمىلىق بېغى ئەڭ كۆپ كىشى ئىدى ۋە ماللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەبۇ تەلھە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىگە قاراپ تۇرىدىغان بەيرۇھا دېگەن بېغى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ باغقا كىرىپ باغنىڭ شېرىن سۈيىنى ئېچەتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

لَن تَنَالُواْ الْبِرَّ حَتَّى تُنفِقُواْ مِمَّا تُحِبُّونَ

«ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلارنى سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر»-(سۈرە ئال ئىمران، 92- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)، دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا، ئەبۇ تەلھە ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا ساڭا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى. بەيرۇھا مېنىڭ مۈلكۈم ئارىسىدىكى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە قىممەتلىكتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئەسقاتىدىغان قۇرامساق مال بولۇپ قالسۇن دەپ ئۇنى سەدىقە قىلىمەن، ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنى ئاللاھ تائالا ساڭا كۆرسەتكەن يەرگە ئىشلەتكىن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «پاھ، پاھ! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ! مەن سېنىڭ دېگەن سۆزۈڭنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇنى ئۆز يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى مۇناسىپ كۆرىمەن»، دېدى. ئەبۇ تەلھە: «شۇنداق قىلاي»، دەپ ئۇنى خىش-ئەقرىبالىرىغا ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.       — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەڭ ياخشى، شۇنداقلا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مالدىن سەرپ قىلىشنىڭ پەزلى-ساۋابى.

2) ساھابىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى دەرھال ئورۇنلاشقا ئالدىرايدىغان تەقۋالىقى، ئاخىرەتتە ئۈستۈن ئورۇنغا ئېرىشىشكە بولغان ھېرىسمەنلىكى.

3) پەزىلەت ئىگىلىرىگە مىراسنى تەقسىم قىلىش، ياخشىلىق يوللىرىغا سەدىقە قىلىش ۋەزىپىسىنى ھاۋالە قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

4) خىش-ئەقرىبا، ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن موھتاج كىشىلەر بولسا، ئەنە شۇلار خەير-ئېھسان قىلىشقا ئەڭ لايىق كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن قالسا باشقىلار ئىكەنلىكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر