مۇسۇلمانلار

24- ئامانەتنى جايىغا يەتكۈزۈش توغرىسىدا

 ئامانەتنى ئۆز جايىغا قارار تاپقۇزۇشقا بۇيرۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ اللّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تُؤدُّواْ الأَمَانَاتِ إِلَى أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُم بَيْنَ النَّاسِ أَن تَحْكُمُواْ بِالْعَدْلِ إِنَّ اللّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِ إِنَّ اللّهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ»-(سۈرە نىسا، 58- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَن يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنسَانُ إِنَّهُ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا

«شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق. ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى. ئۇنىڭ (ئېغىرلىقىدىن) قورقتى. ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى. ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر. ھەقىقەتەن ناداندۇر»- (سۈرە ئەھزاب، 72- ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «مۇنداق ئادەم ناماز ئوقۇسىمۇ، روزا تۇتسىمۇ، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئويلىسىمۇ ھامان مۇناپىقتۇر»، دېيىلگەن.

  1. ھۇزەيفە ئىبن يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئىككى ئىش توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ بىرىنى كۆردۈم، يەنە بىرىنى كۆرۈشنى كۈتۈۋاتىمەن. بىرىنچىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئامانەت بولسا كىشىلەرنىڭ قەلب يىلتىزىغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قۇرئان چۈشمەي تۇرۇپلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاندىن قۇرئان نازىل بولغان بولۇپ، كىشىلەر قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئامانەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى»، دەپ سۆزلەپ بەردى. ئىككىنچىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئامانەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى توغرىسىدا سۆزلەپ: «كىشى ئۇخلاپ قالغاندا، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئامانەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ سەل-پەل ئىزى قالىدۇ. ئاندىن ئۇ يەنە ئۇخلايدۇ-دە، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئامانەت كۆتۈرۈلۈپ خۇددى پۇتىنىڭ ئۈستىدىكى دۈگىلەپ چۈشكەن چوغ پەيدا قىلغان قاپارتمىنىڭ ئىزىغا ئوخشاش ئىزى قالىدۇ. قاراپ باقساڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچنېمە يوق بولۇپ چىقىدۇ»، دېدى. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تال كىچىك تاشنى ئېلىپ، پۇتىنىڭ ئۈستىدە يۇمۇلىتىپ كۆرسىتىپ قويدى. «ئامانەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر سودا-سېتىق قىلىشسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر ئىشەنچىلىك ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ. ھەتتاكى شۇ ھالەتتە كىشىلەرگە پالانى ئەۋلادتا بىر ئىشەنچلىك ئادەم بار ئىكەن دېيىلسە، كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىتا: ‹نېمىدېگەن باتۇر! نېمىدېگەن قىزىقارلىق! نېمىدېگەن ئەقىللىق!›، دەپ ئاپىرىن ئوقۇپ كېتىشىدۇ. ھەقىقەتتە ئاشۇ ماختىلىۋاتقان كىشىنىڭ قەلبىدە قىچا چاغلىق ئىمان يوق. مېنىڭ بېشىمدىن شۇنداق كۈنلەر ئۆتكەن ئىدىكى، ئۇ چاغدا قايسى بىرىڭلار بىلەن سودا-سېتىق قىلسام پەرۋا قىلمايتتىم. مەن مۇئامىلە قىلىشقان كىشى مۇسۇلمان بولسا ئۇنىڭ دىيانىتى ماڭا ئۇنىڭ خىيانەت قىلىشىدىن توساتتى. ئەگەر خرىستىئان ياكى يەھۇدىي بولىدىغان بولسا ئۇنىڭ باشلىقى ئۇنى ماڭا خىيانەت قىلىشتىن توساتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كېلىدىغان بولساق، مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى پەقەت پالانى ۋە پالانىلار بىلەنلا ئالدى-بەردى قىلالايمەن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئامانەتنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىش بولسا، كىشىنىڭ شەرىئەت تەكلىپلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، مۇئامىلىدە راستچىل بولۇش، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى، ئامانەتنىڭ كىشىلەرنىڭ يامان ئەمەللىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بارا-بارا كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، ھەتتا بىرەر ئىشەنچلىك ئادەمنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغانلىقى، بۇ ئالدىنئالا بېرىلگەن خەۋەر بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى.

  1. ھۇزەيفە ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى يىغىپ، مەھشەرگاھقا توپلايدۇ. مۇسۇلمانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرىدۇ. جەننەت ئۇلارغا يېقىن قىلىنىدۇ. ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ‹ئى ئاتىمىز، بىزگە جەننەتنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلساڭ›، دەيدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام: ‹سىلەر جەننەتتىن ئاتاڭلارنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى چىقىرىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟ مەن بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. سىلەر مېنىڭ ئوغلۇم، ئاللاھ تائالانىڭ دوستى ئىبراھىمنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بارىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ‹مەن بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. مەن ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان دوستلۇق جەھەتتە يەنىلا پەردە ئارقىسىدىمەن. سىلەر ئاللاھ تائالا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام: ‹مەنمۇ بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ روھى بولغان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بارغاندا، ئىيسا ئەلەيھىسسالام: ‹مەنمۇ بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن›، دەيدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىلىدۇ ۋە ئامانەت ھەم رەھمەت ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ ئىككىسى پىلسىرات كۆۋرۈكىنىڭ ئوڭ ۋە سول ئىككى تەرىپىدە تۇرىدۇ. ئاندىن سىلەرنىڭ ئاۋۋالقى جامائەتلىرىڭلار چاقماقتەك ئۆتۈپ كېتىدۇ»، دېدى. مەن: «ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇنكى، چاقماقتەك ئۆتۈش قانداق بولىدۇ؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر چاقماقنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرمىگەنمۇ؟ ئاندىن شامالغا ئوخشاش ئۆتىدۇ، ئاندىن ئۇچار قۇشلارغا ئوخشاش ئۆتىدۇ ۋە كۈچلۈك ئادەملەر يۈگۈرگەندەك ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پىلسىراتتىن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆتكۈزىدۇ ۋە سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار پىلسىراتتا تۇرۇپ: ‹ئى پەرۋەردىگارىم! ئۈممەتلىرىمنى سالامەت قىلغىن›، دەيدۇ. ھەتتا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئۇلارنى پىلسىراتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئاجىز كېلىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەتتا مېڭىشقا قادىر بولالماي ئۆمىلەپ تۇرۇپ ئۆتىدۇ. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە بۇيرۇلغان كىشىلەرنى تۇتۇشقا ئېسىقلىق ئامبۇرلار بولۇپ، يارىلانغان بولسىمۇ ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر. بەزىلەر جەھەننەمگە سۆرىلىپ، ئۈستى-ئۈستىگە تاشلىنىدۇ»، دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە: «ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن جەھەننەمنىڭ چوڭقۇرلۇقى 70 يىللىق مۇساپىدۇر»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، زۇبەير جەمەل ئۇرۇشىدا ھازىر ئىدى. ئۇ مېنى چاقىردى. مەن يېنىدا تۇردۇم. ئاتام: «ئى ئوغلۇم! بۈگۈنكى كۈندە زۇلۇم قىلغۇچى زۇلۇم قىلىنغۇچىنى ئۆلتۈرىدۇ. مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى زۇلۇم قىلىنغان ھالدا ئۆلتۈرۈلىمەن، دەپ قارايمەن. مېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىم مېنىڭ ئۈستۈمدىكى قەرزدۇر. سېنىڭچە بىزنىڭ قەرزىمىزنى تۆلەشكە ماللىرىمىز يېتىپ، يەنە بىر نەرسە ئاشارمۇ؟»، دېدى. ئاندىن: «ئى ئوغلۇم! ماللىرىمىزنى سېتىپ قەرزىمنى ئادا قىلغىن»، دېدى. مېلىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى. ئۇ: «قاچانكى قەرزىمنى ئادا قىلىپ ئېشىنالىساڭ ئۈچتىن بىرىنى بالىلىرىڭغا بەرگىن»، دېدى. (يەنە ئۈچتىن بىر قىسمىنى (چوڭ ئوغلى) ئابدۇللاھنىڭ بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى).

ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن ھىشام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇللاھنىڭ بەزى بالىلىرى زۇبەيرنىڭ بەزى بالىلىرى خۇبەيب ۋە ئەببادلار بىلەن تەڭتۇش ئىدى. ئۇ كۈنلەردە زۇبەيرنىڭ توققۇز ئوغۇل، توققۇز قىزى بار ئىدى».

ئاتام قەرزى توغرۇلۇق ماڭا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى بالام! ئەگەر سەن قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسەڭ، ئىگەمدىن ياردەم تىلىگىن»، دېدى. مەن ئاتامنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنەلمەي: «ئاتا ئىگەم كىم؟»، دېدىم. ئاتام: «ئاللاھ تائالا»، دېدى. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشتا قانداقلا بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسەم: «ئى زۇبەيرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ! زۇبەيرنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشقا ياردەم بەرگىن»، دەيتتىم. ئاللاھ تائالا قەرزنى ئادا قىلىشقا ياردەم بېرەتتى. دېگەندەك ئاتام ئۆلتۈرۈلدى. ئاتام ئالتۇن-كۈمۈش قالدۇرماي بىر نەچچە يەردە زېمىن قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە غابە دەپ ئاتالغان مەدىنە ئەتراپىدىكى بىر مەشھۇر زېمىنمۇ بار ئىدى. مەدىنىدە 11 ھويلا، بەسىرەدە ئىككى ھويلا، كۇفەدە بىر ھويلا، مىسىردا بىر ھويلا بار ئىدى. ئاتام ۋەسىيەت قىلغان قەرزلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى مۇنداق ئىدى: كىشىلەر ماللىرىنى ئاتامنىڭ قېشىغا ئامانەت قويۇشقا ئېلىپ كەلسە، ئاتام: «ياق، مەن ئامانەتنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن قورقىمەن، لېكىن بۇ ماڭا قەرز ھېسابىدا بولسۇن»، دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن قەرزدارلار كۆپىيىپ كەتكەنىدى. ئاتام ھەرگىزمۇ سېلىق، خىراجەت ۋە باشقا نەرسىلەرنى يىغىشقا قويۇلغان ئەمەس ۋە ئەمەلدارمۇ بولمىغان. پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۇمەر، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار بىلەن غازاتتا بىللە بولغان، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن كىشى ئىدى. مەن ئاتامنىڭ گەدىنىدىكى قەرزنى ھېسابلاپ باقسام ئىككى مىليون 200 مىڭ چىقتى. ھەكىم ئىبن ھىزام ماڭا ئۇچرىشىپ: «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! قېرىندىشىمنىڭ قانچىلىك قەرزى بار ئىكەن؟»، دېۋىدى، مەن يوشۇرۇپ: «100 مىڭ»، دەپ قويدۇم. ھەكىم: «مېنىڭچە سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار بۇنىڭغا يەتمەسمىكىن»، دېدى. مەن: «ئەگەر ئىككى مىليون 200 مىڭ بولسا قانداق قارايسەن؟»، دېسەم، ئۇ: «بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر، ئەگەر قەرز قايتۇرۇشقا ئاجىز كەلسەڭلار، مەندىن ياردەم تىلەڭلار»، دېدى. ئاتام غابە دېگەن جاينى 170 مىڭغا سېتىۋالغانىكەن. مەن ئۇنى بىر مىليون 600 مىڭغا ساتتىم. ئاندىن مەن: «كىمنىڭ ئاتامدا ئېلىشى بولسا، بىزنىڭ غابە دېگەن زېمىنىمىزغا چىقىپ ماڭا يولۇقسۇن»، دەپ ئېلان قىلدىم. ئابدۇللاھ ئىبن جەئفەر كەلدى. ئۇنىڭ زۇبەيردە 400 مىڭ ئېلىشى بار ئىكەن. جەئفەر ماڭا: «ئەگەر خالىساڭلار، مېنىڭ مېلىمنى سىلەردىن ئالماي»، دېۋىدى، مەن: «ياق»، دەپ ئۇنىمىسام، جەئفەر: «ئەگەر خالىساڭلار مېنىڭ ئېلىشىمنى ئەڭ كەينىدە بېرىڭلار»، دېدى. مەن: «ياق»، دېدىم. جەئفەر: «ئۇنداقتا ماڭا زېمىندىن بىر پارچە بۆلۈپ بېرىڭلار»، دېۋىدى، مەن: «بۇ يەردىن بۇ يەرگىچە سېنىڭ ھەققىڭگە ھېساب بولسۇن»، دەپ بۆلۈپ بەردىم. مەن ئۇ زېمىننى سېتىپ ئاتامنىڭ قەرزىنى تولۇق ئادا قىلدىم. ئۇ زېمىندىن يەنە تۆت يېرىم ھەسسە قالدى. مەن مۇئاۋىيىنىڭ قېشىغا كەلسەم، ئۇنىڭ بىلەن ئەمر ئىبن ئوسمان، مۇنزىر ئىبن زۇبەير ۋە ئىبن زەمئەلار بار ئىكەن. مۇئاۋىيە: «غابەگە قانداق باھا قويۇلدى؟»، دېدى. مەن «ھەر بىر ھەسسىگە 100 مىڭ»، دېۋىدىم، ئۇ: «ئۇنىڭدىن قانچىلىك قالدى»، دېدى. مەن: «تۆت يېرىم ھەسسە»، دېدىم. مۇنزىر ئىبن زۇبەير: «بىر ھەسسىنى 100 مىڭغا مەن ئالاي»، دېدى. ئەمر ئىبن ئوسمان: «بىر ھەسسىنى 100 مىڭغا مەن ئالاي»، دېدى. ئىبن زەمئە: «بىر ھەسسىنى 100 مىڭغا مەن ئالاي»، دېدى. مۇئاۋىيە: «ئەمدى قانچىلىك قالدى؟»، دېدى. مەن: «بىر يېرىم ھەسسە»، دېدىم. ئۇ: «ئۇنى 150 مىڭغا مەن ئالاي»، دېدى. كېيىن ئابدۇللاھ ئىبن جەئفەر ئۆز نېسىۋىسىنى مۇئاۋىيەگە 600 مىڭغا سېتىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئابدۇللاھ ئاتىسىنىڭ قەرزىنى تۈگىتىپ بولغاندا، زۇبەيرنىڭ باشقا بالىلىرى ئۇنىڭغا: «مىراسىمىزنى تەقسىم قىلىپ بەرگىن»، دېيىشتى. ئابدۇللاھ: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ‹ھەر يىلى ھەج مەۋسۇمىدا زۇبەيردە قەرزى بارلار كەلسۇن، بىز قەرزنى قايتۇرىمىز›، دەپ ئۇدا تۆت يىل جاكارلايمەن. شۇنىڭغىچە مىراسنى تەقسىم قىلمايمەن»، دېدى. ھەر يىلى ھەج مەۋسۇمىدا شۇنداق جاكارلاپ، تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن قېرىنداشلىرىغا مالنىڭ ئۈچتىن بىرىنى بۆلۈپ بەردى. زۇبەيرنىڭ تۆت ئايالى بولۇپ، مىراسى ھەر بىر ئايالىغا بىر مىليون 200 مىڭدىن تەگدى. زۇبەيرنىڭ ئومۇمىي مېلى 50 مىليون 200 مىڭ ئىدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئۇرۇشتا ئۆلۈش ئېھتىمالى بولغاچقا، ئۇرۇشقا ماڭغان كىشنىڭ ۋەسىيەت قىلىشى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىش ئىكەنلىكى، كىشىنىڭ ھەممە خىل ئەھۋالدا ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلىشى لازىملىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ياخشى ياردەم بەرگۈچى ئىكەنلىكى.

2) قەرز سوراشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، ۋەسىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە مىيىت قالدۇرغان مال-مۈلۈكنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى مىيىتنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكى.

3) شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولسىلا، ھەر قانچە كۆپ ھويلا-ئارام، زېمىننى شەخسىي مۈلۈك ھېسابىدا ئىگىلەشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر