مۇسۇلمانلار

23- باشقىلارنى بۇيرۇپ، ئۆز ئەمەل قىلمايدىغاننىڭ ئاقىۋىتى

 كىشىلەرگە ئەمرىمەئرۇپ قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 أَتَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبِرِّ وَتَنسَوْنَ أَنفُسَكُمْ وَأَنتُمْ تَتْلُونَ الْكِتَابَ أَفَلاَ تَعْقِلُونَ

«كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر؟»-(سۈرە بەقەرە، 44- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفْعَلُونَ كَبُرَ مَقْتًا عِندَ اللَّهِ أَن تَقُولُوا مَا لَا تَفْعَلُونَ

«ئى مۇئمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دېيىشىڭلار ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)»-(سۈرە سەف، 2-، 3- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا أُرِيدُ أَنْ أُخَالِفَكُمْ إِلَى مَا أَنْهَاكُمْ عَنْهُ

«سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلىنغان نەرسىنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن»-(سۈرە ھۇد، 88- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەبۇ زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قىيامەت كۈنى بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچەيلىرى قورسىقىدىن ساڭگىلاپ قالغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم خۇددى ئېشەك تۈگمەننى چۆرگىلىگەندەك ئىچى باغرىنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەپ تۇرىدۇ. دوزاخ ئەھلىلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ: ‹ئى پالانى! ساڭا نېمە بولدى؟ سەن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساتتىڭغۇ؟›، دەيدۇ. ئۇ كىشى: ‹شۇنداق مەن ياخشىلىققا بويرۇيتتۇميۇ، ئۆزۈم قىلمايتتىم ۋە يامانلىقتىن توسۇيتتۇميۇ، ئۆزۈم قىلاتتىم›»، دەيدۇ. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يامانلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەشنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دوزاخنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇنىڭدا ئازابلانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىشى ئىلمى غەيب جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

3) ياخشىلىق قىلىش، يامانلىقنى تەرك ئېتىشنىڭ كىشىنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر