قۇرئاندىكى قۇرئان
رەھمەت، شىپا، نەسىھەت، ھىدايەتتۇر بۇ قۇرئان[1]،
نۇردۇر، روھتۇر، زىكىردۇر، مۇبارەكتۇر بۇ قۇرئان[2]،
سۆزنىڭ ئەڭ چىرايلىقى، روشەن كىتاب بۇ قۇرئان[3]،
مۇئمىنلارغا بېشارەت، ئاجايىبتۇر بۇ قۇرئان[4].
غالىب كىتاب، باتىلدىن پاك-پاكىزدۇر بۇ قۇرئان[5]،
ئىنسانلارغا ئۇقتۇرۇش، چاقچاق ئەمەس بۇ قۇرئان[6]،
ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلۇر بۇ قۇرئان[7]،
زالىملارغا زىياننى ئارتتۇرىدۇ بۇ قۇرئان[8].
ئەسلىتىشتۇر، ئىلىمدۇر، راستتۇر، ھەقتۇر بۇ قۇرئان[9]،
ھېكمەتلىكتۇر، ئۇلۇغدۇر، ھەل قىلغۇچ سۆز بۇ قۇرئان[10]،
شۈبھىسىزدۇر، ئادىلدۇر، راۋۇرۇستۇر بۇ قۇرئان[11]،
ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى، ئەرەبچىدۇر بۇ قۇرئان[12].
ئاللاھ ئايەتلىرىنى بىر-بىرگە ئوخشايدىغان،
ھەم ئىككىدىن-ئىككىدىن ھالەتتە نازىل قىلغان[13]،
ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى ئىخچام ھەم ئېنىق قىلغان،
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەپسىلىي بايان قىلغان[14].
چىڭ تۇتقۇچىلارغا خۇش خەۋەرچىدۇر بۇ قۇرئان،
مۇخالىپ كەلگەنلەرگە تەنبىھچىدۇر بۇ قۇرئان[15]،
نەبىيمىزنىڭ مەڭگۈلۈك مۆجىزىسى بۇ قۇرئان[16]،
ئۇممىتىگە قالدۇرغان مىراسىدۇر بۇ قۇرئان[17].
ئەنەس ئالىم
2004
[1] يۇنۇس 10/57، ئىسرا 17/82، نەمل 27/77، فۇسسىلەت 41/44.
[2] نىسا 4/174، ئىنئام 6/92، 155، ساد 38 29، شۇرا 42/52، ھىجر 15 /6، 9، نەھل 16/44، قەلەم 68/51، ئەنبىيا 21/51.
[3] زۇمەر 39/23، مائىدە 5/15.
[4] بەقەرە 2/97، نەمل 27/2، جىن 72/1.
[5] فۇسسىلەت 41/41-42.
[6] ئال ئىمران 3/138، تارىق 86/14.
[7] يۇسۇف 12/111، نەھل 16/89.
[8] ئىسرا 177/82.
[9] مۇددەسسىر 74/54، ھاققە 69/48، رەئد 13/37، زۇمەر 39/33، مائىدە 5/ 48.
[10] زۇخرۇف 43/4، بۇرۇج 85/21، تارىق 86/13.
[11] بەقەرە 2/2، ئەنئام 6/115، كەھف 18/2.
[12] ئال ئىمران 3/103، يۇسۇف 12/2، فۇسسىلەت 41/4.
[13] زۇمەر 39/23.
[14] ھۇد 11/1.
[15] فۇسسىلەت 41/4.
[16] ئەنكەبۇت 29/51.
[17] رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ۋىدا ھەججىدە مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار، ئازمايسىلەر» (مۇسلىم، سەھىھ، ھەج، 19، 147 – (1218)؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، مەناسىك 1905؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن، مەناسىك 84 (3074). بۇ ھەدىس مەزكۇر ئۈچ مەنبەدە زىكىر قىلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدۇر).