مۇسۇلمانلار
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF) 1

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF) 2كىرىش سۆز

بىزنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ياخشى ئاقىۋەت ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان كىملىكىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلانغان تەقۋادارلارغا بولسۇن. ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى نەبىي مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن. ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى رەھمەت ۋە بەرىكەتكە چۆمۈلسۇن.

مۇسۇلمانلىق ئىبادەت دەپ تونۇلغان بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى قىلىش ۋە بەزى دىنى قائىدە-يوسۇنلارغا رىئايە قىلىش بىلەن چەكلىك ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلىق ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرئان كەرىمنىڭ تەلىماتىغا توغرىلاشتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ ادْخُلُواْ فِي السِّلْمِ كَآفَّةً وَلاَ تَتَّبِعُواْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ﴾

«ئى مۇئمىنلار! تىنچلىققا تولۇق كىرىڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر»- بەقەرە 2/208.

بۇ يەردىكى «تىنچلىق» ئىككى تۈرلۈك مەنا ئىپادىلەيدۇ: بىرى ئىسلام، يەنە بىرى سۈلھى (يارىشىش، كېلىشىش، ئەپلىشىش).

بىرىنچى مەنىگە ئاساسەن ئايەتنىڭ تەپسىرى:

«ئى مۇئمىنلار! ئىسلامنىڭ ھەممىسىگە كىرىڭلار، يەنى ئىسلامنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئىجرا قىلىڭلار، بەزىسىنى قوبۇل قىلىش ۋە بەزىسىنى رەت قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار».

ئىككىنچى مەنىگە ئاساسەن ئايەتنىڭ تەپسىرى:

«ئى مۇئمىنلار! سۈلھىنىڭ ھەممىسىگە كىرىڭلار، يەنى ئاللاھ بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، كائىنات بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ھايۋانلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ئىنسانلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ئۆزۈڭلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار».

«تىنچلىق» قايسى مەنىنى ئىپادىلىسە ئىپادىلىسۇن نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى ئىسلامنىڭ ھەممىسىگە كىرگەن كىشى سۈلھىنىڭ ھەممىسىگە كىرگەن بولىدۇ، سۈلھىنىڭ ھەممىسىگە كىرگەن كىشى ئىسلامنىڭ ھەممىسىگە كىرگەن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا، بېقىشتا ۋە ئىبادەتكە لايىق بولۇشتا يالغۇز ئىكەنلىكى، ھەر ئىنساننىڭ بىرەر ئاجىز مەخلۇق ۋە ھەر جەھەتتىن ئاللاھقا موھتاج ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ۋەزىپىسى ۋە بىر-بىرىگە بولغان ھەقلىرى، كائىناتتىكى ھەر جانلىقنىڭ ئۆزىگە خاس شەكىلدە ياشاش، يەرلىشىش ۋە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئەركىنلىكى بارلىقى، تەبىئەتتىكى ھەر نەرسىنىڭ ئۆز تەبىئىيلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققى بارلىقى قاتارلىق ھۆكۈملەر قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەۋھىد ۋە ئىبادەت، ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دوستلۇق ۋە ئادالەت، ھايۋانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سۆيگۈ ۋە مەرھەمەت، تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياشىتىش ۋە گۈللىتىش بولغان كىشى ھەم ئىسلامنىڭ ھەممىسىگە ھەم سۈلھىنىڭ ھەممىسىگە كىرگەن بولىدۇ، شۇنداقلا مۇكاپاتلىنىشقا تېگىشلىك بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿مَنْ عَمِلَ صَالِحاً مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُواْ يَعْمَلُونَ﴾

«ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئىش قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارنى ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز»- نەھل 16/97.

مەزكۇر ھۆكۈملەرگە بويسۇنمىغان ياكى قىسمەن بويسۇنغان كىشى ھەم ئىسلامغا ھەم سۈلھىگە كىرمىگەن ياكى تولۇق كىرمىگەن بولىدۇ، شۇنداقلا جازالىنىشقا تېگىشلىك بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ﴾

«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى قايتسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى»- رۇم 30/41.

﴿وَمَا أَصَابَكُم مِّن مُّصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ﴾

«سىلەرگە قانداق مۇسىبەت يەتسە ئۆز قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يېتىدۇ. ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ»- شۇرا 42/30.

دېمەككى، مۇسۇلمان نەپسىنى پاكلىغان، مۇھىتىنى ئاسرىغان ۋە ھايۋانلارنى قوغدىغان كىشىدۇر. نەپسنى پاكلاش- دىلنى شېرىك ئېتىقاد، بۇزۇق نىيەت ۋە خاتا تەسەۋۋۇردىن پاكىزلاپ، ئورنىغا خالىس تەۋھىد، ياخشى نىيەت ۋە توغرا تەسەۋۋۇرنى يەرلەشتۈرۈش، تىلنى يالغان ۋە يامان سۆزلەردىن توسۇپ، ئۇنى راست ۋە چىرايلىق سۆزلەرگە ئادەتلەندۈرۈش، پۇت-قول ئەزالارنى بىھۇدە ۋە يامان قىلىقلاردىن ساقلاپ، ئۇلارغا پايدىلىق ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلدۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇھىتنى ئاسراش- تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ تەبىئىيلىكىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ھەققىگە رىئايە قىلىش دېمەكتۇر. ماددىي جەھەتتىن ھاۋانى، سۇنى ۋە ئەتراپنى پاك تۇتۇش، مەنىۋى جەھەتتىن ھەر تۈرلۈك ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن، قالايمىقان ياكى ھەددىدىن زىيادە ئاۋاز چىقىرىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئارامىنى بۇزماسلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھايۋاننى قوغداش- پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ياشاش، يەرلىشىش، نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەقتە يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئاممىباب ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشى ۋە بېسىپ تارقىتىلىشى ناھايىتى زۆرۈر. بۇ ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان قولى ئۇزۇن كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىدۇر.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنداق كىتابلار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئىش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بىر بوشلۇق ئىدى. شۇڭا مەن بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلارنىڭ باشلانغۇچى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن «ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن لازىملىق دىنى ئىلىملەر» ناملىق بۇ كىتابچىنى يېزىپ چىقتىم.

كىتابتا دىنىمىزدىكى كۈندىلىك ئىبادەت ۋە لازىملىق مەلۇماتلار، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئىنسانىي مۇناسىۋەت ۋە ھەق-ھوقۇقلار، ھايۋان ھەقلىرى ۋە پايدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم. مۇناسىۋەتلىك  تۇرۇقلۇق دەلىل قىلىنمىغان ئايەت-ھەدىسلەرنى ئۇچراتقانلارنىڭ ئەسكەرتىپ قويۇشىنى، ئىملا خاتالىقى كۆرگەنلەرنىڭ تۈزىتىپ قويۇشىنى، مەسىلە بىلەن دەلىل ئوتتۇرىسىدا بىرەر زىتلىق بايقىغانلارنىڭ ئىلمىي تەنقىد بېرىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن.

ئاللاھ مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي!

  • ئەنەس ئالىم

‏2017‏/07‏/10

مەزكۇر ئىلكىتابنى چۈشۈرۈپ ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇيەرگە بېسىڭ!

https://issuu.com/alnoor024/docs/dini-ilimler-01

كىتاپنى سېتىۋېلىشنى خالىسىڭىز سۇلايمانىيە ۋەقفى كىتاپ سېتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ!

https://www.suleymaniyevakfi.com/uygurca-ilmihal

https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos/1085177754954768/

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر