باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 ئىبادەتكە ئائىت ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ آمَنُوا أَن تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ اللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ الْحَقِّ وَلَا يَكُونُوا كَالَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِن قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ الْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ

«مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھ تائالانىڭ زىكىرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردەك) بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى»-(سۈرە ھەدىد، 16- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَقَفَّيْنَا بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ وَآتَيْنَاهُ الْإِنجِيلَ وَجَعَلْنَا فِي قُلُوبِ الَّذِينَ اتَّبَعُوهُ رَأْفَةً وَرَحْمَةً وَرَهْبَانِيَّةً ابْتَدَعُوهَا مَا كَتَبْنَاهَا عَلَيْهِمْ إِلَّا ابْتِغَاء رِضْوَانِ اللَّهِ فَمَا رَعَوْهَا حَقَّ رِعَايَتِهَا

«مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق. رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى. ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق. ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى»-(سۈرە ھەدىد، 27- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَلاَ تَكُونُواْ كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِن بَعْدِ قُوَّةٍ أَنكَاثًا

«سىلەر پىششىق ئېگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار»-(سۈرە نەھل، 92- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَاعْبُدْ رَبَّكَ حَتَّى يَأْتِيَكَ الْيَقِينُ

«سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى، ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن»-(سۈرە ھىجىر، 99- ئايەت).

بۇ ھەقتە نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىس شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنى شۇ ئەمەل ئىگىسىنىڭ داۋاملىق تاشلىماي قىلغان ئەمەلىدۇر». بۇ ھەقتە ئىلگىرىكى بابلاردا توختالغانىدۇق.

  1. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئۆزىنىڭ كېچىلىك ئوقۇيدىغان ۋەزىپىسىنى ئوقۇماي ياكى بەزىسىنى ئوقۇيالماي ئۇخلاپ قالسا، ئاندىن ئۇنى بامدات نامىزى بىلەن پېشىن نامىزىنىڭ ئارىسىدا ئوقۇۋالسا، ئۇنىڭغا گويا كېچىدە ئوقۇغانغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنىڭ كېچىلىك ئوقۇيدىغان ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇشى كېرەكلىكى، ئەگەر ئۆزرە بىلەن ۋاقتىدا ئوقۇيالماي قالغان بولسا، قازاسىنى ئوقۇۋېلىشقا ئالدىراش كېرەكلىكى، قازاسىغىمۇ خۇددى ۋاقتىدا ئوقۇغانغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «ئى ئابدۇللاھ! سەن پالانىغا ئوخشاش بولمىغىن، ئۇ كېچىلىرى تۇرۇپ ئىبادەت قىلاتتى، كېچىسى قىلىدىغان ئىبادەتنى تاشلىۋەتتى»، دېگەنىدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىنى ئەيىبى بىلەن تىلغا ئالىدىغان ئىشلاردا ئىسمىنى ئاتىماسلىق كېرەكلىكى.

2) ئىنساننىڭ ئادەتلەنگەن ياخشى ئەمەللىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن كېچىسى ئوقۇيدىغان نامىزىنى ئوقۇيالماي قالغان بولسا، ئۇنى كۈندۈزى 12 رەكئەت قىلىپ ئوقۇۋالاتتى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ بىرەر ئۆزرە سەۋەبىدىن كېچىسى ئوقۇيالمىغان ۋەزىپىسىنى كېيىن ئوقۇۋېلىشى كېرەكلىكى.

2) نەفلى ئىبادەتلەرنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ