مۇسۇلمانلار
ياپونىيەدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار «كونبىنى»دە ئىشلىسەك بولامدۇ؟ 1

ياپونىيەدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار «كونبىنى»دە ئىشلىسەك بولامدۇ؟

ياپونىيەدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار «كونبىنى»دە ئىشلىسەك بولامدۇ؟ 2ئەسسالامۇئەلەيكۇم باياتىن سورىغان پەتىۋارىم يوقاپ كەتتى، تاپالمىدىم شۇڭا قايتا يېزىپ يوللىدىم،

سىلەردىن سورايدىغان پەتىۋارىم تۆۋەندىكىچە:

بىز ياپونيەدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر ياقتىن ئوقۇپ بىر ياقتىن ئىشلەپ ئوقۇشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز، ياپونىيەدە «كونبىنى» دەيدىغان ياۋروپالاشقان تاللا بازىرى بار، ئادەتتە پۈتۈن ياپونيەنىڭ ھەر قانداق جايلىردا بار بولغان تاللا بازىرى، يەنى ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلاغا ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ قولاي بولغان بىر خىزمەت ئورنى، ھازىر ياپونىيەدىكى %80 ئۇيغۇر مۇسۇلـمان ئوقۇغۇچىلار شۇ تاللا بازىرىدا ئىشلەپ، ئوقۇشىنى داۋام قىلىۋاتدۇ. پەتىۋارىم بولسا بۇ تاللا بازىرىدا ھاراق بار، تاماكا بار، ھەرخىل ئورالما خالتلىق، يەنى تەييار ئورالما خالتىلىق ھەر خىل تەييار گۆشلەر بار، ھالال بولـمىغان ئورالمىلىق توخو، قوي، كالا، چوشقا گۆشلىرى بار. بۇ سەۋەپتىن بىز ئوقۇغۇچىلار بۇ تاللا بازىرىدا ئىشلىسەك قانداق بولىدۇ؟ ئەمما مۇشۇ تاللا بازىرىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئەڭ قولاي بولغان يول، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ كونبىنى دىگەننى (ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ) ئاكىمىزمۇ ياخشى بىلدۇ! جاۋابىڭلانى ساقلايمەن ؟؟؟….. ئاللاھ رازى بولسۇن!

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! يوللىغان ئۇچۇرىڭىزنىڭ سوئال قىسمىغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىشنى ئۇيغۇن كۆردۇم. تۆۋەندە سوئاللىرىڭىز قىزىل، جاۋابلىرى قارا شەكىلدە بېرىلىدۇ:

1- سوئال: بۇ سەۋەپتىن بىز ئوقۇغۇچىلار ئىشلىسەك قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالأَنصَابُ وَالأَزْلاَمُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾

«ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار[1]، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (5- سۈرە مائىدە، 90- ئايەت).

ئۇنداق دۇكانلاردا ئىشلىسىڭىز «مەست قىلغۇچى نەرسە»دىن ساقلانمىغان بولىسىز.

رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىئىل كېلىپ ماڭا مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مەست قىلغۇچى نەرسىگە، ئۇنى ئىشلەپچىقارغۇچىغا، ئىشلەپچىقارغۇزغۇچىغا، ئىستېمال قىلغۇچىغا، ساقىيلىق قىلغۇچىغا، ساتقۇچىغا، سېتىۋالغۇچىغا، توشۇغۇچىغا، توشۇتقۇچىغا، ئۇنىڭ پۇلىنى يېگۈچىگە (يەنى تىجارىتىنى قىلغۇچىغا) لەنەت قىلدى»- (بەيھەقىي، ھاكىم ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رىۋايەت قىلغان).

2- سوئال: ئەمما مۇشۇ تاللا بازىرىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئەڭ قولاي بولغان يول، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

 

جاۋاب: مۆھتەرەم قېرىندىشىم! بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان ھېسابلىنىشى ئۈچۈن،  ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر–پەرمانلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئەگەر ئىنسان بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىدا ئۇ شەرتكە رىئايە قىلىپ ياشىسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇپ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتى جەننەتتە باشلىنىدۇ ۋە جەننەتتە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ئۇ شەرتكە رىئايە قىلماي ياشىسا،  ئاللاھ تائالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولۇپ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتى دوزاختا باشلىنىدۇ ۋە دوزاختا داۋاملىشىدۇ.

بىز بۇ دۇنياغا ئىمتىھان قىلىنىش ئۈچۈن كەلگەن. ئىمتىھاننىڭ شەرتلىرى بىز خالىغاندەك بولمايدۇ. بەزىدە دىنىمىز چەكلىگەن ئىشلاردىن بىرەرىنى قىلىشقا توغرا كېلىپ قالىدۇ، مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا «مېنىڭ دىنىم بۇ ئىشتىن مېنى چەكلىگەن، مېنىڭ مۇسۇلمانلىقىم بۇ ئىشقا يول قويمايدۇ» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۇ ئىشتىن ساقلىنالىساق، «مۇسۇلمان» لىقىمىزغا يارىشىدىغان ئىش قىلغان بولىمىز، شۇنداقلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولىمىز. ئەكسى تەقدىردە بىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقىمىز بولماي قالىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەڭ قولاي بولغان يول» بولسىمۇ ئۇنداق «تاللا بازىرىدا ئىشلەپ تۇرۇپ» ئەمەس، قىينالساقمۇ ئازغا قانائەت قىلىپ، بولمىسا سەۋر قىلىپ، مۇسۇلمانلىقىمىزنى ساقلاپ قالغان ئاساستا «ئوقۇشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش» ياخشى ئىشتۇر. شۇنداق بولغاندا ئاللاھ تائالا بىزگە چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ ۋە باشقا يەردىن رىزىق بېرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

«كىمىكى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بىرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بىرىدۇ» (تالاق سۈرىسى 2-3-ئايەتلىرى).

خۇلاسە:

يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن سىز ۋە سىزگە ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىز مۇسۇلمانغا لايىق جايلاردا ئىش تېپىپ، تۇرمۇشىڭلارنى قامدىغايسىلەر. ئەگەر باشقا بىرەر جايدىن ئىش تېپىلمىسا، مەزكۇر ماركىتلارنىڭ، مەزكۇر ھارام نەرسىلەر سېتىلمايدىغان بۆلۈملىرىدە ئىشلىسەڭلەر بولىدۇ. بۇنى ئۆزۈڭلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئېيتىپ، خوجايىنلارغا ئىلتىماس قىلساڭلار توغرا چۈشىنىشى ۋە قوبۇل قىلىشى مۇمكىن.

دىنى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن. ئاللاھ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىڭلاردا ۋە كېيىنكى جەمئىيەت ھاياتىڭلاردا سىلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاتا قىلسۇن، ئامىن!

[1]  بۇ سۈرىنىڭ 3- ئايىتىنىڭ ئىزاھاتىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلدى.

http://www.uyquran.com/ShowNote.aspx?id=5&sid=5

پ د ف نى چۈشۈرۈش: yapon sual پەتىۋا konbini

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر