مۇسۇلمانلار

1. ئىخلاس ھەققىدە

1باب بارلىق سۆز-ھەرىكەت ۋە يوشۇرۇن-ئاشكارا ھالەتلەردە ئىخلاس ۋە ھوزۇرى قەلب بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ وَذَلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ

«ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقىلا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى). ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس، ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر»- «قۇرئان كەرىم» سۈرە بەييىنە 5- ئايەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَى مِنْكُمْ

«ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر»-«قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەج 37- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

 ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

قُلْ إِنْ تُخْفُوا مَا فِي صُدُورِكُمْ أَوْ تُبْدُوهُ يَعْلَمْهُ اللَّهُ

«ئېيتقىنكى، دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»-«قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 29- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

  1. 1. مۇئمىنلەرنىڭ خەلىفىسى ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھەقىقەتەن بارلىق ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق. ھەقىقەتەن كىشىگە ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ ھىجرىتىدىن شۇنى تاپىدۇ. كىمكى بۇ دۇنيادا پۇل-مالغا ئېرىشىش ياكى بىرەر خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ ھىجرىتىدىن شۇنى تاپىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەمەللەرگە بېرىلىدىغان ساۋابنىڭ نىيەتكە باغلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن، لېكىن نىيەتنىڭ ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشىدىكى شەرت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قارىشى ئوخشاش ئەمەس. شافىئىي مەزھىپىدىكىلەر تاھارەتكە ئوخشاش ئەمەللەرنىڭ ۋاسىتىلىرىدە ۋە نامازغا ئوخشاش ئەمەللەرنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە نىيەتنى شەرت دەپ قارايدۇ. ھەنەفى مەزھىپىدىكىلەر نىيەت ئەمەللەرنىڭ ۋاسىتىلىرىدە ئەمەس، پەقەت مەقسىتىدىلا شەرت دەپ قارايدۇ. ناماز روزىغا ئوخشاش ئەمەللەر مەقسەت قىلىنغان ئەمەللەر دېيىلىدۇ. تاھارەت، غۇسلى قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان ئەمەللەر ۋاسىتە ئەمەللەر دېيىلىدۇ.

2) نىيەت كۆڭۈلگە پۈكۈش بىلەن بولىدۇ. ئېغىزدا دېيىش شەرت قىلىنمايدۇ.

3) ئەمەللەردە ئاللا تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەشتەك ئىخلاس — ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان خالىس ئەمەلدىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

  1. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«بىر قوشۇن كەئبىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چىقىپ بىر دالاغا كەلگەندە قوشۇننىڭ ھەممىسىنى زېمىن يۇتۇۋېتىدۇ»، دېدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! قانداقلارچە ئۇلارنىڭ باش-ئاخىرى بولۇپ ھەممىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ قاتارىدا بولمىغان كىشىلەرمۇ، جەڭگە قاتناشمايدىغان بازارچىلارمۇ بار تۇرسا؟»، دەپ سورىغىنىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يەر ئۇلارنى باشتىن-ئاخىر يۇتۇۋېتىدۇ، كېيىن ئۇلار نىيەتلىرىگە يارىشا تىرىلدۈرۈلىدۇ»، دېدى.       — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىنسانغا نىيەت قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا يارىشا مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى، زالىم، بۇزۇق ئادەملەر بىلەن بىللە بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى.

2) ياخشىلار بىلەن بىرگە يۈرۈشكە تەۋسىيە قىلىنغانلىقى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەر بېرىشى ۋە ئۇنىڭ ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەن بويىچە يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز نەپس-خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدىغانلىقى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«مەككە فەتھى قىلىنغاندىن كېيىن ھىجرەت قىلىش دېگەن گەپ بولمايدۇ، لېكىن جىھاد ۋە نىيەت باقىي قالىدۇ. سىلەر ئۇرۇشقا چاقىرىلساڭلار چىقىڭلار!».  – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

  1. ئەبۇ ئابدۇللاھ جابىر ئىبن ئابدۇللاھ ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر جىھادتا بىللە ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:

 «مەدىنىدە كېسەل سەۋەبىدىن قېلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، سىلەر قەيەرگە ماڭساڭلار، ھەر قانداق جىلغىلاردىن ئۆتسەڭلار، ئۇلار سىلەر بىلەن بىللە بولغان ھېسابلىنىدۇ» (يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلار ساۋابتا سىلەر بىلەن ئورتاق»، دېگەن، دېيىلىدۇ).  — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئىمام بۇخارى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مۇنداق دېدى، دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تەبۇك غازىتىدىن بىللە قايتقانىدۇق. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەر مەدىنىدە كەينىمىزدە قېپقالدى. مەيلى بىز جىلغىلاردىن، مەيلى چىغىر يوللاردىن ماڭايلى، ئۇلار بىز بىلەن بىللە بولغاندەك بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزرىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەدىنىدە قېپقالدى».  — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بىرەر ئادەمنىڭ جىھادقا چىقىدىغان نىيىتى ۋە مەقسىتى دۇرۇس بولىدىكەن، ئەگەر بىرەر ئۆزرە سەۋەبىدىن چىقالماي قالسا، ئۇنىڭغا يەنىلا مۇجاھىدلارنىڭ ساۋابىنىڭ بېرىلىدىغانلىقى.

  1. مەئنى ئىبن يەزىد ئىبن ئەخنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم (يەزىد، ئۇنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسى ھەممىسى ساھابە ئىدى) رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: دادام يەزىد سەدىقە قىلىش ئۈچۈن مەسجىدتىكى بىر كىشىگە دىنارلارنى قويۇپ قويۇپتۇ. مەن مەسجىدكە كېلىپ ئۇنى ئالغاندىن كېيىن دادامنىڭ قېشىغا كەلدىم. دادام: «ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ دىنارلارنى مەن ساڭا بېرىشنى نىيەت قىلمىغانىدىم»، دېدى. بىز دەتالاش قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى يەزىد! ساڭا قىلغان نىيىتىڭ ئۈچۈن ساۋاب بېرىلىدۇ. ئى مەئنى! سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) سەدىقىنى ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرسە دۇرۇس بولىدىغانلىقى، ئەمما زاكاتنى ئەجدادلىرى ۋە ئەۋلادلىرىدىن ھېچبىرىگە بېرىش دۇرۇس ئەمەسلىكى.

2) سەدىقە بېرىشتە بىرەر ئادەمنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى.

  1. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلغان يىلى ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقىنىمدا مېنى يوقلاپ كەلگەنىكەن. مەن رەسۇلۇللاھقا: «كېسىلىم ئېغىرلىشىپ قالدى، مەن مالدار ئادەممەن، ماڭا مىراسخور بولىدىغان بىرلا قىزىم بار، مېلىمنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى سەدىقە قىلايمۇ؟»، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ياق»، دېدى. مەن: «يېرىمىنىچۇ؟»، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «لا» «ياق»، دەپ بولۇپ: «ئۈچتىن بىرىنى قىلساڭ بولىدۇ، بۇمۇ كۆپلۈك قىلىدۇ، ۋارىسلىرىڭنى كىشىلەردىن تىلەيدىغان گاداي ھالدا قالدۇرغىنىڭدىن كۆرە، باي ھالدا قالدۇرغىنىڭ ياخشى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ خەير-ئېھسان قىلساڭ ساۋاب تاپىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سالغان لوقما ئۈچۈنمۇ ساۋاب تاپىسەن»، دېدى. مەن: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! مەن كېسەل سەۋەبى بىلەن بۇرادەرلىرىمنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ قالارمەنمۇ؟»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن كەينىدە قالغان بولمايسەن، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قايسى بىر ئىشنى قىلمىغىن، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى ئەجرىڭ ئۈستۈن بولىۋېرىدۇ. سېنىڭ بۇ يەردە قېپقېلىشىڭ بىلەن بەزى كىشىلەر مەنپەئەتدار بولۇشى مۇمكىن، بەزى كىشىلەر زىيانكار بولۇشى مۇمكىن»، دېدى. ۋە: «ئى ئاللاھ! ساھابىلىرىمنىڭ ھىجرىتىنى ئۈزۈپ قويمىغىن، ئۇلارنى ئارقىغا چېكىندۈرمىگىن»، دەپ دۇئا قىلدى. ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى مۇنداق دەيدۇ: لېكىن، رەسۇلۇللاھ ئىچىنى ئاغرىتقان بىچارە سەئد ئىبن خەۋلە مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەنىدى. (سەئد ئىبن خەۋلە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلماي مەككىدە قېپقالغانىدى، ئۇنىڭ بىچارىلىكى مۇشۇ ئىدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كېسەل كىشىنىڭ داۋالىنىشى ياكى سالىھ بەندىنىڭ ئۆزىگە دۇئا قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىش يۈزىسىدەك توغرا نىيەت بىلەن كېسىلىنى تىلغا ئېلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى.

2) ھالال يول بىلەن پۇل-مال يىغىشنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكى، ئەگەر مالدار ئادەم مال-مۈلۈكنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلسا، ئۇنىڭ مال ئىگىسىگە ۋاباللىق ئېلىپ كەلگۈچى خەزىنە بولۇپ قالمايدىغانلىقى.

3) بىرەر ئادەمنىڭ ئېغىر كېسەللىك ھالىتىدە قىلىدىغان سەدىقىسىنىڭ مال-مۈلۈكنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ۋارىسلارنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، مال-مۈلۈكنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇقىنى سەدىقە قىلسا دۇرۇس بولمايدىغانلىقى.

4) ئىنسانغا ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنى باققان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ كىشىگە ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە ئابدۇراھمان ئىبن سەخرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ تۇرقۇڭلارغا ۋە تاشقى كۆرۈنۈشۈڭلارغا ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ. – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەمەللەرگە بېرىلىدىغان ساۋاب كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن ئىخلاس ۋە نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكى.

2) قەلبنى ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدىغان بارلىق ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاكلاش، نىيەتنى توغرىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

3) بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئەمەللىرىنى تۈزەشتىن ئىلگىرى نىيەتنى توغرىلاشنىڭ مۇھىملىقى، چۈنكى ئەمەللەرنى تۈزىگۈچى قەلب ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ئۆزىنىڭ نوچىلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ياكى گۇرۇھۋازلىق ئۈچۈن ۋە ياكى ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغانلار بار، بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ تائالا يولىدا جەڭ قىلغان بولىدۇ؟»، دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن جەڭ قىلىدىكەن، ئەنە شۇ ئاللاھ تائالا يولىدا جەڭ قىلغان بولىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ ئەمەللىرىگە ئۇنىڭ نىيىتىگە قاراپ ساۋاب بېرىدۇ. ئايەت ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن مۇجاھىدلارنىڭ پەزلى-ساۋابى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارغا خاس قىلىنغان. لېكىن بۇ، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمگە يۇماي، كېپەنلىمەي، نامىزىنى چۈشۈرمەي دەپنە قىلىنىدىغان شەھىد قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشنى چەتكە قاقمايدۇ. ئۇنىڭ نىيىتى ۋە مەقسىتىنىڭ قانداقلىقىدىن ئاللاھ تائالا ئۆزى ھېساب ئالىدۇ.

  1. ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە تىغ كۆتۈرسە، ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىمۇ دوزاختا». مەن: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! ئۆلتۈرگۈچىغۇ شۇنداق بولسۇن، ئۆلگۈچى نېمىشقا دوزاختا بولىدۇ؟»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «چۈنكى، ئۆلتۈرۈلگۈچىمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈش كويىدا بولغانلىقى ئۈچۈن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بىرەر گۇناھلىق ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە شۇ ئىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بەل باغلىغان ئادەمگە، مەيلى ئۇ ئىشنى قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئەپۇ قىلمىسا جازاغا لايىق بولىدىغانلىقى، ئەمما خىيالىغا بىرەر يامانلىق كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەييارلىق قىلمىغان، پەقەت خىيال-پىكىر سۈپىتىدىلا قالغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئادەمگە ھېچقانداق گۇناھ يېزىلمايدىغانلىقى.

2) مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا ئۇرۇشۇشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرۇش، چۈنكى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا بۇ تۈپەيلى غەزەپ قىلىشىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى ئۇنىڭ ئۆيىدە ياكى بازاردا ئوقۇغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق تۇرىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر ئادەم تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنى كۆڭلىگە پۈكۈپ مەسجىدكە كەلسە ۋە ناماز ئۈچۈنلا ئورنىدىن قوزغالسا، تاكى مەسجىدكە كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر بىر باسقان قەدىمى ئۈچۈن مەرتىۋىسى بىر دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ. ھەر قەدىمى ئۈچۈن بىر خاتالىقى ئۆچۈرۈلىدۇ. مەسجىدكە كىرىپ نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرسا، ئۇنىڭغا نامازنىڭ ئىچىدە تۇرغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ. بىرىڭلار مادامىكى، ناماز ئوقۇغان ئورنىدىن قوزغالمىغانىكەن، بىرەرسىگە ئازار بەرمىگەنىكەن ۋە تاھارىتى سۇنۇپ كەتمىگەنىكەن، پەرىشتىلەر: ‹ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن، ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغىن›، دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ» —بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بازاردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ تۈپەيلى، ھۇزۇرى قەلب ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ھالىتىدە ناماز ئوقۇش تەس بولغانلىقى ئۈچۈن، بازاردا ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولسىمۇ، ئەمما دۇرۇس بولىدىغانلىقى.

2) بەزى ھەدىسلەردە ئوچۇق ئېيتىلغاندەك، جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە بەش ھەسسە، ياكى يىگىرمە ئالتە ھەسسە، ياكى يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق تۇرىدىغانلىقى.

3) بۇ ساۋابنىڭ قولغا كېلىشى ئادەمنىڭ نامازدىكى ئىخلاسىغا باغلىق ئىكەنلىكى.

4) ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان پەرىشتىلەرنىڭ ناماز ئوقۇغۇچىغا قىلغان دۇئاسىدىن مەلۇمكى، ناماز باشقا ياخشى ئەمەللەردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى.

5) ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتقاندەك:

الَّذِينَ يَحْمِلُونَ الْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ آَمَنُوا

«ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدە ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۇئمىنلەرگە مەغفىرەت تىلەيدۇ«. «قۇرئان كەرىم» سۈرە غافىر 7- ئايەت. پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى مۇئمىنلەرگە دۇئا قىلىش ئىكەنلىكى. ناماز ئوقۇغان ئادەمنىڭ تاھارىتى سۇنۇپ كەتمىگەن ۋە مەسجىدتە بىرەرسىگە ئازار بەرمىگەنلا بولىدىكەن، يۇقىرىقى ساۋابقا ئېرىشەلەيدىغانلىقى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان: «ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئىلمىي ئەزەلىدە تەقدىر قىلىپ يازدى. ئاندىن ئۇلارنى تەپسىلىي بايان قىلدى. كىمكى بىرەر ياخشىلىقنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ ئۇنى قىلالمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تولۇق بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ. ئەگەر ئۇ ياخشلىقنى كۆڭلىگە كەلتۈرسە ۋە قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون ياخشىلىقنىڭ ساۋابىدىن يەتتە يۈز ياخشىلىقنىڭ ساۋابىغىچە ياكى ئۇنىڭدىن زىيادە ساۋاب يازىدۇ. كىمكى بىرەر يامانلىقنى كەلتۈرۈپ ئۇنى قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تولۇق بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ. ئەگەر ئۇنى كۆڭلىگە كەلتۈرسە ۋە قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىر يامانلىقنىڭ گۇناھىنى يازىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىمكى بىر ياخشىلىقنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تولۇق بىر ياخشىلىقنى قىلغاننىڭ ساۋابىنى يازىدىغانلىقى، چۈنكى ياخشىلىقنى نىيەت قىلىپ بەل باغلاش ئۇنى قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى. ياخشىلىق قىلىشنىڭ سەۋەبىمۇ ياخشىلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى.

2) كىمكى بىرەر يامانلىقنى نىيەت قىلىپ، كېيىن باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن ئەمەس، ئاللاھ تائالادىن قورقۇش يۈزىسىدىن ئۇنى قىلىشتىن يانسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تولۇق بىر ياخشىلىق قىلغاننىڭ ساۋابىنى يازىدىغانلىقى، چۈنكى يامانلىقتىن يېنىشنىڭ ئۆزى ياخشىلىق بولۇپ، ساۋابقا لايىق ئىكەنلىكى. ئەگەر نېمىشقا يامانلىقنى نىيەت قىلغىنىغا گۇناھ يېزىلمايدۇ؟ دېيىلسە، يامانلىقتىن يېنىش نىيەتتىن كېيىن بولۇپ، نىيەتنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشاشتۇر.

إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ

«شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇد 114- ئايەت.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن ئۈچ كىشى ماڭە-ماڭە كەچ كىرىپ قېلىپ، بىر غارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدۇ. بۇ چاغدا بىر قورام تاش يۇقىرىدىن دومىلاپ چۈشۈپ، غارنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ تاشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن: ‹ئۆزئارا ھاياتىمىزدا ئىشلىگەن ئەڭ ئەۋزەل ئەمەلىمىزنى تىلغا ئېلىپ، ئاللاھ تائالاغا سېغىنايلى›، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى: ‹ئى ئاللاھ! مېنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانام بار ئىدى. مەن ھەمىشە ئالدى بىلەن ئاتا-ئانامنى غىزالاندۇرۇپ، ئاندىن ئەھلى-ئايالىم ۋە خىزمەتچىلىرىمنى غىزالاندۇراتتىم. بىر كۈنى مەن ماللىرىمنى ئوتلىتىش ئۈچۈن يىراق جايلارغا كېتىپ كەچرەك قايتىپ كەلدىم. ماللىرىمنى سېغىپ، سۈتىنى ئېلىپ كەلسەم، ئاتا-ئانام ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇلارنى ئويغىتىشنى ۋە ئۇلاردىن بۇرۇن ئەھلى-ئايالىم ۋە خىزمەتچىلىرىمنى غىزالاندۇرۇشنى خوپ كۆرمەي، تاڭ ئاتقانغا قەدەر قاچا قولۇمدا ئاتا-ئانامنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتتۈم. كىچىك بالىلىرىم قورسىقى ئاچ ھالدا ئايىغىمدا يىغلاپ تۇرۇشاتتى. ئاتا-ئانام ئويغىنىپ كەچلىك تامىقى بولغان سۈتنى ئىچىشتى. ئى ئاللاھ! مۇشۇ ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلغانلىقىمنى بىلگەن بولساڭ، بۇ تاشنى كۆتۈرۈۋەتكىن›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن قورام تاش بىر ئاز كۆتۈرۈلدى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭ بىلەن چىقىپ كېتەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ يەنە بىرى: ‹ئى ئاللاھ! مېنىڭ تاغامنىڭ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر قىزى بار ئىدى، (يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھېچقانداق بىر ئەر بىر ئايالنى مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمەيتتى»، دېيىلگەن.) مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ تەلىپىمنى رەت قىلدى. قەھەتچىلىك بولۇپ كەتكەن بىر يىلى ئۇ مېنىڭ قېشىمغا كەپتۇ، ئۇنىڭ ئىختىيارىنى ماڭا تاپشۇرۇش شەرتى ئاستىدا ئۇنىڭغا بىر يۈز يىگىرمە تىللا بەردىم. ئۇ تەلىپىمگە ماقۇل بولدى. ئۇنى نېمە قىلسام شۇنى قىلالايدىغان چېغىمدا (يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇنىڭغا يېقىنلاشماقچى بولغان چېغىمدا»، دېيىلگەن.) ئۇ: ‹ئاللاھ تائالادىن قورققىن، نىكاھسىز يېقىنلاشمىغىن›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تاشلاپ كەتتىم، ھالبۇكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭغا بەرگەن ئالتۇنلارنىمۇ ئۇنىڭدىن قايتۇرۇۋالمىدىم. ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ رازىلىقىڭنى دەپ شۇنداق قىلدىم. بۇ تاشنى بىزدىن كۆتۈرۈۋەتكىن›، دېۋىدى، تاش يەنە بىر ئاز كۆتۈرۈلدىيۇ، لېكىن ئۇلار بۇنىڭ بىلەن چىقىپ كېتەلمىدى. ئۈچىنچىسى: ‹مەن نۇرغۇن مەدىكارلارنى ئىشلەتكەنىدىم، مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىش ھەققىنى ئالماي كەتكەن بىر ئادەمدىن باشقا ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەرگەنىدىم. مەن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى ئىشلىتىپ كۆپەيتىپ قويدۇم. ئۇنىڭ ماللىرى كۆپىيىۋەردى. بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇ ئادەم كېلىپ: ‹ئى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى، مېنىڭ ئىش ھەققىمنى بەرگىن›، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: ‹سەن كۆرۈۋاتقان ئاشۇ نەرسىلەر، يەنى تۆگە، كالا، قوي ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ئىش ھەققىڭ›، دېدىم. ئۇ: ‹ئى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى، مېنى زاڭلىق قىلما›، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: ‹سېنى زاڭلىق قىلىۋاتقىنىم يوق›، دېدىم. ئاندىن ئۇ ھېچ نەرسىنى قويماي ھەممىنى ئېلىپ كەتتى. ئى ئاللاھ! مۇشۇ ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلغانلىقىمنى بىلگەن بولساڭ، بىزدىن ئۇ تاشنى كۆتۈرۈۋەتكىن›، دېدى. تاش پۈتۈنلەي كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇلار غاردىن چىقىپ كەتتى». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىلەرنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن قىيىن ۋاقىتلاردا بىر ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى تىلغا ئېلىپ دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، ئۇلارنى باشقا ھەر قانداق ئادەمدىن — خوتۇن، بالا-چاقىدىنمۇ ئارتۇقراق كۆرۈشنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى.

3) ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولۇش، بولۇپمۇ ئۇنىڭغا قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەشتەك خالىس نىيەت بىلەن ھارامنى تەرك ئېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

4) ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇئامىلىدە كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشنىڭ ئىسىل پەزىلەت ئىكەنلىكى.

5) بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەن ئادەمنىڭ چىن ئىخلاسى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراپ قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغانلىقى، ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ بولسا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقى.

6) ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر