مۇسۇلمانلار

4. راستچىللىق توغرىسىدا

 راستچىللىق توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ

 «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار»- (سۈرە تەۋبە، 119- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَالصَّادِقِينَ وَالصَّادِقَاتِ … أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا

«راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا،…. ئاللاھ تائالا مەغفىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»- (سۈرە ئەھزاب، 35- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

فَلَوْ صَدَقُوا اللَّهَ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ

«ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا سادىق بولۇشسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى»- (سۈرە مۇھەممەد، 21- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ. ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. بىر ئادەم راست سۆز قىلىۋەرسە، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا راستچىل دەپ پۈتۈلىدۇ. يالغانچىلىق بولسا گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ دوزاخقا باشلايدۇ. بىر ئادەم يالغانچىلىق قىلىۋەرسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا يالغانچى دەپ پۈتۈلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) راستچىللىقنى دوست تۇتۇش، چۈنكى ئۇ بارلىق ياخشىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر. يالغانچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەش، چۈنكى ئۇ بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. كىمكى قانداق سۈپەت بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا نامى چىقىدىكەن، ئۇنى شۇنداق نەرسە بىلەن سۈپەتلەشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) ئىنسانغا بېرىلىدىغان ساۋاب ۋە جازانىڭ ئىنساننىڭ قىلغان ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىگە يارىشا بولىدىغانلىقى.

  1. ھەسەن ئىبن ئەلىي ئىبن ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىن شۇنى ئېسىمگە ئېلىۋالغانىدىم: «سەن شەكلىنىدىغان نەرسىنى قويۇپ، شەكلەنمەيدىغان نەرسىنى تۇتقىن، چوقۇم راستچىللىق دىلنىڭ خاتىرجەملىكىدۇر، يالغانچىلىق دىلغۇللۇقتۇر». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش، ھالاللىقى ئېنىق بولغان ئىشلارنى قىلىش، چۈنكى شەكلىنىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش بىلەن مۇئمىن ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە نام-شەرىپىنى قوغداپ قالىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ سۇفيان سەخىر ئىبن ھەرب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رۇم پادىشاھى ھىرەقلىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىپ يازغان مەكتۇبىنى تاپشۇرۇۋالغاندىكى ۋەقەلىكنى بايان قىلغان ئۇزۇن ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ھىرەقلى مەندىن: «سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى نېمىگە ئۈندەيدۇ»، دەپ سورىدى. مەن: «بىرلا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىنى تاشلاشقا، ناماز ئوقۇشقا، راستچىللىققا، ئىپپەتلىك بولۇشقا ۋە ئۆزئارا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ»، دېدىم. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل ئىكەنلىكى ۋە مۇشۇ سۈپەت بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئىقرار ئىكەنلىكى.

2) ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم يادروسى — ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇش، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمەسلىك ئىكەنلىكى. بۇ تەۋھىد بولسا بارلىق پەزىلەتلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى.

3) قارىغۇلارچە دوراشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ دىنىي ئىشلاردا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەكلىكى.

  1. سەھل ئىبن ھۇنەيف بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالادىن چىن دىل بىلەن شەھىدلىكنى سورىسا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ تۈشىكىدە ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى شەھىدلەرنىڭ دەرىجىسىگە يەتكۈزىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) چىن دىل بىلەن سەمىمىي بولۇش مۇئمىننى ئارزۇسىغا يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەر ياخشىلىقنى نىيەت قىلىپ، قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا شۇنىڭ ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى.

2) شەھىدلىكنى ئارزۇ قىلىش ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرلەردىن بىرى (يەنى يۈشەئ ئىبن نۇن) غازاتقا چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قەۋمىگە مۇنداق دېدى: ‹ئۆيلىنىپ ئايالى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويماقچى بولغان، تېخى بىرگە بولمىغان كىشى، يەنە ئۆي سېلىپ ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىپ بولمىغان كىشى ۋە ساغلىق ياكى بوغاز تۆگە سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان كىشى ماڭا ئەگەشمىسۇن›، دېدى. ئاندىن ئۇرۇش قىلدى. ناماز ئەسىر ۋاقتىدا ياكى ئاز قالغاندا ئۇ بىر شەھەرگە (يەنى ئەرىھاغا) يېقىنلاشتى. ئۇ قۇياشقا: ‹سەنمۇ بۇيرۇق بىلەن ماڭىسەن، مەنمۇ بۇيرۇق بىلەن ماڭىمەن، ئى ئاللاھ! ئۇنى بىزگە توختىتىپ بەرگىن›، دېدى. تاكى ئۇلار غەلىبە قىلغۇچە كۈن توختىتىپ قويۇلدى. ئۇلار غەنىيمەتلەرنى يىغدى، غەنىيمەتلەرنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئوت غەنىيمەتلەرنى كۆيدۈرمەي قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئىچىڭلاردا قارا ساناش ئىشلىرى بار ئىكەن، ماڭا ھەر بىر قەبىلىدىن بىر كىشى قولىنى بەرسۇن›، دېدى. ئاندىن بىر كىشىنىڭ قولى ئۇنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا قارا ساناش بار ئىكەن، سېنىڭ قەبىلەڭ ماڭا قول بەرسۇن›، دېدى. ئاندىن ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: ‹ئىچىڭلاردا قارا ساناش ئىشلىرى بار ئىكەن›، دېدى. ئاندىن ئۇلار ئالتۇندىن ياسالغان كالىنىڭ بېشىغا ئوخشاش بىر باشنى ئەكېلىپ قويدى. ئاندىن ئوت كېلىپ ئۇنى كۆيدۈردى. غەنىيمەتلەر بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ھېچبىرىگە ھالال ئەمەس ئىدى. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى ۋە كەمبەغەللىكىمىزنى كۆرۈپ، غەنىيمەتلەرنى بىزگە ھالال قىلىپ بەردى». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك كىشىنى ئۆزىگە ئەگىشىپ ئۇرۇش قىلىشتىن توسقان. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ كىشلەرنىڭ دىللىرى ئاشۇ سەۋەبلەرگە باغلىنىپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتىكى ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ كېتىدىغانلىقى، قىزغىنلىقى ئاسانلا سوۋۇپ كېتىدىغانلىقى.

2) دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىن بىكار بولۇپ پۈتۈن ئىخلاسى ۋە زېھنى بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى لازىملىقى.

3) ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلغانلىقى.

4) جانسىز نەرسىلەردە ھېچقانداق ئىختىيار ۋە مەسئۇلىيەت بولمايدىغانلىقى، ئەمما ئادەملەرنىڭ بولسا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى.

5) ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە غەنىيمەت ھالال قىلىنمىغان بولۇپ، ئاسماندىن چۈشكەن ئوتنىڭ غەنىيمەتلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغانلىقى. ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە غەنىيمەتلەرنى ھالال قىلىپ بەرگەنلىكى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى.

  1. ھەكىم ئىبن ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى سودىلاشقان جايىدىن يۆتكىلىپ كەتمىسىلا، ئۇلارنىڭ سودىنى بۇزۇش ئىختىيارى بولىدۇ. ئەگەر سودىسىدا راست گەپ قىلىشسا، مالنىڭ ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇشمىسا، ئۇلارنىڭ سودىسى بەرىكەتلىك بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار مالنىڭ، پۇلنىڭ ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇشسا، سودا ئۈستىدە يالغان گەپ قىلىشسا، قىلغان سودىسىنىڭ بەرىكىتى ئۇچۇپ كېتىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) مۇئمىنلەرنىڭ سودا-سېتىقتا مالنىڭ ئەيىبىنى ئېيتىش كېرەكلىكى، ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ ھاراملىقى. ئەگەر ئەيىبىنى ئاشكارىلىسا، ئۆلىمالار ئېيتقاندەك شەرت بىلەن سودىنى بۇزۇش ئىختىيارى بولىدىغانلىقى.

2) يالغانچىلىقنىڭ ھەرقانداق ئىشنىڭ بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋېتىدىغانلىقى.

3) خۇددى سودىگەر ئۆز سودىسىدا راستچىل بولسا، ئالدامچىلىق قىلمىسا، ئۇنىڭ سودىسىغا بەرىكەت ياغقاندەك، بەندىمۇ ئاللاھ تائالاغا قىلغان ئىبادىتىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، چىن ئىخلاسى بىلەن قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تېگىشلىك ساۋاب بېرىدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر