مۇسۇلمانلار

34- ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى

ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاء بِمَا فَضَّلَ اللّهُ بَعْضَهُمْ عَلَى بَعْضٍ وَبِمَا أَنفَقُواْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ فَالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِّلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللّهُ

«ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن، (يەنى ئەرلەرنى كۈچ-قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر، (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىدىندۇر) ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ۋە ئاللاھ ساقلىغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر»-(سۈرە نىسا، 34- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى بىللە بولۇشقا تۈشەككە چاقىرسا، ئايال ئۇنىماي، ئەر خاپا بولۇپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەگەر بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئېرى بىلەن بىللە بولۇشتىن باش تارتىپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ»، دېيىلگەن.   — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى تۈشەككە چاقىرسا، ئايال ئۇنىمىسا ئاسماندىكى ھەممىنى ياراتقۇچى زات ئۇ ئايالغا غەزەپ قىلىدۇ، تاكى ئۇ ئەر ئۇ ئايالدىن رازى بولمىغۇچىلىك»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئايالىنىڭ ئۆزرىلىك بولمىغان ئەھۋالدا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى لازىملىقى، ئۆزرىسىز ھالدا ئېرىنى رەت قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىپ قويىدىغان گۇناھ ئىكەنلىكى.

2) ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى ئەرنىڭ بىرەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئېرى يېنىدا بار ھالەتتە ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ (نەفلى) روزا تۇتۇش ئايال كىشىگە دۇرۇس بولمايدۇ ۋە بىر كىشىنى ئەرنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ نەپلى روزا تۇتۇشى ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنىڭدا ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققى زايە بولۇپ كېتىدىغانلىقى.

2) ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز يات ئادەمنى ئۆيىگە كىرگۈزۈشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى.

  1. تەلقە ئىبن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا، ئۇ ئايال تونۇر بېشىدا بولسىمۇ كەلسۇن». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ چوڭلۇقى.

2) ئايالىنىڭ ئۆز ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە ئاللاھ تائالا ۋاجىپ قىلغان ئىشلاردا ئېرىغا ئىتائەت قىلىشى ۋە رازى قىلىشى لازىملىقى.

  1. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر ئايال ئېرى ئۇنىڭدىن رازى بولغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، جەننەتكە كىرىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئايال مۇئمىن ھالدا ۋاپات بولسا، ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان، ئۇنى رازى قىلغان بولسا، جەننەتكە كىرىدىغانلىقى، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ئايالنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغانلىقى ياكى ئۇنىڭدىن رازى بولغانلىقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى.

  1. مۇئاز ئىبن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئېرىغا ئەزىيەت يەتكۈزسە، ئۇ ئەرنىڭ (ئۇ دۇنيادىكى) ھۆر پەرىلەردىن بولغان ئايالى (ئۇ ئايالغا): ‹ئۆلگۈر، ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزمە، ئۇ سېنىڭ قېشىڭدا بىر مېھماندۇر، ئۇ سېنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ قېشىمىزغا كېلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالدى›، دەيدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئايال كىشىنىڭ ناھەق ھالدا ئېرىغا ئازار بېرىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

  1. ئۇسامە ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئەرلەرگە ئاياللاردىن قاتتىقراق بىر سىناقنى قويۇپ كەتمىدىم». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەرلەر ئاياللارغا مايىل بولىدىغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبلىك بەزى گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈپ قويىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەرلەرنى ئاياللار بىلەن سىناش ئۇلارغا نىسبەتەن ئېغىر سىناق ھېسابلىنىدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر