مۇسۇلمانلار

25-  زۇلۇمنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

 زۇلۇمنىڭ ھاراملىقى ۋە ماددىي، مەنىۋى ھەقلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 مَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ

«زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ»-(سۈرە غافىر، 18- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍ

«زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ»-(سۈرە ھەج، 71- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ھەدىسلەرگە كېلىدىغان بولساق، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس يەنى 111- ھەدىس يۇقىرىدا ئۆتتى.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن زۇلۇم قىيامەت كۈنى قاراڭغۇ-زۇلمەتكە ئايلىنىدۇ. بېخىللىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن بېخىللىق سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ قانلىرىنى تۆكۈشكە، ھارام نەرسىلەرنى ھالال ساناشقا ئېلىپ بېرىپ، ھالاك قىلغان».

      — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) زۇلۇم قىلىشتىن، بېخىللىق قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئادىل، سىخىي بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) زۇلۇمنىڭ چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن بولۇپ، زۇلۇم قىلغۇچى قىيامەت كۈنىدە قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقى.

3) دۇنياغا ئۆزىنى ئۇرۇش، ھېرىسمەنلىك، پۇل-مالغا بېخىللىق قىلىش بولسا، ئىنساننى ئاسىيلىققا سۆرەپ، گۇناھ پاتقىقىغا پاتۇرىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ھەقلەر ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ، ھەتتاكى مۈڭگۈزسىز قويغىمۇ مۈڭگۈزلۈك قويدىن قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالانىڭ ئادىللىقى، قىيامەت كۈنىدە بەندىلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بېرىدىغانلىقى، بۇنىڭ زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشىلىقلىرىنىڭ ساۋابىنى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ئېلىپ بېرىش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ گۇناھلىرىنى زۇلۇم قىلغۇچىغا يۈكلەش بىلەن بولىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ ئادىللىقى مۇتلەق بولۇپ، ھەتتا ھايۋانلارنىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمايدىغانلىقى.

3) ھەقنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا ئالدىراش لازىملىقى.

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ھەججەتۇل ۋىدانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئاندىن دەججالنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ توغرىسىدا ئۇزۇن توختىلىپ: «دەججالدىن ئۆز ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇرمىغان پەيغەمبەر يوقتۇر. نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئەگەر ئۇ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن چىقسا، ئۇنىڭ ئەھۋالى سىلەرگە مەخپىي بولمايدۇ. ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئالغاي ئەمەس، دەججالنىڭ ئوڭ كۆزى ئالغايدۇر. ئۇنىڭ كۆزى خۇددى پۇلتىيىپ چىقىپ قالغان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىپ قويۇشۇڭلار، خۇددى مۇشۇ شەھەردە مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈننىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغانغا ئوخشاشلا ھارامدۇر، ئاگاھ بولۇڭلاركى، يەتكۈزدۈممۇ؟»، دېدى. ساھابىلەر: «شۇنداق»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بولغىن»، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن: «سىلەرگە ۋاي، دىققەت قىلىڭلار، مەندىن كېيىن بەزىڭلار بەزىڭلارنى قىرىدىغان كۇففارلاردىن بولۇپ قالماڭلار»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يۈز بېرىدىغان پىتنە-پاساتتىن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، پىتنە تېرىغۇچىلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلىۋېلىش بىلەن ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى.

2) مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىشى ھارام ئىكەنلىكى، ئۇنى قوغداش لازىملىقى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئۈممىتىگە ناھايىتى رەھىمدىل ئىكەنلىكى، ئۈممىتىنى كۇفرىلىققا ئېلىپ بارىدىغان پىتنە-پاسات ۋە زۇلۇمنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كىشنىڭ بىر غېرىچ زېمىنىنى تارتىۋالسا، ئۇ بىر غېرىچ زېمىن يەتتە قات زېمىننىڭ قەرىگىچە يەتكۈزۈلۈپ، ئۇ ئادەمنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويۇلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىشنىڭ قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلىنغان ئىش ئىكەنلىكى، شۇڭا ئاز بولغان تەقدىردىمۇ كىشىنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە قايتۇرۇش كېرەكلىكى.

  1. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىغا بىر چاغقىچە مۆھلەت بېرىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، بىر تۇتىدۇ-دە، ئۇ ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ». ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ

«پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى)نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر»-(سۈرە ھۇد، 102- ئايەت) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالانىڭ زۇلۇم قىلغۇچىنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقى، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقى، مۆھلىتى توشقاندا زالىمنى قاتتىق جازالايدىغانلىقى.

2) ئەقىل-ھوشى جايىدا ئادەمنىڭ كىشىلەرگە قىلغان زۇلمى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ چوقۇم ھېساب ئالىدىغانلىقى، ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، تەۋبە قىلىپ، كىشىنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشقا ئالدىرىشى لازىملىقى.

  1. مۇئاز ئىبن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى يەمەنگە ئەۋەتىش ۋاقتىدا مۇنداق دېگەن: «سەن ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار، خرىستىئانلار.— ت)نىڭ يېنىغا كېتىۋاتىسەن، بارغاندىن كېيىن ئۇلارنى بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا مەئبۇد يوق، مۇھەممەد ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىشقا دەۋەت قىلغىن، بۇنى قوبۇل قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى ئېيتقىن، بۇنى قوبۇل قىلسا، بايلىرىنىڭ ماللىرىدىن زاكات ئېلىنىپ، كەمبەغەللىرىگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىن، بۇنى قوبۇل قىلسا، زاكاتنى ئۇلارنىڭ ياخشى ماللىرىدىن ئالمىغىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بەد دۇئاسىدىن ساقلانغىنكى، مۇنداق دۇئا بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئارىسىدا پەردە-ھىجاپ يوق (بۇنداق دۇئا چاپسان قوبۇل بولىدۇ دېگەن مەنىدە. — ت)». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كۇففارلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىش كېرەكلىكى.

2) زاكاتنىڭ بىر يۇرتتىكى بايلاردىن ئېلىنىپ، شۇ يەردىكى كەمبەغەللەرگە بېرىلىدىغانلىقى، ھەرگىز بۇ يۇرتتىن ئېلىنىپ، يەنە بىر يەرگە تارقىتىلمايدىغانلىقى، پەقەت شۇ يۇرتتا زاكاتقا موھتاج كەمبەغەللەر بولمىغان ئەھۋالدىلا باشقا يەرگە بېرىلسە بولىدىغانلىقى.

3) زاكات يىغقۇچىنىڭ زاكات ئۈچۈن بايلارنىڭ ئەڭ ئېسىل مېلىنى ئېلىۋېلىش دۇرۇس ئەمەسلىكى، ئەگەر شۇنداق قىلسا، بۇنىڭ زۇلۇم ھېسابلىنىدىغانلىقى.

4) كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنىڭ چوقۇم ئىجابەت قىلىنىدىغانلىقى.

  1. ئابدۇرەھمان ئىبن سەئد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەزدى قەبىلىسىدىن ئىبن لۇتبىييە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا قويدى. ئۇ كىشى زاكات يىغىشتىن قايتىپ كېلىپ: مانا ماۋۇ يىغىلغان زاكات بولسا سىلەرنىڭدۇر، بۇ بولسا ماڭا ھەدىيە قىلىنغىنىدۇر»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىپ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن: «دېمەكچىمەنكى، مەن ئاللاھ تائالا مېنى ئىگە قىلغان ئىشلاردىن بىرەر ئىشقا سىلەردىن بىرەرىڭلارنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويسام، ئۇ كېلىپ ماۋۇ سىلەرنىڭدۇر، بۇ بولسا ماڭا قىلىنغان ھەدىيىدۇر، دەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىنغىنى راست بولىدىغان بولسا قېنى ئۇ ئاتىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ باقسۇنكى ئۇنىڭغا ھەدىيە كېلەمدۇ؟ ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سىلەردىن بىرىڭلار ھەقسىز رەۋىشتە باشقىلاردىن بىرەر نەرسە ئالمىسۇن، ئەگەر ئالىدىغان بولسا قىيامەتتە ئۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرگەن ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھازىر بولىدۇ. مەن سىلەردىن بىرەرسىڭلارنىڭ بوقىراپ تۇرغان تۆگە ياكى مۆرەۋاتقان كالا ياكى مەرەۋاتقان قوينى كۆتۈرۈپ تۇرغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولۇشىڭلارنى كۆرمىگەيمەن»، دېدى. ئاندىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم: «ئى ئاللاھ! يەتكۈزدىممۇ؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ قولىنى كۆتۈرگەندە، ئىككى قولتۇقىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) زاكات يىغقۇچىنىڭ يىغىلغان زاكاتنى ئادىللىق بىلەن زاكات ئېلىشقا تېگىشلىك كىشىلەرگە تارقىتىشى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى.

2) زاكات يىغقۇچىلارنىڭ ئورنى ۋە مەنسىپىگە قاراپ بېرىلگەن سوۋغىنىڭ پارا بولۇپ، ھارام ئىكەنلىكى، ئۇنى قوبۇل قىلىشنىڭ جامائەتنىڭ مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە سوۋغات تەلەپ قىلىشى بولسا، زۇلۇم ھېسابلىنىدىغانلىقى.

3) زاكات يىغقۇچىلارنىڭ ئادەتتە سوۋغا-سالام بېرىشىدىغان يېقىنلىرى ياكى دوستلىرىنىڭ قىلغان سوۋغىسىنى ئېلىش دۇرۇس ئىكەنلىكى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋغا بەرگۈچىنىڭ سوۋغا ئالغۇچىنىڭ سوراپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن دەۋا دەستۇرى، ھاجىتى بولماسلىقى شەرت ئىكەنلىكى.

4) ۋەزىپە، مەنسەپتىن ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى.

5) كىشىلەرنىڭ مېلىنى ناھەق ئېلىۋالغان ئادەمنىڭ قىلمىشىنى بۇ دۇنيادا ھېچكىم بىلمىسىمۇ، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئۇنى خالايىق ئالدىدا رەسۋا قىلىپ، جازالايدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىدە بىراۋنىڭ مەنىۋى ياكى ماددىي ھەققى قالغان بولسا، ئۇنى دىنارمۇ بولمايدىغان، دەرھەممۇ بولمايدىغان قىيامەت كۈنىگە قالدۇرماي، ھەق ئىگىسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا رازى قىلىۋەتسۇن. (ئەگەر ئاخىرەتكە قالدۇرسا) زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەلىدىن ھەق ئىگىسىنىڭ قانچىلىك ھەققى بولسا، شۇنچىلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا ھەق ئىگىسىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىپ زۇلۇم قىلغۇچىغا يۈكلىنىدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىگە زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكى.

2) كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغان ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇشقا ئالدىرىشى كېرەكلىكى.

3) كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىشنىڭ بەندىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى يوق قىلىپ، ئەجرىنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئادەم ھەقىقىي مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان نەرسىلەرنى تەرك ئەتكەن ئادەم مۇھاجىرلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈپ بارغان مۇسۇلمانلار — ت) قاتارىدا سانىلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىلەرگە مەيلى ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن زىيان يەتكۈزمەسلىك كامالى ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

2) گۇناھلارنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئەمەللەرنى قىلىش زۆرۈرلۈكى.

3) مەككە فەتىھ قىلىنىشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنى بىر يەرگە توپلاش ۋە ئۇلارنى كۈچەيتىش يۈزىسىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش زۆرۈر ئىدى. ئىسلام دىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، مەككە فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

  1. ئەبۇ بەكرەتە نۇفەي ئىبن ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىننى ياراتقان ۋاقىتتىن تارتىپ، زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى. بىر يىل 12 ئايدۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان. بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى — زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كېتىدۇ. جامادىيەل بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىدىغان مۇزەر قەبىلىسىنىڭ رەجەپ ئېيىدۇر»، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ قايسى ئايدۇر؟»، دېدى. بىز: «ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىم تۇردى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئاينى باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئاتايدىغان بولدى، دەپ ئويلىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زۇلھەججە ئېيى ئەمەسمۇ؟»، دېدى. بىز: «شۇنداق»، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ قايسى شەھەر؟»، دېدى. بىز: «ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىم تۇردى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ شەھەرنى باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئاتايدىغان بولدى، دەپ ئويلىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ مەككە شەھرى ئەمەسمۇ؟»، دېدى. بىز: «ھەئە»، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ قايسى كۈن؟»، دېدى. بىز: «ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىم تۇردى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈننىمۇ باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئاتايدىغان بولدى، دەپ ئويلىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ قۇربانلىق قىلىدىغان كۈن ئەمەسمۇ؟»، دېدى. بىز: «ھەئە»، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارنىڭ مېلىغا، جېنىغا ۋە نۇمۇس-ئابرۇيىغا چېقىلىشىڭلار خۇددى مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ شەھەرنىڭ ۋە مۇشۇ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغانغا ئوخشاشلا ھارام قىلىنغان. سىلەر پات ئارىدا رەببىڭلارغا مۇلاقات بولۇپ، ئەمەللىرىڭلار ئۈستىدە سورىلىسىلەر، ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەندىن كېيىن كۇففارلارغا ئوخشاش بىر-بىرىڭلارنى قىرىدىغان بولماڭلار، ئاگاھ بولۇڭلاركى، بۇ يەردە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن، بۇ سۆزۈمنى كېيىن يەتكۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ بەزىسى ھازىر ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بەزىسىدىن بەكرەك چۈشىنىشى مۇمكىن، ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزدىممۇ؟»، دېدى. بىز: «ھەئە، يەتكۈزدۈڭ»، دېدۇق. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بولغىن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قىلمىشلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان مۇئەييەن ئايلارنى بېكىتكەنلىكى.

2) مۇسۇلمانلارنىڭ جانلىرى، ماللىرى ۋە نام-ئابرۇيىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى تەكىتلەپ، بۇلارنى قوغداشقا دەۋەت قىلىنغان ۋە بۇلارغا چېقىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

3) بەندىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا بارلىق چوڭ-كىچىك ئەمەللىرىدىن ھېساب بېرىدىغانلىقى.

4) راستچىللىق ۋە سادىقلىق بىلەن ئىلىمنى يەتكۈزۈش ۋە تارقىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

5) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرگە تەلىم بېرىشتىكى گۈزەل ئۇسلۇبى، ئاڭلىغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلىشى ۋە ئېنىق چۈشىنىشى ئۈچۈن سۆزدە ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

  1. ئەبۇ ئۇمامە ئىياس ئىبن سەئلەبە ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھەققىنى قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ناھەق ئېلىۋالسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دوزاخنى تېگىشلىك قىلىدۇ ۋە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ»، دېۋىدى، بىر كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئازغىنا نەرسە بولسىچۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مىسۋاك ياغىچى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش، ئەگەر ئۇ ئاز بولغان تەقدىردىمۇ كىشىنىڭ ھەققىنى ھەق ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا ئالدىراش كېرەكلىكى.

2) ھەدىستىن مەلۇمكى، كىشىنىڭ ھەققىگە قارا سانىغان ۋە بۇنى ھالال بىلگەن، قىلمىشىغا تەۋبە قىلماي ئۆلگەن ئادەمنىڭ مەڭگۈ دوزاختا قالىدىغانلىقى.

  1. ئەدىي ئىبن ئەمرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «بىز سىلەردىن بىرەر كىشىنى ئەمەلگە قويساق، بىزدىن يىڭنە چاغلىق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىنى يوشۇرسا، ئۇ خىيانەت قىلغان ھېسابلىنىپ، قىيامەت كۈنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن بىللە ھازىر بولىدۇ»، دېدى. ئاندىن ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر قارامۇتۇق ساھابە ئورنىدىن تۇرۇپ (مەن ئۇنى گويا ھازىر كۆرۈپ تۇرغاندەك): «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن سەن بەرگەن ئەمەلدىن ئىستىپا بېرەي، قوبۇل قىلغىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ومالكَ؟» «ساڭا نېمە بولدى؟»، دېدى. ئۇ ساھابە: «سېنىڭ مۇنداق-مۇنداق دېگەنلىرىڭنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتسام»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەنە دەيمەنكى، بىز كىمنى بىرەر ئەمەلگە قويساق، ئاندىن ئۇ ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن توپلىغاننىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ نەرسىلەردىن بېرىلگىنىنى ئالسۇن، بېرىلمىگىنىنى ئالمىسۇن»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەمەل-ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، مەيلى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن، بىرەر نەرسىگە خىيانەت قىلغان ئادەمنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش.

2) جامائەت ئىشىنىپ، ئومۇمىي مال-مۈلۈكلەرنى ئامانەت قويغان كىشىنىڭ ئۇنى ئوبدان ساقلىشى، تېگىشلىك كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىشى، ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىقى، ئەگەر خىيانەت قىلغان بولسا، ئۇنى دەرھال جايىغا قايتۇرۇشى كېرەكلىكى، ئۇنداق قىلمايدىكەن، قىيامەت كۈنىدە گۇۋاھچىلار ئالدىدا رەسۋا بولىدىغانلىقى.

3) ئۆزىنىڭ ئىخلاس ۋە سادىقلىق بىلەن ئەمەلنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىغا كۆزى يەتمىگەن ئادەمنىڭ ئەمەل مەنسەپ تۇتۇشتىن يىراق بولۇشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، خەيبەر كۈنى بولغان چاغدا بىر تۈركۈم ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى. ئاندىن: «پالانى شەھىد بولدى، پوكۇنى شەھىد بولدى»، دېيىشتى. ھەتتا بىر كىشىنى تىلغا ئېلىپ: «پالانى شەھىد بولدى»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق ئەمەس، مەن ئۇنى بىر تون ياكى بىر كىيىمگە خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن دوزاختا كۆردۈم»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئومۇمنىڭ مۈلكىگە خىيانەت قىلىشنىڭ چوڭ گۇناھ بولۇپ، ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالا يولىدا شەھىد بولۇشمۇ كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتەك گۇناھنى يۇيۇۋېتەلمەيدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ قەتادە ئىبن رەبىئى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: «ئاللاھ تائالا يولىدا قىلىنغان جىھاد ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش بولسا ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر»، دېدى. بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئاللاھ تائالا يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم، مېنىڭ خاتالىقلىرىم يۇيۇلۇپ كېتەمدۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، ئەگەر ئاللاھ تائالا يولىدا سەن چىداملىق بولغان، ئاللاھ تائالادىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان، جەڭگە يۈزلەنگەن، جەڭدىن قاچمىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلسەڭ شۇنداق بولىدۇ»، دېدى. ئۇ كىشى: «ئەگەر ئاللاھ تائالا يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم، خاتالىقلىرىم ئۆچۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، ئەگەر ئاللاھ تائالا يولىدا سەن چىداملىق بولغان، ئاللاھ تائالادىن ساۋاب ئۈمىد كۈتكەن، جەڭگە يۈزلەنگەن، جەڭدىن قاچمىغان ھالەتتە ئۆلتۈرۈلسەڭ، گەدىنىڭدىكى قەرزدىن باشقا خاتالىقلىرىڭ ئۆچۈرۈلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ماڭا جىبرىئىل شۇنداق دېگەن»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالا يولىدا شەھىد بولۇش ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان شەرتلىرى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ گەدىنىدىكى قەرزىگە ئوخشاش بەندىنىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك گۇناھتىن باشقا گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى. ئۇ كىشى شۇ قەرزنى ئادا قىلىشقا قادىر تۇرۇپ، ئادا قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ گۇناھى يۇيۇلمايدىغانلىقى. ئەمما، قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن ۋە پۇشايمان بىلەن تەۋبە قىلغان كىشى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر كىمنىڭ يالاڭتۆش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»، دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «يالاڭتۆش دېگەن بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى پۇلى يوق، مېلى يوق ئادەم»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن يالاڭتۆش دېگەن مېنىڭ ئۈممىتىمدىن قىيامەت كۈنى ناماز ۋە روزا، زاكات قاتارلىق ئەمەللەر بىلەن ھازىر بولغان، لېكىن بىرىنى تىللىغان، بىرىگە بۆھتان چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ ناھەق قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ (قىساسى ياكى تۆلەم ئۈچۈن) ياخشىلىقلىرىدىن ئۇنىڭغا بېرىپ، بۇنىڭغا بېرىپ، ياخشىلىقلىرى تۈگەپ كەتكەندە، باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن دوزاخقا تاشلانغان كىشىدۇر»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى، بولۇپمۇ كىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىش لازىملىقى.

2) ھارام ئىشلاردىن يىراق بولۇش، بولۇپمۇ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش ۋە چېقىلىش شۇ بەندىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىپ، ئەجرىنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقى.

3) ۋەز-تەبلىغ ۋە نەسىھەت قىلغاندا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان، بەكرەك ئېسىدە قالىدىغان تەسىرلىك سۆز، گۈزەل ئۇسلۇبنى قوللىنىش لازىملىقى.

  1. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن مەن بىر ئىنسان، سىلەر جېدەللىشىپ قېلىپ، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىسىلەر، سىلەرنىڭ بەزىڭلار پاكىت قويۇشتا، بەزىڭلاردىن ئۇستىراق بولۇشۇڭلار مۇمكىن. مەن بولسام ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم چىقىرىمەن. ئەگەر مەن بىرەرسىگە ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ ھەققىنى ھۆكۈم قىلىپ بەرگەن بولسام، ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئوتتىن بىر پارچىنى ئۈزۈپ بەرگەن بولىمەن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكى، شۇڭا ئادەملەر ئۇچرىغان تۈرلۈك ئىشلارغا ئۇچرايدىغانلىقى، پەقەتلا ئاللاھ تائالا بايان قىلغاندەك ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈش، خاتالىقتىن پاك، ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن پاك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

2) قازى، سوتچى ئالدىغا كەلگەن دەۋاگەر ۋە جاۋابكارغا ئۆزى بىلىدىغان گۇۋاھچى، قەسەمدەك پاكىت-ئىسپاتلارغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقى، ھەرگىزمۇ قىياس، پەرەز بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىغانلىقى.

3) قازىنىڭ، سوتچىنىڭ ھۆكمى ئاشكارا پاكىتلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئۇ ھارامنى ھالال، ھالالنى ھارام قىلالمايدۇ. ئەگەر قازى بىر ئادەمنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقارغان بولسا، ئۇ ئادەم بۇنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇنىڭ شۇ ھەقنى ئېلىشى دۇرۇس بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلسا، قىيامەت كۈنى قىلمىشى ئۈچۈن جازالىنىدۇ.

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مۇئمىن ئادەم ناھەق قان تۆكمىسىلا، ھەمىشە ئۆز دىنىدا كەڭچىلىك ئاساستا ياشايدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ناھەق قان تۆكۈشنىڭ چوڭ گۇناھ بولۇپ، كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىغانلىقى.

  1. ھەمزىنىڭ ئايالى، ئامىرنىڭ قىزى خەۋلە ئەنسارىيدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىنى ناتوغرا تەسەررۇپ قىلىدىغان ئادەملەرنى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلايدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكىنى ناھەق ھالدا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى، بۇنىڭ چوڭ گۇناھ بولۇپ، شۇنداق قىلغۇچىنىڭ قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر