باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 بىرەر ياخشى ئىش ياكى يامان ئىشنى پەيدا قىلغۇچى كىشى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَاجِنَا وَذُرِّيَّاتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَاجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا

«ئۇلار: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى قىلغىن»- (سۈرە فۇرقان، 74- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا

«ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا) يېتەكلەيدىغان پىشۋا قىلدۇق»-(سۈرە ئەنبىيا، 73- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرگە كەلسەك، تۆۋەندىكىچە:

  1. ئەبۇ ئەمرىن ۋە جەرىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز بىر كۈنى چاشگاھ ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا تۇرغىنىمىزدا بەدەنلىرى ئېچىلىپ قالغان، يۇڭ توقۇلمىلارنى تېشىپ بېشىغا ئۆتكۈزۈپ كىيىۋالغان، قىلىچلىرىنى بوينىغا ئېسىۋالغان، تولىسى ياكى ھەممىسى مۇزەر قەبىلىسىدىن بولغان بىر قەۋم كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ نامراتلىقىنى كۆرۈپ، چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە كىرىپ چىقىپ، بىلالنى ئەزان ۋە تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ناماز ئوقۇدى. ئاندىن:

يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُواْ رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍ وَاحِدَةٍ

 «ئى خالايىق! سىلەرنى بىر جاندىن ياراتقان رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار»-دېگەن ئايەتتىن، إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًا = «ئاللاھ تائالا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»-(سۈرە نىسا، 1- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). دېگەن ئايەتكىچە ئوقۇدى ۋە ھەشىر سۈرىسىنىڭ، يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَلْتَنظُرْ نَفْسٌ مَّا قَدَّمَتْ لِغَدٍ = «ئى مۇئمىنلەر، ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار! ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەردىن نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن»-(سۈرە ھەشىر 18- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى.

رەسۇلۇللاھ يەنە: «ھەر كىشى ئۆزىنىڭ دەرھەملىرىدىن، دىنارلىرىدىن، كىيىملىرىدىن، بۇغداي ۋە خورمىلىرىدىن بىرەر سادىن بولسىمۇ سەدىقە قىلسۇن»، دېدى. ئاندىن ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر ساھابە ئېغىرلىقىدىن كۆتۈرەلمىگۈدەك، بەلكى كۆتۈرەلمىگەن دەرىجىدە كۆپ پۇل قاچىلانغان بىر خالتىنى سەدىقە قىلدى. ئاندىن كېيىن كىشىلەر ئارقىمۇئارقا سەدىقە قىلىۋېرىپ، يىغىلغان ئاشلىق ۋە كىيىملەرنىڭ ئىككى دۆۋە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى خۇددى ئالتۇندەك پارقىراپ، نۇرلىنىپ كەتتى ۋە: «كىمكى ئىسلامدا ياخشى بىر يولنى ئوتتۇرىغا قويسا، ياخشى يولنىڭ ساۋابى ۋە شۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن ھەممىسى قوشۇلۇپ، شۇ كىشىگە ئوخشاش ساۋاب بولىۋېرىدۇ. كىمكى ئىسلامدا بىرەر يامان يول پەيدا قىلسا، ئۇ ئادەمگە ئۇ يامان يولنىڭ گۇناھى ۋە يامان يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن، پەيدا قىلغۇچىغا شۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ بولۇۋېرىدۇ»، دېدى.       — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قول ئىلكىدە بار كىشىلەرنىڭ ھاجەتمەن، نامراتلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشى ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمبەغەل-مىسكىنلەرگە ناھايىتى رەھىمدىللىكى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، پايدا يەتكۈزۈشكە ھېرىس ئىكەنلىكى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئمىنلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىش، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئەمەلىي تەربىيە بەرگەنلىكى.

4) ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ مۇسۇلمان كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرىشىدىكى رولى.

5) ئازراق بولسىمۇ سەدىقە قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

6) مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدىغانلىقى.

7) مۇسۇلماننىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى لازىملىقى، باتىل ۋە يامان ئىشلارنى قىلىشتا ئۈلگە بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەكلىكى.

8) كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ھەرىكەتلىنىدىكەن، ئۇ كىشىگە شۇ ئەمەلنى قىلغۇچىنىڭ ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى، كىمكى بىرەر يامان ئىشنى قىلىشقا ھەرىكەتلىنىدىكەن، ئۇنىڭغا شۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ گۇناھى يېزىلىدىغانلىقى.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر جان ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى ئوغلىغا (يەنى قابىلغا) ئادەم ئۆلتۈرگۈچىگە يېزىلغان گۇناھقا ئوخشاش گۇناھ يېزىلىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ تۇنجى بولۇپ قاتىللىق قىلغان ئادەم». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ياخشى ياكى يامان ئەمەل بولسۇن، شۇ ئىشقا سەۋەب بولغۇچى، ئۇنى قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچىگە شۇ ئىشنى بىۋاسىتە قىلغۇچىغا ئوخشاش ئەجىر ياكى گۇناھ يېزىلىدىغانلىقى، ھەتتا مەسئۇلىيىتى قىلغۇچىدىن بەكرەك چوڭ بولىدىغانلىقى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ