سەۋەب ۋە نەتىجە
باش بەت > شېئىرىيەت گۈلزارى يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى:
سەۋەب ۋە نەتىجە
قۇرئانغا سالمىدى مۇئمىنلار قۇلاق،
پارچىلاپ دىنىنى بولۇشتى تارقاق،
قارا دەيدۇ بىرى يەنە بىرى ئاق،
بىرلىشەيلى ھەقتە دېسە دەيدۇ ياق.
ھەر گۇرۇھنىڭ يولى ئۆزىچە توغرا،
باشقىسى يىغلىسا چالىدۇ ناغرا،
ھەتتا كولايدۇ ئۆز دوستىغا ئورا،
شۇڭا كاپىر يەيدۇ تومنان ئۇ زاغرا.
قۇرئانسىز مۇسۇلمانلىق ئەمەس مۇمكىن،
ھەر گۇرۇھ دەيدۇ: «مەن مۇسۇلمان» لېكىن،
شۇڭا كاپىر خۇشال مۇسۇلمان غەمكىن،
كاپىر باي ھەر جايدا مۇسۇلمان مىسكىن.
[1] – ئال ئىمران 3/139، نۇر 24/55، مۇنافىقۇن 63/8.