مۇسۇلمانلار

33- ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە

 ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ

«ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار»-(سۈرە نىسا، 19- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَلَن تَسْتَطِيعُواْ أَن تَعْدِلُواْ بَيْنَ النِّسَاء وَلَوْ حَرَصْتُمْ فَلاَ تَمِيلُواْ كُلَّ الْمَيْلِ فَتَذَرُوهَا كَالْمُعَلَّقَةِ وَإِن تُصْلِحُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ اللّهَ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا

«قانچە تىرىشساڭلارمۇ، ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس، ئېسىپ قويۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرۇڭلارنى تۈزەتسەڭلار (يەنى ئۇلارغا زۇلۇم سېلىشتىن ساقلانساڭلار)، ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە سىلەرگە مەغفىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ»-(سۈرە نىسا، 129- ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، قوۋۇرغىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمى ئەڭ ئەگرى كېلىدۇ، چۈنكى ئاياللار ئەگرى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان. ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، سۇندۇرۇپ قويىسەن، قويۇپ قويساڭ، ئۆز پېتى تۇرىۋېرىدۇ». -بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئايال كىشى قوۋۇرغىغا ئوخشايدۇ، ئۇنى تۈزلەيمەن دېسەڭ، سۇندۇرۇۋالىسەن. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىمەن دېسەڭ، ئەگرى پېتى پايدىلىنىۋېرىسەن»، دېيىلگەن. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «ئايال كىشى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، ساڭا ھەرگىزمۇ ھەمىشە تۈز بولۇپ بېرىۋەرمەيدۇ. پايدىلىنىمەن دېسەڭ، ئەگرى پېتى پايدىلىنىۋېرىسەن، تۈزەيمەن دېسەڭ، ئۇنى سۇندۇرۇۋالىسەن، ئۇ قوۋۇرغىنىڭ سۇنۇشى دېگەن ئايالنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدۇر»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تەكرار ھالدا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا تەۋسىيە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئاياللار ئاجىز بولۇپ، ئۆزلىرىگە ھامىي بولىدىغان كىشىگە موھتاج بولىدىغانلىقى.

2) ئاياللارغا كەڭ قورساق، ئەپۇچان ۋە سەۋرلىك بولۇش كېرەكلىكى.

3) ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقى، نورماللىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكى.

4) ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا سەۋرلىك، كۆتۈرۈشلۈك بولغاچقا، ئۇلارنى ئاياللارنىڭ بەزىبىر كەمچىلىك-ئەيىبلىرىنى كۆتۈرۈش ۋە كەچۈرۈۋېتىش كېرەكلىكى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن زەمئەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىنى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىنى تىلغا ئېلىپ:

إِذِ انبَعَثَ أَشْقَاهَا

«ئەينى ۋاقىتتا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەدبەخ ئادىمى تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى»-(سۈرە شەمس، 12- ئايەت)، دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئالدىرىغان كىشى نوپۇزلۇق ئادەم بولۇپ، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەم كۈچلۈك ھەم ئەسكى ئادەم ئىدى، دەپ شەرھلىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئاياللارنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلار توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى ۋە: «سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى بىرىڭلار ئۆزىنىڭ ئايالىنى قۇللارنى قامچىلىغاندەك قامچىلىماقچى بولىدۇ. كەچ كىرگەندە ئۇ ئايالى بىلەن بىر تۈشەكتە بىللە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن»، دېدى. ئاندىن يەل قويۇپ بەرگەن كىشىنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىمۇ سادىر قىلىپ قويىدىغان ئىش توغرىسىدا زاڭلىق قىلىپ كۈلىدۇ!»، دېدى.       — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «بىر مۇئمىن ئادەم يەنە بىر مۇئمىن ئايالنى يامان كۆرمىسۇن، ئۇنىڭدا ئۇ كىشى ياقتۇرمايدىغان ئەخلاقتىن بىرسى تېپىلسا، ياقتۇرىدىغان ئەخلاقتىنمۇ بىرسى تېپىلىپ قالىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەرنىڭ ئۆز ئايالىنى يامان كۆرۈشىدىن چەكلىگەن، چۈنكى ئۇ ئايالىنىڭ بىرەر خۇلقىنى ياقتۇرمىغان بولسا، ئۇ ئايالدا ياخشى كۆرىدىغان باشقا خۇلقمۇ تېپىلىپ قالىدۇ.

2) مۇئمىننىڭ ئايالى بىلەن بىرەر ئىش ئۈستىدە تالىشىپ قالغاندا، ئالدىراقسانلىق بىلەن ۋاقىتلىق ھېسسىياتىغا ئەمەس، ئەقلىگە تايىنىپ ھۆكۈم چىقىرىشى لازىملىقى.

  1. ئەمرى ئىبن ئەھۋەس جۇشەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججەتۇل ۋىدادا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ئاگاھ بولۇڭلار! ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئۇلار سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا قولۇڭلارغا چۈشكەن ئەسىرگە ئوخشايدۇ، سىلەر ئۇلاردىن ئاشۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرگە ئىگە بولالمايسىلەر، ئەگەر ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا بىرەر يامان ئىش سادىر قىلسا، ئۇلار بىلەن بىر تۈشەكتە ياتماڭلار، ئۇلارنى قاتتىق ئۇرماڭلار، ئەگەردە سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلماڭلار، ئاگاھ بولۇڭلاركى، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۈستىدە ھەققىڭلار بار، ئاياللىرىڭلارنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ھەقلىرى بار. سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىڭلار، يات كىشىلەرنى تۈشەكلىرىڭلارغا يولاتماسلىق ۋە يات كىشىلەرنى ئۆيىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلماسلىق، ئاگاھ بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى ئۇلارنى كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەكتە ياخشى تەمىنلەشتۇر». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز يات كىشىلەرنى ئۆيىگە كىرگۈزۈشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى.

2) ئايالى ئېرىغا بويۇنتاۋلىق قىلمىغان ئەھۋالدا ئەرنىڭ ئۆز ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا ئايالىنى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى.

  1. مۇئاۋىيە ئىبن ھەيدەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاياللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققى نېمە؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تاماق يېگەن چېغىڭدا تاماق بىلەن تەمىنلىگىن، كىيىم كىيگەن چېغىڭدا كىيىم بىلەن تەمىنلىگىن ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرمىغىن، ئۇنى سەتلىمىگىن، نورمال مۇئامىلىدە بولغىن، زۆرۈر تېپىلغاندا بىر تۈشەكتە بولماستىن ئۆيدىن باشقا يەرگە تاشلاپ كەتمىگىن»، دېدى. — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يۈزنىڭ ھۆرمىتى بولغاچقا، يۈزگە ئۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىملىقى.

2) ئايالىنى سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىمەسلىك كېرەكلىكى.

3) ئايالى ھەددىدىن ئېشىپ، ئېرىغا بويۇنتاۋلىق قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىق ئايالىنى ئەدەپلەشتىكى بىر ۋاسىتە ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئمىنلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەخلاقلىقلىرى ئىمانى ئەڭ كامىل كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلار ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەرلەرنىڭ ئايالىغا مۇئامىلە قىلىشتا ئوچۇق چىراي بولۇشى، سەۋرچانلىق بىلەن ئىش تۇتۇشى، ئازار بەرمەسلىكى ۋە ياخشىلىق قىلىشى كېرەكلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئەڭ سەۋرچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغانلىقى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەبۇ زۇباب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ئايال بەندىلىرىنى ئۇرماڭلار». ئاندىن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئاياللار ئەرلەرگە يوغانلىق قىلىدىغان بولۇپ كەتتى»، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلدى. ئاندىن كېيىن نۇرغۇن ئاياللار ئەرلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىشكە باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نۇرغۇن ئاياللار ئەرلىرىنى شىكايەت قىلىپ، مۇھەممەدنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ، ئاشۇ ئاياللارنى رەنجىتكەنلەر ياخشى كىشىلەر ھېسابلانمايدۇ»، دېدى. — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئۇرۇش ۋاسىتىىسىنى قوللىنىش كەڭ قورساق بولۇش، ئەپۇچان بولۇشتەك گۈزەل خۇلقنىڭ ئەكسىچە قارنى-كۆكسىنىڭ تارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ ئايالىنى ۋە خىزمەتچىسىنى ئۇرغان ئەمەس».

2) ئۇرۇشنىڭ ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى، ياخشى سۆز، ۋەز-نەسىھەت، بىر تۈشەكتە ياتماسلىق قاتارلىق ۋاسىتىلەر كار قىلمىغاندا قوللىنىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ۋاسىتە ئىكەنلىكى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيا دېگەن ۋاقىتلىق پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر. دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەرنىڭ ياخشى، توغرا يوللۇق ئايالنى خوتۇنلۇققا تاللىشى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا بەختلىك بولۇشىغا ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشىغا ياردەم بەرگۈچى سەۋەب بولىدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر